ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

127 قېتىم چاۋاكتا ئۈزۈلگەن نۇتۇق

127 قېتىم چاۋاكتا ئۈزۈلگەن نۇتۇق

 

    جېن چىياڭ: خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورى، ئەسلىدىكى جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى. بۇ نوتۇقتا ئۇ بىر قىسىم راست گەپلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇتۇق 127 قېتىم چاۋاك بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ نۇتىقىدىن تەنقىدچىلىك ۋە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئېسىل ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

    ◆ چەتئەللىكلەر نېگىرلارنى ياقتۇرسا ياقتۇرۇدۇكى، جۇڭگولۇقلارنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى جۇڭگۇلۇقلاردا روھ كەمچىل؛

    ◆ نۇرغۇن كىشىلەر رۇسىيىنى مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن مەن رۇسىيىنىڭ تەرەققىي قىلالىشىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى رۇسىيىلىكلەر ئىككى كۈن تاماق يېمىسىمۇ يەنىلا ئۆچىرەتنى بۇزمايدۇ. لېكىن، جۇڭگولۇقلار پەقەت ئىككى ئادەم بولسىمۇ قىستىلىشىپ قىلمىغانلىرى قالمايدۇ.

    ◆ ياپونلۇقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلالىشى، بىزدىن نۇرغۇن خائىنلارنىڭ چىققانلىقىدا. ئەگەردە، كەلگۈسىدە ياپونلار جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلسا يەنە خائىن چىقامدۇ؟ چىقسا كەلگۈسىدە جۇڭگولۇقلاغا كىم خائىنلق قىلىدۇ؟ مېنىڭچە، تۆۋەندە ئولتۇرغانلاردىن نۇرغۇنلىرى خائىن بولۇپ چىقىشى ئېنىق. چۈنكى، سىلەر ۋەتەنپەرۋەرلەرنى

مەسخىرە قىلىسىلەر، پۇل ۋە ھوقۇققا چۇقۇنىسىلەر، غايە ۋە ئېتىقادنى كەمسىتىسىلەر.

    ◆ ھازىر كىم خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؟ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن «سەر خىل» ئوقۇغۇچىلار! چۈنكى ئۇلار ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى رىقابەتلىشىپ يېڭىشى ئۈچۈن «تۆھپە» قوشۇۋاتىدۇ.

    ◆ بىز تارىخنىڭ قىممىتىگە سەل قارايمىز، يېڭى بىنالار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايمىز. ئەگەر سىز فىرانسىيىنىڭ پارىژ  شەھىرىگە بارسىڭىز ئاساسەن يىڭى سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى كۆرەلمەيسىز. ئۇلار تارىخ جۇغلانمىسىدىن پەخىرلىنىدۇ، بىز بولساق بىنا چېقىش ۋە يېڭىسىنى سېلىش بىلەن ئۆزىمىزنى قىينايمىز.

    ◆ مائارىپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى جان ساقلاشنى ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى قىزىقىش يېتىلدۈرۈش روھنى ئۇرغۇتۇش، ئەلۋەتتە. مائارىپ ئارقىلىق جان ساقلاشنى ۋە تەرەققىياتنى مەلۇم دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىز بۇنىڭغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتتۇق.

    ◆ جۇڭگو كەلگۈسىدە ناھايىتى باي دۆلەتكە ئايلىنىدۇمۇ دەيلى، لېكىن بىز ئاشۇ ئېسل ماشىنىدا ئولتۇرغان جۇڭگو بايلىرىنىڭ ماشىنا دەرىزىلىرىدىن تۈكۈرگىنىنى، ئەخلەت تاشلاۋاتقىنىنى كۆرىمىز. ئەگەر ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولمىسا جۇڭگو بېيىغان تەقدىردىمۇ كۈچلىنەلمەيدۇ.

    ◆ جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىدا كەم بولغىنى تېخنىكا ئەمەس، پۇلمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا كەم بولغىنى مەسئۇلىيەتچانلىق روھى. ئۇلار ھېچ بولمىغاندا تاماشىبىنلارغا مەسئۇل بولىشى كىرەك ئىدى.

    ◆ كەلگۈسى يىگىرمە يىلدا جۇڭگولۇقلار بىلىمگە چوقۇنىشى ھەرگىزمۇ ھوقۇققا چوقۇنماسلىقى كىرەك. بۇ جەھەتتە بىز ياپونىيىدىن ئۈگىنىشىمىز لازىم. ياپون مىللىتىنىڭ بىلىمگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى چېكىگە يەتكەن. لېكىن ھازىر جوڭگودا ئازراق پۇلى بار، ھوقۇقى بار كىشىلەر، مەيلى ئۇ بىر كىچىك بۆلۈمچە باشلىقى بولسۇن كۈچىمەيلا پىراففىسورنىمۇ قەدىر – قىممىتى يوق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ.

    ◆ ياپونلۇقلار جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغىنى ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايدۇ؟ ياپونىيە ساماۋى پادىشاھى نېمە ئۈچۈن گۇناھىغا تۆۋە قىلمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ياپونىيىنىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە تارىخىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. ئەكسىچە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ ۋەزنى يوق. شۇڭا ئۇلار كۆرمىگەنگە- ئاڭلىمىغانغا سېلىۋالىدۇ.

    ◆ مائارىپ بىزگە ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىشى كىرەك. لېكىن، ھازىر  بىز

چەتئەللىكلەرنى كۆرسەك چوڭ بىلىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي كېتىمىز، قىزلار بولسا ئەڭ ئەبگا

چەتئەللىكلەرنى كۆرسىمۇ ئۇلارغا ياخشى كۆرۈنگىسى كىلىدۇ... ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيىدە

ئوقۇغانلاردىن قايتىپ كەلگىنى مەن بىرلا، لېكىن ياپونلار مېنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىدى. چۈنكى

مەندە ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىدىغان روھ بار، غۇرۇر بىلەن ياشىيالىدىم.

    ◆ ئەسلىدە جوڭگوغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنۋېرسىتېتلاردىن ئاز دېگەندە ئوننى قۇرالىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن مەن چەتئەللەرگە چىقىپ كۆرۈپ كىرگەندىن كىيىن، جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى دۇنيادىكى دەرىجلىك ئۇنۋېرسىتېتلاردىن بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ كوممۇنىزىم غايىسگە ئوخشاش بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

    ◆ ھازىر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپىدا «گەپ ئاڭلاشنى ئۆگىتىش» ئاساسلىق مائارىپ ئۇسۇلى بۇلۇپ قالدى. ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ كادىرلىرىنى باشقۇرىدۇ، سىنىپ كادىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرىدۇ. بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا مۇشۇ خىل ياشاش ئۇسۇلىغا كۈنۈپ كەتكەن. بۇ كىشىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق! بۇنداق ئۇسۇلدا تەربىيىلەنگەن بالىلار خۇشامەت قىلىشنى، مۇئەللىمنىڭ ئامراقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان چوڭلارنىڭ گېپىنى قىلىشنى ئۈگىنىدۇ ...

    ◆ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگۇلۇقلار، بولۇپمۇ بايلار نىمە ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ

كېتىشنى تاللايدۇ؟ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە خەلقنى دۆلەتنى سۆيىدىغان روھقا ئىگە قىلىش كىرەك ... . ئەگەر مەن خاڭجۇنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان بولسام، خاڭجۇدا بىرەر ئاپەت يۈز بېرىپ قالسا ئالدى بىلەن چەتئەللىكلەرنى ئەمەس، ئۆز پۇقرالىرىمنى بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانسارايغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ چەتئەللىكلەرنى بولسا سىرتتا ئۆچىرەت كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇراتتىم. مۇشۇنداق بولغاندىلا خەلق دۆلەتنى سۆيىدىغان بولىدۇ.

    ◆ بىزنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى باشقا دۆلەتكە زىيارەتكە بارغاندا، بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆزىنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۈزىنىڭ ئىنتايىن يۈزى باردەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما چەتئەلدىن مىھمان كەلسە، دەرھال ساقچى ماشىنىلىرى يول ئېچىپ ماڭىدۇ. بۇ قانداق قائىدە؟ ئۆزىمىزنى خۇددى ناھايىتى چوڭ ئىش قىلغاندەك ھېس قىلغان بىلەن چەتئەللىكلەر بۇ ئىشقا ئىچىدە كۆلىدۇ.

    ◆ مائارىپ ئالدى بىلەن كىشىلەرگە ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشى كىرەك. ئەگەر سىزدە ئادىمى ساپا بولمىسا ھەرقانچە تىل ئۆگەنسىڭىزمۇ يوقىرى ئۈنۋانغا ئېرىشسىڭىزمۇ ھەممىسى شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت خالاس.

 

 (مەلۇم كىشىنىڭ تەرجىمىسى. WeChat تىن ئېلىندى. 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى)


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ