ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا ئىپون ۋىلايىتى دىنىي ئىشلار رەئىسىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-10 16:37:50 جەمئى 1123 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا ئىپون ۋىلايىتى دىنىي ئىشلار رەئىسىنى زىيارەت قىلدى

 ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا ئىپون ۋىلايىتى دىنىي ئىشلار رەئىسىنى زىيارەت قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.

مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى
 10 يانۋار چۈشتىن كېيىنكى زىيارىتىدە مالايسىيا پېراك ئۆلكىسى ئىپون ۋىلايىتى دىنىي ئىشلار رەئىسى دوكتور ھاجى مۇھەممەد يۇسۇف ھۇسەينىنى  زىيارەت قىلدى. ھەيئەت زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىىيىتى ھەققىدە ئۇنىڭغا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ھۆرمەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارە  رەئىسى پېراك ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن جامىلەردىكى خۇتبىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ