ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

2019-يىلى خىتاي ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولۇشى مۇمكىن؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-12 09:44:01 جەمئى 6335 قېتىم ئوقۇلغان.

2019-يىلى خىتاي ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولۇشى مۇمكىن؟

2019-يىلى خىتاي ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولۇشى مۇمكىن؟

 

يېقىندا مەلۇم بىر جۇرنالدا 2019-يىلى خىتاي دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان 10تۈرلۈك كرېزىس رەتكە تىزىپ ئېلان قىلغان.

 بۇ ئون كرېزىسنىڭ بىرىنجىسى:

ئامېرىكا - خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ چوڭ توقۇنۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

ئىككىنجىسى: خىتاي ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەيدۇ.

ئۈچىنچىسى: شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

تۆتىنجىسى: مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نازى كامپلىرىغا قامىلىشى، ئۇيغۇرلار ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

بەشىنجىسى: خىرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقلار نەتىجىسىدە قارشىلىق كۈچىيىدۇ.

ئالتىنجىسى: پېنسىيىگە چىققان ھەربىيلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالىدۇ.

يەتتىنجىسى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچيىدۇ

سەككىزىنجسى: بىر بەلۋاغ ، بىر يول ستراتېگىيىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، چېگرا رايونلاردا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ناچارلىشىشقا باشلايدۇ.

توققۇزىنچى: ساختا ۋاكسىنا ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى

ئونىنجىسى: سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

بۇ ئون تۈرلۈك خىتاي ھاكېمىيىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەر قاتارىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى 4-ئورۇنغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يەنى سودا ئۇرۇشى، ئىقتىسادىي چېكىنىش، شىمالىي كورىيە مەسلىسىنىڭ كەينىگە تىزىلغان. بۇ دېمەك ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ھاكېمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا قايسى دەرىجىدە تونۇلغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەلقئارانى لاگىرلار مەسىلىسىدە ئالدامچىلىق قىلىشقا ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچى دوست دۆلەتلەردىن كەلگەن تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ئىشلىگەن ساختا تەشۋىقات فىلىملىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئۈچۈنمۇ تەييار لايىھىلەپ قويغان ساختا ئويۇنلىرى بىلەن ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، دۇنيانىڭ كۆزىدىن يوق قلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائىتىنىڭ نارازىلىقىسىز پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. يەنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نازى كامپلىرىغا قامالغان مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھاياتى ۋە بارلىق ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم بولۇشى بەدىلىگە خەلقئارالىق چوڭ  بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتى بىلدى.

بىزنىڭ مەسلىمىزنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىشى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، يېڭى بىر يىلدا بىز بۇ شارائىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساقلا چوقۇم كىشىنى خۇشال قىلىدىغان زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشمىز مۇمكىن.

نۆۋەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ماجراسى ئاخىرقى تاللاش باسقۇچىغا كەلگەن بولۇپ، پرېزدېنت ترامپنىڭ تەلىپى بويىچە 2019-يىلى 1-مارتتىن بۇرۇن خىتاي چوقۇم ئامېرىكىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى ئورۇنلىشى كېرەك. ئەمما شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى ئىنكاسىدىن قارىغىنىمىزدا ئۇ <ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلەرنى ئۆزگەرتىمىز، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلارنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيمىز> دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. دېمەك شى جىنپىڭنىڭ ترامپ بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالىشىدىن ئۈمىد چوڭ ئەمەس. شى جىنپىڭ  ئىسلاھات قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە خىتايدا چەتئەل كارىخانىلىرىنىڭ چەكلىمىسىز مەبلەغ سېلىپ، تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش، ئىنتېرنېتقا تام قويماسلىق يەنى ئىنتېرنېتنى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىش، چەتئەل ماللىرىغا باجنى كېمەيتىش ياكى يوقىتىش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشقا قوشۇلسا، ئېچىۋېتىلگەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى خىتاي خەلقىگە ئاشكارىلىنىدۇ. چەتئەل كارىخانىلىرىنىڭ چەكلىمىسىز خىتايغا مەبلەغ سېلىشى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارىخانىلارغا بېرىدىغان ياردەمنى توختىشىشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارىخانىلىرىنىڭ چەتئەل كارىخانىلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتىكى ئەۋزەللىكى يوققا چىقىدۇ-دە، ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. چەتئەل ماللىرىغا ئېلىنىدىغان باجنىڭ بىكار قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ئەرزان باھادا خىتاي بازارلىرىغا كىرىدۇ- دە،خىتايدىكى سۈپەتسىز مەھسۇلاتلار بازاردىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي كەلگۈسىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.دېمەك 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خىتايغا بېرىلگەن مۆھلەت ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر ترامپ خىتاينىڭ ۋاقىت خورىتىپ مەقسىتىگە يېتىش ھېيلىسىگە ئالدىنىپلا قالمىسا 1-مارتتىن كېيىنكى ئىشلار باشقىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن.

يېقىندا بىز   خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولۇۋاتقانلىقى ۋە چەتئەل كارىخانىلىرىنىڭ خىتايدىن كۆپلەپ چېكىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەرلەردىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.....تۈرلۈك ۋەقەلەر شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى نۆۋەتتە ئىچى ۋە سىرتتىن كەلگەن قاتتىق بېسىم ئاستىدا ئالدىغا ماڭسىمۇ ، كەينىگە چېكىنسىمۇ ھالاكەتتىن باشقا بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بارا - بارا ئورتاق قاراشقا ئايلىنىۋاتىدۇ.

داۋامى بار...

تەييارلىغۇچى: ئاسىيە ئۇيغۇر

http://news.mingjingnews.com/2019/01/2019_3.html


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ