ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆتكەن يىلى 2- ئايدا «چەتئەلدە مۇسابىقىگە قاتناشتى » دېگەننى باھانە قىلىپ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان جياڭسۇ «سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ھوجۇمچىسى ئىرپان ھېزىم لاگېردىن قوۇيۇپ بېرىلگەن.

 ئىرپان ھېزىمجان خىتاينى ماختاشقا مەجبۇرلاندى 

2- ڧېۋرال ئىجتىمائىي ئۈچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلىق ڧىلىمدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۆتكەن يىلى 2- ئايدا «چەتئەلدە مۇسابىقىگە قاتناشتى » دېگەننى باھانە قىلىپ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان جياڭسۇ «سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ھوجۇمچىسى ئىرپان ھېزىم لاگېردىن قوۇيۇپ بېرىلگەن.
ئىرپان ھېزىم قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن « خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا خەلق بۇنچىلىك بەختىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى، شۇ سەۋەبلىك مەن پارتىيە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەندە سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغان.
ئىرفان ھېزىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن بولۇپ، بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن. 15 ياشتىن باشلاپ خىتاي پۇتبول كوماندىسىدا توپ تەپكەن. ئۆتكەن يىلى 2 ‏-ئاينىڭ ئاخىرى كوماندىنىڭ قىشلىق دەم ئېلىش ھەپتىسىدە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتى دۆربىلجىنگە بارغاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبىسز تۇتۇلۇپ « لاگېر» غا قامالغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ