ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(2) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-15 18:06:17 جەمئى 23336 قېتىم ئوقۇلغان.

(2) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

(2) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

(5) خىتاينىڭ تۈرمە ئىچىدە قەستەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان چەكلىمىلەر بىلەن جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقى بۇزۇپ يۇشۇرۇن  قىرغىن قىلىشى    
1997- يىلى يازدا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى «تۇرمە ئىچدە دىنى  پائالىيەتلەرنى چەكلەش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلدى. بۇ بەلگىلىمىنى قاتتق ئىجرا قىلىپ ناماز ئوقۇغانلارنى  500 كىلوۋاتلىق توك كالتىكىدىن ئىككى ياكى ئۈچنى قوشلاپ يېقىپ جازالاشقا باشلىدى. بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاشتا نۇرغۇن مەھبۇسلار ھاياتىدىن ئايرىلدى. مەسىلەن: 98- يىلى10-ئايدا ئاتۇشلۇق ئەخمەت ھاجىمنى( سىياسى تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلدى ، دەپ بەش يىل ھۆكۈم قىلىنغان) « ئايەت ئوقۇدۇڭ» دېگەن باھانە بىلەن  500 ۋات ۋە 1000  ۋاتلىق توك كالتىكىنى قوشلاپ يېقىپ  كۆز ئالدىمىزدىن جەسەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

بىر ئېغىز خىتايچە بىلمەيدىغان مەھبۇسلارنى خىتايچە «تۈرمە قائىدسى»نى يادلاشقا مەجبۇرلاپ خورلىدى. قەستەن ئۆچ ئېلىش ۋە باھانە تېپىپ جازالاش ئۈچۈن، بىر ئېىغىز ختىايچە بىلمەيدىغان مەھبۇسلارنى 3000 خەتلىك خىتايچە قائىدىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە يادلاشقا مەجبۇرلىدى.
98-يىلى ئەتىيازدا «بارىن ئىنقىلابى ( 1990 يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارىشى ئىلىپ بېرىلغان ھەرىكەت »دا مۇددەتسىز جازالانغان دىنى ئۆلىما مەرھۇم تۇرغۇن قارىمنىڭ كېسلىنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇپ زىيانكەشلىك قىلدى. ئەمەت قارىمنى «ناماز ئوقۇدى » دېگەن باھانە بىلەن قاراڭغۇ ئۆيدە(خىتاينىڭ تۈرمە ئىچىدىكى ئورۇنسىز مۇئامىلىلىرىگە، تىل ھاقارەتلىرىگە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەمگەككە مەجبۇرلايدىغان، دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان، دىنى غورورىغا تېگىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ۋە خەتلەرنى يېزىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى رەت قىلغان مەھبۇسلارنى سۇلاپ جازالايدىغان تۈرمە ئىچىدىكى تۈرمە)  ئىككى ۋاقىت تاماق بېرىپ ئاچ قويۇپ ئىشكەل، تاقاقلار بىلەن تاختايغا  مىخلاپ ( ياغاچ ئىشىكنىڭ قانىتىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت دانە ھالقا قېقىلغان بولۇپ، مەھبۇسنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ مەھبۇسنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتىنى كەرىپ ئىشك قانىتىغا بېكىتىلگەن تۆت ھالقىغا تۆمۈرچى ياسىغان قوپال قارا تاقاق بىلەن باغلاپ كېچە-كۈندۈز ئاجراتمايدىغان بىر خىل جازالاش ئۇسۇلى) سوغۇقتا ئىشك-دەرىزىلەرنى  ئېچىۋېتىپ، ئىسسىقتا ئىشىك – دەرىزىلەرنى چىڭ يېپىپ دۈملەپ جازالاپ  ئاش - نان بەرمەي ئاچلىقتا ئۆلتۈردى.

11- سىنتەبېر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ نىشانى جازالاپ ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى ئۆچ ئېلىپ قىرغىن قىلىشقا ئۆزگەردى. تۈرمە ئىچىگە قاماپ رازى بولمىغان خىتاي  مەھبۇسلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىنى بەربات قىلىش ھەمدە دىنى پائالىيەتنى چەكلەش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشقا، ھەتتا يۈزىنى يۇيۇشقا روخسەت قىلمىدى. تاھارەت ئېلشىقا روخسەت قىلىنمىغاندا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنى بىلگەن گۇندىپايلار تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەش ئۈچۈن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان «يۈزۈڭنى سىلاشتۇرساڭ ياكى تۇتساڭ دوكلات قىلىپ روخسەت ئالىسەن»دېگەن قائىدىنى چىقاردى. 

«كامېر ئىچىدە ئورنۇڭدىن تۇرساڭ روخسەت ئالىسەن، ئورنۇڭدا ئولتۇرساڭ ياكى ئورنۇڭدىن تۇرماقچى بولساڭ روخسەت ئېلىپ تۇرىسەن»دېگەن قائىدىنى چىقاردى. 
ھەر قانداق ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغان ھامان بېشىنى تۇتۇپ 80 گرادۇس ئېگىلىپ مېڭىش قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۇ قائىدە تاياق – توخماق ھاقارەتلەر بىلەن يولغا قويۇلدى. ھەممە كىشى ئېگىلىپ ماڭغان بولغاچقا ئالدىدا ماڭغانلار توختىسا، ئارقىدىن ماڭغان كىشى ئالدىدا ماڭغان كىشىنىڭ پەللىكىگە ئۈسۈپ توختايتتى. ھەر كۈنى كەچتە بىر قانچە گوندىپاي كەتمەن ساپلىقى، توك كالتىكى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كامىرغا بىرمۇ – بىر كىرىپ يوقلىما قىلاتتى. قايسى  كامېرىدىكى نازارەتچى كامېر ئىچى ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ«بىزنىڭ كامىردا پالان ۋە پالاپ روخسەت ئالماي ئورنىدىن تۈردى. دوكلات قىلىماي باشقىلارغا گەپ قىلدى. دوكلات قىلماي بېشىنى سىلاشتۇردى. ئاۋاز چىقارماي ئېغىزىنى مىدىرلاتتى، ياكى كېچىدە ياتقان ئورنىدا ئۇياق – بوياققا ئۆرۈلدى» دەپ دوكلات قىلغان ھامان، دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلارنى بىر- بىرلەپ ئالدىغا چىقىراتتى. 500 ۋات ۋە 1000 ۋاتلىق توك كالتىكىنى تىلى، بوينى، قولتۇقى، ئەۋرىتى قاتارلىق ئەڭ سەزگۈر ئورۇنلىرىغا ياقتى. ھەر كۈنى يوقلىما مەزگىلىدە كامىرى كارىدورى يىغا ۋە چىرقىرىغان ئاۋازلار بىلەن تولدى. گۇندىپايلار توك كالتىكىدىن بىرنى ئەمەس ئىككى ياكى ئۈچنى قوشلاپ ياقىدىغان بولغاچقا، جازالانغان مەھبۇس ئۆزى تۇيمىغان ھالدا ۋارقىراپ سالاتتى. قايسى كامىرغا گۇندىپايلار كىرپ ئۈچ -تۆت مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن مەھبۇسلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلايتتى.  بۇنى ئاڭلىغان باشقا كامىردىكى مەھبۇسلارنىڭ يۈرەكلىرى سىيرىلاتتى. بۇ قائىدە سەۋەبىدىن ئىككى – ئۈچ توك كالتىكى قوشلاپ يېقىلىپ جازالانغان بىر قىسىم مەھبۇسلار ئىشتىنىغا چىقىرىۋېتەتتى. ھەتتا بىر قىسمىنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلۈمدىن ئبارەت راھەتكە چىققاتتى.

1999- يىلىدىن باشلاپ خىتاي  سىياسى مەھبۇسلارنى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان ئۇسۇلدا خورلىدى :«پاكىزە سۇدا يۈزىنى يۇسا ناماز ئوقۇيدۇ، ئايەت ئوقۇۋالىدۇ»دەپ قاراپ، خىتايلارنىڭ پۇت ۋە يۈز –قولىنى بىر داستا يۇيۇش ئادىتى بويىچە يۈز يۇيۇشقا مەجبۇرلىدى. 

ئەتتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن داسقا قۇيۇلغان  ئككى كىلو ئەتراپىدىكى سۇ بىلەن 6 مەھبۇسنىڭ يۈز-قولىنى يۇيۇشقا مەجبۇرلىدى. داستىكى سۇ بىلەن تۆت مەھبۇس يۈز قولىنى يۇغاندىن كىيىن سۇنىڭ رەڭگى قارىداپ كېتەتتى. قالغان مەھبۇسلار مەينەت بولۇپ رەڭگى قارا بولۇپ كەتكەن سۇ بىلەن يۈز يۇيۇشقا مەجبۇرلاندى. 
2000- يىلى مۇنداق بىر ۋەقە يۈزبەردى: غۇلجۇلۇق ئوسمان قۇربان ئسىملىك مەھبۇس داستىكى مەينەت سۇدا يۈز-قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، سۇخانىغا يۇندە تۆككىلى چىققان. ئوسمان قۇربان پاكىزە سۇدا يۈز-قولىنى يۇيىۋىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تۈربىدىكى پاكىزە سۇدا يۈزىنى يۇغان. بۇنى كۆرۈپ قالغان نازارەتچى گۇندىپايغا: « ئوسمان قۇربان پاكىزە سۇدا يۈز يۇيۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولدى» دەپ  مەلۇم قىلدى . گۇندىپاي ئوسمان قۇرباننى توك كالتىكى بىلەن يېقىپ قاتتىق ئۇرغاندىن كىيىن، ئۈچ كۈنگىچە ھايۋاندەك تۆت پۇتلۇق  بولۇپ مېڭىشقا مەجبۇرلىدى ھەمدە تۆت پۇتلۇق بولۇپ ماڭغۇزۇپ، «پاكىزە سۇدا يۈز-قول يۇيۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولغان»دەپ كامىرلارغا بىر- بىرلەپ ئېلىپ كىرىپ سازايى قىلدى. 
خىتاينىڭ يەنە بىر ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان، خەلقئارادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان  بىر خىل چەكلىمىسى بار ئىدى . ئو بولسىمۇ مەھبۇسلار ئىچىدىن ئېغىزى مىدىرلاپ ئەۋازىنى سىرىتقا چىقارمىغانلارنى« ئايەت ئوقۇدۇڭ ياكى ناماز ئوقۇدۇڭ» دەپ تۆھمەت ئارتىپ 60- يىللاردىكىدەك «كۈرەش»قىلىپ خورلىدى.
مەسىلەن:«تاھارەت ئالدى ياكى ئايەت ئوقۇدى» دەپ  تۆھمەت ئارتىلغان مەھبۇسنىڭ بوينىغا «قانۇنسىز دىينى پائالىيەتكە قاتتىق زەربە بىرەيلى»، «ئۆزگەرمەس ئۇنسۇرلارنى يوقىتايلى»دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي ئاستى.
مەھبۇسلارنى قاتتىق خورلاش، قىيناش ئۈچۈن تەييالانغان تاختاي تۆۋەندىكىدەك ياسىلاتتى: 
تاختاينىڭ ياسىلىشى- ئىككى تاختىنى جۈپلەپ ئارسىدا بوشلۇق قويۇپ، بوشلۇققا قۇم ياكى شېغىل تاش قاچىلىناتتى. تاختاينىڭ ئۈستى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىن تېشىپ،  سىم ئۆتكۈزۈلەتتى. 
تاختاي ئوتتۇرىسىدىن  ئۆتكۈزۈلگەن سىم  مەھبۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلاتتى.  قۇم شېغىلنىڭ  ئېغىرلىقى، سىمنىڭ ئىنچىكىلىكى سەۋەبىدىن تاختاي مەھبۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ   بەش مىنۇت ئۆتكەندە سىم مەھبۇسنىڭ بوينىنى قىرىپ قان چىقىراتتى. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن قىينىغاندىن كىيىن ئاچ قويۇش ،قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ  قىيناش ،قولىنى تەتۈرسىگە باغلاپ ئېسىپ قىيناش قاتارلىق قىيناش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىبادەت قىلماسلىققا كۆندۈرەتتى.
ئوميۈزلۈك ئىسلامدىن چىقىرىش ئىسلامىي پەردىشەپكە ئەمەل قىلىشتىن چەكلەش ئۈچۈن، ئوپچى مۇنچىغا كىرگەندە كالتە ئىشتان كىيىشنى چەكلەپ، ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يۇيۇنۇشقا مەجبۇرلىدى. مۇنچىدا يۇيۇنۇۋېتىپ ئېغىزىنى چايقىغانلارنى «تاھارەت ئالدى» دەپ تۆھمەت ئارتىلىپ يۇقۇرىقىدەك ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھال قىلغان ۋاستىلەر بىلەن جازالاندى.     

6) ئوتتۇرا ئەسىردىكى قوللۇق دەۋرىنىڭ جازالاش قورالىرى ۋە قوللۇق دەۋرىنىڭ ئەمگەك تۈزۈمى بىلەن قىرغىن قىلىش

ھازىرقى ئنسانىيەت ئىلغار مەدەنىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتقان مەزگىلدە خىتاي تۈرمىسىدە      10 ئەسىر بۇرۇنقى قۇللۇق دەۋرىنىڭ جازا قوراللىرى ھېلىھەم مەۋجۇت .

2005- يىلى 4- ئايدا مىنى « ئەمگەك ۋەزىپەڭنى ئورۇندىمىدىڭ» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۈرمە ئىچىدە تەسىس قىلىنغان قاتتىق جازلاش ئورنىدا جازالىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردە قەدىمكى قۇللۇق دەۋرىدىنمۇ ئېغىر ئەمگەك تۈزۈمى بار بولۇپ، بىر كۈندە 15 سائەت ئەمگەككە سالىدۇ. ئەمگەك ۋەزىپە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ تەڭ كېچىگىچە ئىشقا سالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. خىتاينىڭ يولسىزلىقى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەمگەك قائىدىسىگە قايىل بولماي تۇرغان بىر كۈنلىرى «ۋەزىپەڭنى ئورۇنداپ بولالمىدىڭ» دېگەن باھانە بىلەن ئىشتىن قايىتقاندا مىنى كامېر ئىچىدە  ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالىماقچى بولدى. «15 سائەت ئىشلەپ چارچاپ كەتتىم نىمانچە ئادەم خورلايسىلەر، مەن ئارام ئالىدىغان ۋاقتىم كەلدى» دەپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالاشنى رەد قىلدىم. گۇندىپايلار مىنى چاقىرتىپ كالتەك بىلەن بىر نەچچىنى، شاپىلاق بىلەن بىر نەچچىنى ئۇرغاندىن كىيىن جازالاش ئورنى(تۈرمە ئىچىدىكى قاتتىق جازالاش ئورنى) غا ئاپىرىپ بەردى .

مەن جازانى قوبۇل قىلمىغنالىقىم ئۈچۈن قاتتىق جازالاش ئورنىدىكى گۇندىپايلار ئىشكەل تاقاش بىلەن بىرگە، قۇلۇمنى ئارقىغا قارىپ كويزىنىڭ قاتتىق قىسىدىغىنىنى سالدى. قاتتىق قىيناپ پۇشايمان قىلدۇرۇش ئۈچۈن قېلىن كىيىملىرىمنى، يوتقان-كۆرپىلىرىمنى مۇسادىرە قىلىدى. قاتتىق جازالاش ئورنىدا بىر كۈندە 18 سائەت تامغا قارىتىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالىدى. پەقەت تاماق يىگەندە ئولتۇرۇشقا روخسەت قىلدى. ئۆزى خالاپ ئولتۇرۇۋالسا ياكى قاتتىق جازالاش ئورنىدىكى جازانى قوبۇل قىلمىسا بىر قانچە گۇندىپاي بىرلىشىپ ئۇرۇپ تاختايغا مىخلاپ جازالاش قائىدىسى بار ئىكەن. تاختايغا مىخلانغاندىن كۆرە، ئۆرە تۇرۇش ئازابىغا چىداشقا توغرا كىلىدىكەن . بارلىق مەھبۇسلارغا ئوخشاشلا ئەتتىگەندە چوڭ ئالمىچىلىك بىر ھورناننى ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ يېرىمىنى بىر چېنە قايناق سۇ بىلەن بەردى. چۈشلۈك تاماق بەرمىدى. كەچلىك تاماققا  بىرتال ھورنان بىلەن قايناقسۇ بىرىپ خورلىدى. ئاچلىق بىر تەرەپتىن قىيناپ ھالسىزلاندۇرسا، 18 سائەت تامغا قارىتىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالاش مىنى قاتتىق ھالسىزلاندۇرىدى. كېچە ياتقاندا قولۇمنى  ئارقىغا قايرىپ سالغان كويزىنى بوشاتمىدى. قولۇمنى ئارقىغا قايرىپ سالغان كويزا مىنى چىدىغۇسىز قىينىدى، قولۇمغا كويزا سېلىنىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە قولۇم ئىششىپ بولكىدەك بولۇپ قالدى. ئاغرىقتىن كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىدى. قولۇم ئىششىپ قولۇمدىكى تومۇر ۋە پەيلەرمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى. قولۇم ئۆزۈمگە ئوشۇقچە بىر ئەزا بولۇپ قالغاندەك سىزمىنى بىر پۈتۈن يوقاتتى. بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلار ئۈچ ئايغىچە داۋاملاشتى .  قولۇم بىر پۈتۈن سەزمەس ھالەتكە كەلگەن ئىدى. كىين  تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن داۋالىنىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلدى.

قاتتىق تەربىيىلەش ئورنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسىدىن ئالىمجان ئىسىملىك بىر مەھبۇسنىڭ جازالىنىشى ئالاھىدە ئىكەن. پۇرسەت تېپىپ،« ئۆزلىرىنى نېمە ئۈچۈن بۇ ھالەتتە جازالىدى؟ قاتتىق تەربىيىلەش ئورنىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلمىغانمۇ؟ » دەپ سورىغىنىمدا ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:

 «مەن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەتكە كىرگەن،  شاڭخەيدە بىر مېھمانىغا چۈشتۈم. مىھمانخانىدا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ياتاقنى ئۆتكۈزۈپ ماڭغىنىمدا خىتاي ساقچىلىرى سەۋەپسىز تۇتقۇن قىلدى. قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىپ مىنى  زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلغانلىقىم ھەققىدە ئەيىبلىدى. ئۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي «قېنى پاكىتىڭلار؟» دەپ سورۇدۇم. ئۇلار ماڭا ؛«سەن ياتقان مېھمانخانا دېرىزىسى ئۇدۇلىدىن بىر بولاق ئاق تاماكا تاپقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مىنى تۇتقانلىقىنى» ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئارتقان تۆھمىتىگە قايىل بولماي  شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئەرز قىلىشقا باشلىدىم.

ئەرز قىلغان ھالىتىمدە 15 يىللىق ھۆكۈم قولۇمغا تەگدى. ھازىر نارازىلىق ئەرزنى داۋاملاشتۇرغىلى ئۈچ يىل بولدى. قاماقخانىدا يېتىپ بىر يىل ئەرز قىلدىم.  ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى. ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىگە يۆتكەپ كىلىنگەندىن كېيىن ئەرز قىلىشقا باشلىدىم. تۈرمىدىكى گۇندىپايلار « جىنايىتىڭنى تونۇماي ئەرز قىلدىڭ؟»دېگەن تۆھمەت بىلەن تۈرمە ئىچىدە ھەر خىل ئۇسۇلدا جازالاشقا باشلىدى. گۇندىپايلار تۇنجى قېتىم ئەرز قىلىشنى توختۇتۇپ جىنايىتىنى تونىمىسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلدى. گۇندىپايلارنىڭ تەھدىدىگە قولاق سالماي ئەرزنى داۋاملاشتۇردۇم . ئارىدا يەنە بىر قانچە قېتىم ئەرز قىلغاندىن كېىيىن تۈرمىدە تەسىس قىلغان ئەڭ ئېغىر جازالاش ئورنى «قارا ئۆي» گە سولىدى. (قارا ئۆي- تۈرمىدە ئەڭ ئېغىر جازلاش ئورنى بولۇپ، بۇ يەردە جازالانغان مەھبۇسلارنىڭ بىر قسىمى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ساق- سالامەت قايتىپ كەلگەنلەر ئاچ قويۇپ جازالىنىش سەۋەبىدىن ئورۇقلاپ ھەتتا سۆڭەكلىرىمۇ يىگىلەپ كەتكەنلىكتىن تونۇغىلى بولمايدۇ.) مىنى 2004 يىلى 8- ئايدا قارا ئۆيگە سۇلاپ جازالىدى. كالتە ئىشتاندىن باشقا بارلىق يوتقان كۆرپە كىيىم – كېچەكلىرىمنى مۇسادىرە قىلغاندىن كېيىن ئۈچ كۆۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا، 40 سانتا مېتىر ھاۋادىنى بار قارا ئۆيگە سولىدى. ھەپتىگىچە بىر كۈندە ئۈچ ۋاقىت تاماق بەردى. گوندىپاي مىنىڭ يېنىغا كىرىپ « جىنايىتىڭنى تونۇدۇڭمۇ؟» دەپ سورىدى. «مەن جىنايەت قىلمىدىم سىلەر ماڭا تۆھمەت قىلدىڭلار» دېدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ بىر كۈندە ئىككى ۋاقىت تاماق بېرىشكە باشلىدى. ئىسسىقتا تۆمۈر ئىشىك- دەرىزىلەرنى تولۇق تاقاپ ئىسسىققا دۈملىدى. سوغۇقتا تۆمۈر ئىشىك- دەرىزىلەرنى  ( رىشاتكا ئىشكنى تاقاپ) تولۇق ئېچىپ سوغۇققا توڭدۇرپ قىينىدى. (ئادەتتە قارا ئۆيدە ئىككى قات ئىشك بار بىر قېتى رىشاتكا ئىشىك بىر قېتى ئادەتتىكى تومۈر ئىشىك ) شۇ پېتىچە ئۈچ ئاي جازالىدى. ئۆچ ئاي توشۇپ ئەترەتكە ئېلىپ بېرىپ ئۆچ ۋاقىت تاماق بېرىپ 15 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنىلا ئەرز قىلىشقا باشلىدىم. گۇندىپايلار ئاشخانىغا چاقىرتىپ، « ئەمدى جازالىساق ئۆلۈپ كېتىسەن، جىنايىتىڭنى تونۇغىن»دەپ تەھدىت سالدى. «مەن جىنايەت قىلمىدىم ئەرزنى توختاتمايمەن » دېدىم. ئەتىسى 2005- يىلى 2- ئاينىڭ 15-  كۈنى بۇ « قاتتىق تەربىيىلەش ئەتىرىتى»گە ئېلىپ كىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالاشقا باشلىدى. كۆپ جازالىنىپ تېنىم ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆرە تۇرالمىدىم. بۇلار مىنى جازانى قوبۇل قىلىمىغان قاتارىدا ھېسابلاپ تاختايغا مېخلىدى.»

مىنى « قاتتىق تەربىيىلەش ئەترىتى» گە قامىغاندا ئالىمجاننى تاختايغا مېخلىغىنىغا دەل ئككى ئاي بولغان ئىكەن.

مەھبۇسلار «تاختايغا مىخلىدى » دەپ ئاتايدىغان جازالاش ئۇسۇلى - ياغاچ ئىشىك قانىتىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە بىردىن تۆت ھالقا بېكىتىلىپ، مەھبۇسنىڭ ئىككى قولىنى كەرىپ قولىغا سېلىنغان كويزىنى ئىشىكنىڭ ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىغا چېتىلىدۇ. مەھبۇسنىڭ ئىككى پۇتىغا سېلىنغان ئىشكەلنى ئىككى كويزا بىلەن ئىشىكنىڭ ئىككى بۇرجىكىگە باغلىنىدۇ.

(7) خىتاينىڭ  راست سۆزلىگەنلەردىن ئۆچ ئېلىشى

خىتاي يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىندىن راست سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆچ ئالدى.

يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن( ئۆركىشى) 2004-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 4- سانىدا «ياۋا كەپتەر» ناملىق مىكرو ھىكايىسىنى ئېلان قىلغان. خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇنى مەزكۇر ئەسەر سەۋەبىدىن «بۆلگۈنچىلىك» ۋە « قۇتراتقۇلۇق قىلىش» تۆھمىتى بىلەن ئەيىبلەپ شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى  قولغا ئالغان. 2005- يىلى 2- ئايدا مەخپىي سوت ئېچىپ 10 يىل ھۆكۈم چىقارغان. نۇرمەمەت ياسىن 2005-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمە بەشىنچى تارماق ئەتىرىىتىنىڭ بىرىنچى كامىرىغا ( مىنىڭ يېنىمغا) يۆتكەپ كېلىندى. 45 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن (2005-يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرى)  ئۇنى گۇندىپايلار چاقىرىپ چىقىپ كېتىپ ئككى سائەت ۋاقىت ئۆتكەندە قايتىپ كىرىپ،

ب م ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك ئىسملىك بىر كىشى ئايرىم سۆھبەت ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن تۈتۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ساقچىلارنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى، دېلۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى، سۇراق داۋامىدا ئۇرغان ياكى ئۇرمىغانلىقى قاتارلىقلارنى سورىغانلىقىنى، ئۇ ئەمەلى ئەھۋالنى سۆزلەپ تۈرمىگەر كىرگەندىن كىيىن تەن جازاسى بەرگەنلىكى قاتارلىقلارنى پاش  قىلغانلىقىنى مەھبۇسلارغا دەپ بەردى.

ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ نۇرمەمەت ياسىن يەنە سىرتقا چاقىرىتىلىپ، قولىغا ئارقىچەككە كويزا پۇتىغا ئېغىر ئىشكەل سېلىنىپ تامغا قارىتپ تۇرغۇزۇپ جازالاپ  ئۆچ ئالدى. چۈنكى نۇرمەمەت ياسىن خەلقئاردا خىتاينىڭ يالغانلىچىلىقىنى پاش قىلىپ رەسۋا قىلغان ئىدى. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىين كارىدوردا نۇرمەمەت ياسىننىڭ تامغا قاراپ تۇرغان ھالىتىمۇ كۆرۈنمىدى. نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئىز- دېرىكىنى باشقىلاردىن قىلغان بولساقمۇ بىراق نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكى، قانداق يەرگە قاماپ قويغانلقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدۇق.

(8)لاگىردىكى ئىرقىي قىرغىن قىلىشنىڭ ئاشكارا جاكارلىنىشى

 مىنى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قاماقخانىغا قايتا قاماپ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇپ بەردى. بۇ جەرياندا مەن خىتاينىڭ ئۆكتەملىكى ،شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرىنى قايتا بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈىم. مىنى خوتەندىكى قاماقخانىغا ئادەم سىغمىغانلىقتىن لوپ ناھىيىلىك قاماقخانىغا سولىدى. قاماقخانا ئشىكى ئالدىدا قولىدا كەتمەن ساپىقى تۇتقان 4 گۇندىپاينىڭ بىرى قوپال تەلەپپۇزدا : «كىيىمىڭنىڭ ھەممىنى سال! »دەپ، ئۇرۇپ  دەسسەپ كىيىمىمنى مەجبۇرى سالدۇرۈپ قىزىل قاماقخانا جېلىتكىسنى كېيدۈرۈپ   A3  -كامىرغا سولىدى

 15كۇۋادىراتلىق كامىردا 20 كىشى ياتتۇق. ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن كىچىدە قانداق ياتقان بولساق شۇنداق قوپاتتۇق. ئۇياق – بوياققا ئۆرۈلگىلى بولمايىتتى. ئادەتتە مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسنىڭ  پۇت- قولى زەنجىر بىلەن چېتىپ باغلانغانغان بولغاچقا،  كىيىم ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. يوتقان – كۆرپىنىڭ ئالقاندەك يىرىدىن قاراپلا ئۈچ دانە پىت تاپقىلى بۇلىدۇ. كامىر ئېچىدە سۆكە ياسالغان بولۇپ تارچۇقتا ئاق چېنىە قىش يانقۇزۇلغان بولۇپ، مەھبۇسالارنىڭ ئىشتان پۇشقىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن پىتلار چىنە قىشتا كۆزگە كۆرۈنەتتى.  گوندىپايلار مەھبۇسلارنى كەتمەن ساپىقى بىلەن ئۇرۇپ پۇت قولنى سۇندۇرۋىتىدىغان ۋەقەلەر كۆپ بولغانلىقتىن قامالغانلار گۇندىپاي ئشىك يېنىغا كەلگەندە ياكى كامىر ئىچىگە كىرگەندە بېشىنى تۇتۇپ بېشنى تامغا تىرەپ ئولتۇرۇش كۆندۈرگەن ئىكەن .ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىرەيلەننى ئۇرۇپ پاچاق سوڭىكى سۇنۇپ كىتىپ باشقا يەرگە يۆكەتكەپ كېتىلگەنلىكىنى باشقىلار ئىسپاتلىدى.

 مەن لوپ ناھىيىلىك قاماقخانىغا سۇلۇنۇپ 15 كۈن بولغاندا مەن تۇرغان كامىرنىڭ قىيپاچ ئۇدۇلىدىكى B 4 كامېردىن ئېتنىڭ ئادەم چىشلىگەندە ھاۋشىغان، بىر ئادەمنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن ۋارقىرغان ئاۋارى ئاڭلاندى. يېنىمدىكى مەھبۇسلار: «گوندىپايلار بىر مەھبۇسنى ئىتقا تالاتتى» دىيىشتى. ئەسلىدە ئېتقا تالىتىلغان مەھبۇس چۈشتە ئۇخلاپ قوپۇپ يۇز قولىنى يۇيىۋاتقاندا كامىر ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر كۆرۈپ قېلىپ، «ناماز ئوقۇماقچى بولدى»دېگەن تۆھمەت بىلەن ئىتقا تالىتپ خورلىغان ئىدى. مەن قاماقخانىغا كىرىپ 6 كۈندىن كىيىن بىر ئاي بۇرۇن تۇتۇلغان 8 مەھبۇسنىڭ ھۆكۈمى كەلدى. ھەممىسى دىگۈدەك خىيالىي بۆھتانلار بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم بۇلۇپ،لوپ ناھىيىسى چاۋاغ يېزىسىدىن جۈمەنىيازغا تېلىپۇنىدىن باشقىلارنىڭ قورال تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتىدىن بىر نەچچىسى، ھىجاپلانغان ئايالارنىڭ سۈرىتىدىن بىر نەچچىسى چىققانلىقى ئۈچۈنلا «تىررورچى» دېگەن بۆھتان بىلەن 10يىل كەسكەن ئىدى. لوپنىڭ ھاڭگىيا يېزىسىدىن تۇرغۇن مەمەتتۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئاكامغا بالىسىنى دىندا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن بەش يىل ھۆكۈم چىقارغان ئىدى

5-ئاينىڭ 25 تىن 7-ئاينىڭ11كۈنىگىچە ، مەن ياتقان كامىردىن يۇقارقىدەك خىيالىي بۆھتانلار بىلەن ھۆكۈم قىلىپ 15ئادەمنىڭ ئجرا مەيدانلىرىغا يۆتكەپ كىتىلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم. قاماقخانىلارغا ئادەم سغدۇرالمىغانلىقتىن  تەرتىپسىز سوت ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.  تۇتۇپ ئەكىلىپ ئۇزۇن بولغاندا 2 ئاي ئچىدە ھۆكۈم چىقىرپ ئىجرا مەيدانلىرىغا ئېلىپ كىتىدىكەن.

 لوپ قاماقخانىدا 20 كامىر بار بولۇپ، بىر قېتىمدا ھەر بىر كامىردىن ئىجرا مەيدانلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن 15 مەھبۇسنى ھەربىر كامىرغا 10دىن ئورتاقلاشتۇرساق .ئجرا مەيدانلىرىغا بىر ئاي ئىچىدە  پەقەت لوپ ناھىيىلىك قاماقخانىدىن 200  مەھبۇسنى يۆتكىگەن بۇلىدۇ. بىر يىلدا 1200كىشىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازالىغان بولىدۇ. بۇ خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە قاماش ھالەتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق رايونلىرىدا ئاساسەن ئوخشاش. ئەگەر لوپ ناھىيىلىك قاماقخانىدىن بىر يىل ئىچىدە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن 1200 ساننى شەرقي تۈركىستاندىكى بەش ئوبلاس، يەتتە ۋىلايەت، 68 ناھىيە، چوڭ- كىچىك 21 شەھەردىكى قاماقخانىلارغا  ئورتاقلاشتۇرساق كىشىنى چۇچۇتكىدەك كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى ئىسپالاپ بەردى.

 خوتەن ۋىلايەتلىك مەركىزى قاماقخانا«ئەرزەن»دىكى ئنسانىي دەپسەندىچىلىك ۋە قىرغىنچىلىقلار

مىنى2014-يىلى 7-ئەينىڭ 11-كۈنى لوپ ناھىيىلىك قاماقخانىدىن  خوتەن ۋىلايەتلىك مەركىزىي قاماقخانىغا يوتكىدى . خوتەن ۋىلايەتلىك مەركىزى قاماقخانا(ئەرزەن)دىكى ئنسانىي دەپسەندىچىلىك، خورلۇقلار ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن .بۇ قاماقخانىدىكى ئنسانىي  دەپسەندىچىلىك ۋە خورلۇقلار قاتتىق ئېغىر ئىكەن. 7- ئاينىڭ ئسسىقى ھەم كامىرغا ئادەمنى ھەددىدىن ئارتۇق سولىغانلىقتىن كىچىدە ياتالماي ئۆرە تۇرۇپ ياكى تامغا يۆلۈنۈپ كىچىنى تاڭ ئاتتۇراتتۇق.  تىنى ئاجىزلار ھۇشىدىن كىتىپ گۇندىپايلار كۆتۈرۈپ چىقىپ كىتەتتى. بەزسىنى ھۇشۇغا كەلگەندىن كىيىن كامىرغا ئەكىرىپ قوياتى بەزىسى قايتا ئېلىپ كىرىلمەيىتتى.

ئەتتىگەندە گۇندىپايلار كەتمەن ساپىقى ۋە سىم قامچىلارنى كۆتۈرۈپ  كامىرغا بىرمۇ -بىر كىرىپ ئۇرۇپ ماڭىدىكەن. بەزىدە ماڭا  قارىدىڭ، دەپ ئۇرىدىكەن. بەزىدە بىر ئېغىز خىتايچە بىلمىگەنلەرنى خىتايچە قائىدىلەرنى «خاتا ياتلىدىڭ ياكى ياتلىيالمىدىڭ »دەپ ئۇرىدىكەن. راستىنى ئېيىتقاندا ئېتىقادى باشقا ،مىللىتى باشقا بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇپ ھاقارەتلەيدىكەن. بۇ قاماقخانىدا مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسنىڭ پۇت قولى بىر زەنجىردە چېتىلىپ باغلاپ  قويۇلىدىكەن . پۇت بىلەن قول ئارىلىقىدىكى زەنجىر قىسقا بولغاچقا بەلنى رۇسلىغىلى بولمايدىكەن .بىر قىتىم مەمەتئىمىن ئسىملىك گۇندىپاي كامىرغا كىرگەندە خوتەن ناھىيسىنڭ لايقا يېزىسىدىن   ئابدۇشۇكۇرنى «ماڭا قارىدىڭ » دەپ پۇلات قامچا بىلەن دۈمبىسىگە ئۇرۇپ دۈمبىسىنى يېرىۋەتتى. ئغىز -بۇرنىنى قانغا بويۇۋەتتى. گۇندىپاي كېينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كىتىۋاتقاندا ئابدۇشۇكۇر «ئاھ خۇدا»دەپ ئۇھسنىدى. بۇنى ئاڭلىغان گۇندىپاي كېينىگە يېنىپ كىلىپ «مىنى قارغامسەن» دىگىنىچە  پۇلات قامچا بىلەن ئۇرۇپ بېشىدىن بىر قانچە يەرنى  يېرىۋاتىتى. ئاندىن گۇندىپاي ھەممىمىزگە قولىنى شىلتىپ:« ياۋاش بۇلۇش كۆرگەنسەن ھازىر ۋەزىيەت ئوخشىمايدۇ .ئۆلۈپ كەتسەڭ  ئەخلەتكە تۆكىۋىتىمىز، سىنىڭ ئىزدېرىكىڭنى ھېچكىم قىلالمايدۇ. » دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

 بىر قېتىم خورلۇققا چىدىماي  ئاچچىقىم كىلىپ تۇرسام گۇندىپايلار كىرىپ، بىر بىرلەپ ئسىم ۋە ئۆتكۈزگەن جىنايىتىمىزنى سوراشقا باشلىدى. نەۋەبەت ماڭا كەلگەندە «جىنايىتىڭ نىمە ؟»دىگەن سۇئالغا«مەندە جىنايەت يوق  »،دەپ جاۋاپ بەردىم .جاۋاپ ئغىزىمدىن چىققان ھامان كاللامغا تاياق ۋە شاپىقلاق تېگىشكە باشلىدى. كۆز يۇمۇپ ئېچىپ بولغىچە  پۇت- قولۇم چېتىلغان زەنجىردىن سۆرەپ  كامىر سىرىتىغا ئېلىپ چىقتى .كارىدۇردا توختاپ بىر نەچچىنى كالتەكلەپ ئۇرغاندىن كىيىن:« سىنىڭ قالايمىقان سۆزلەيدىغان يىرىڭ ئەمەس سىنى بىكارغا تۇتۇپ كەلمىدۇق، ماڭە كىرىپ ئولتۇر» دەپ كىرگۈزىۋەتتى.كالتەكنىڭ زەربىسىدىن ھەپتىدەك ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم.

خوتەن ۋىلايەتلىك قاماقخانىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈزۈمىلىرى بار ، بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتى مۇنداق ئىكەن:

ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز قولنى يۇغاندىن كېيىن كوممونسىتىك پارتىيىنى ماختايدىغان خىتايچە ناخشا، خىتايچە قاماقخانا قائىدىسىنى ياتلاشقا مەجبۇرلايدىكەن. ياخشى ياتلىيالمسىا تاماق بەرمەيدىكەن.

ئەتتىگىنى كۆكتاپ سۈيى بىلەن بىر تال ھور نام بىرىدىكەن چۈشتە قايناقسۇ بىلەن بىر تال ھور نام ، كەچتە بىر قاچا سويۇق ئاش بىرىدىكەن. ئەتتىگەنلىك تاماقتىن كېين چۈشلۈك تاماققىچە، كامىر ئىچدە ئوياق – بوياققا قاراشقا روخسەق قىلماي  ئولتۇرغۇزۈپ جازالايدىكەن. ئۇمۇمەن تاماق ۋە ئۇخلاش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئولتۇرغۇزۇپ جازالايدىكەن.

ئەسلىدە ھازىر شەرقىي تۈركسىتاندا ئوقۇملاشتۇرۇلغان ئاتالمىش«تەبىيىلەش مەركىزى» نامدىىكى لاگېرلار 2014- يىل ئاخىردا باشلانغان بولۇپ، مىنى قاماقخاندىن ئېلىپ چىقىپ لاگىر قلىنغان خوتەن ناھىيىلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامىدى. بۇ يەردە ئەتتىگەندىن كەچكىچە، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇرۇپ جازالايدىكەن. خىتاي كوممونىستلارنى ماختايدىغان ناخشىلارنى ئوقۇشقا مەجبۇرىلايدىكەن. ئەگەر تۇتقۇنلار كوممونىستلارنى ماختىمىسا ياكى رەد قىلسا ئىشكەل سېلىپ قاتتىق جازالايدىكەن ياكى سىم قامچا بىلە ئورۇدىكەن. مىنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن 72 ماددىلىق « ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلش تەدبىرلىرى»گە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى.

خۇلاسە: دېمەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇش، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈش، ئىلگىرىكى قوللۇق دەۋرىدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قائىدە تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، قەستەن جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىنى بەربات قىلىپ يوقۇتۇش، ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىش، بالاغەتكە يەتمىگەن پەرزەنتلىرىمىزنى لاگېرغا يېغىۋېلىپ، ھەممدىن مەھرۇم قىلىپ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىش، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشى، خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق تىزگىنلەپ تۇرغان بىر پەيىتتە لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن ئارقا- ئارقىدىن ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ كىلىشى، كۆپلەپ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن سېلىنشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «زۇلۇم »، « ئىرقىي كەمسىتىش »، « ئاسسىمىلاتسىيە» ئەمەس بەلكى ب م ت دا 1948- يىلى بىكىتكەن ئىرقىي قىرغىن قىلش جىنايەت ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ.

شۇڭا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردىكى داۋاچىلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلار، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لىكىسيە سۆزلىگۈچىلەر ئىككىلەنمەستىن « داۋاگەر بوش قازى مۇتىھەم» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،«ئىرقىي قىرغىن» سۆزىنى كەڭ- كۆلەملىك ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى:

 ئابدۇخەبەر رەجەپنىياز

داۋامى بار


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ