ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

30 يىلغىچە تەسلىم بولمىغان ياپون ئەسكىرى

30 يىلغىچە تەسلىم بولمىغان ياپون ئەسكىرى

(تەرجىمە ئەسەر)  

ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيەنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلاپ، 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما (Hiroşima) ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلايدۇ. يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىككىنچى قېتىم ناگاساكى (Nagasaki) ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تەسلىمنامىگە قول قويۇپ، شەرتسىز تەسلىم بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1939-يىلى باشلانغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

گەرچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ياپونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھىرو ئونودا (Hiroo Onoda) غا ئوخشاش بەزى ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى.

ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىككى مىليوندىن كۆپ ئەسكەر زىيان تارتقان بولغاچقا، ھەربىي كۈچى كۈندىن كۈنىگە ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. ياپونىيە 1944-يىلى فىلىپپىن قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئاراللىرىغا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئەسكەرلەر مېڭىشتىن بۇرۇن «ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكەر قالسىمۇ، قەتئىي تەسلىم بولماسلىق، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماسلىق، ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىش...» بۇيرۇقى بىلەن ئەۋەتىلگەن ئىدى. لېيتېنانت ھىرو ئونودامۇ مۇشۇ ئەسكەرلەردىن بىرسى ئىدى. ئۇ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى (ئۇرۇش ئاياغلىشىشتىن 9 ئاي بۇرۇن) مايور يوشىمى تانىگۇچى تەرىپىدىن فىلىپپىننىڭ لۇباڭ ئارىلىغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا 23 ياشتا بولۇپ، ۋەزىپىسى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىش بىلەن بىرگە، ئالاقە-ئۇچۇر توپلاش ئىدى.

ھىرو ئونودا لۇباڭ ئارىلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يۇئىچى ئاكاتسۇ، شوئىچى شىمادا، كىنشىچى كوزۇكا قاتارلىق سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆت كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بولۇپ، لۇباڭ ئارىلىنىڭ ئورمانلىقلىرىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ياپونىيە تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ئۇ يىللاردا ئالاقە-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلمىغاچقا، ئۇلارغا ئوخشاش ئاراللاردىكى كۆپلىگەن ياپون ئەسكەرلىرى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خەۋەرسىز قېلىپ، يەنىلا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ياپونىيە ئەسكەرلىرى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقان ئاراللارغا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ئىمزالىغان، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا دائىر تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تاشلايدۇ. ئەمما ھىرو ئونودا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى «بۇلار ئامېرىكىنىڭ بىرخىل پىسخولوگىيەلىك ئويۇنى» دەپ چۈشىنىپ، پىسەنت قىلمايدۇ.

ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ، 1959-يىلى ھىرو ئونودانىڭ ئائىلىسى ئۇنى ئۆلدى، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەبرە قاتۇرىدۇ.

1949-يىلى 9-ئايدا يۇئىچى ئاكاتسۇ فىلىپپىن ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ.

1954-يىلى شوئىچى شىمادا فىلىپپىن ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلىدۇ. 1972-يىلى كىنشىچى كوزۇكامۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھىرو ئونودا ئۆزى يالغۇز قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەي، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇ ئۇرۇش جەرياندا ئوتتۇزغا يېقىن فىلىپپىن ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يۈزگە يېقىن ئەسكەرنى يارىدار قىلىدۇ. قورسىقى ئاچسا ئورمانلىقتىكى كوكۇس، بانان قاتارلىق مېۋىلەرنى يەپ كۈن كەچۈرىدۇ، ھەرخىل يىلان، چايان ۋە زەھەرلىك ھاشاراتلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. كىيىملىرى يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتسە، دەل-دەرەخلەرنىڭ تاللىرىدىن ياسىۋالغان يىپ-يىڭنىلىرى بىلەن تىكىپ كىيىدۇ.

ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ، 1974-يىلىغا كەلگەندە، ياپونىيەلىك نورىئو سۇزۇكى ئىسىملىك بىر ساياھەتچى فىلىپپىنغا بېرىپ، كۈتمىگەن يەردىن ئورمانلىقتا ھىرو ئونودا بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ھىرو ئونودا نورىئو سۇزۇكىنى قارىغا ئېلىپ ئاتماقچى بولغاندا، گېزىت خەۋەرلىرىدىن ئاراللاردا قالغان ياپونىيە ئەسكەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئوقۇغان نورىئو سۇزۇكى دەرھال ئۇنىڭغا: «ئىمپېراتور ۋە ياپونىيە خەلقى سېنىڭدىن بەكمۇ غەم قىلماقتا، ئەمدى بولدى قىلىپ، قورالىڭنى تاشلىغىن» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھىرو ئونودا ئۇنى ئېتىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭغا: «مەن مايور يوشىمى تانىگۇچىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ بۇيرۇقىسىز قورال تاپشۇرمايمەن» دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان نورىئو سۇزۇكى دەرھال ياپونىيەگە قايتىپ كېلىپ، يوشىمى تانىگۇچىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا يوشىمى تانىگۇچى ھايات بولۇپ، كىتابچىلىق قىلىۋاتقان ئىدى.

مايور يوشىمى تانىگۇچى ياپونىيەنىڭ بىر ھەيئىتى بىلەن فىلىپپىنغا بېرىپ، ھىرو ئونودا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھىرو ئونودا 30 يىل بۇرۇنقى مايور يوشىمى تانىگۇچىنى تونۇيدۇ ۋە: « لېيتېنانت ھىرو ئونودا بۇيرۇقىڭىزغا تەييار» دەپ ھەربىيچە سالام بېرىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن مايور يوشىمى تانىگۇچىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قورال-ياراغ، ئوق-دورىلىرىنى تاپشۇرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ياپونىيەنىڭ بۇ قەھرىمان ئەسكىرى ئۈچۈن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغىنىغا 30 يىل، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ 29 يىلدىن كېيىن، 1974-يىلى 12-ئايدا ئاندىن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى كېيىن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ھىرو ئونودانى كەچۈرۈم قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ يولى ئېچىلىدۇ. ئۇ ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا مىڭلىغان ياپونىيە خەلقى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنىدۇ ھەمدە «ياپونىيە مىللىي قەھرىمانى» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.

ھىرو ئونودا ياپونىيەدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا 23 ياشتا بولۇپ، دۆلىتىگە 52 يېشىدا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى «تەسلىم بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، 30 يىللىق ئۇرۇشۇم» ئىسىملىك بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ.

 ھىرو ئونودا 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 91 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇ دۇنيا تارىخىدا مۇتلەق ئىتائەت ۋە ساداقەتنىڭ تەڭداشسىز ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

https://listelist.com/30-yil-savasan-japon-askeri/

https://www.dunyahalleri.com/30-yil-boyunca-teslim-olmayan-asker/

https://www.youtube.com/watch?v=9i14H1HNxVU


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ