ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

2009 - يىل 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ،...
 

سېيىت تۈمتۈرك

(دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى) 

 

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ “5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”غا تۇتقان پوزىتسىىيىسى

2009 - يىل 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ، ئىسلام دۇنياسىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ئىككى مۇسۇلمان دۆلەت - تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىدىكى پەرقلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت بىلەن ئىدارە قىلىنغان، كۆپىنچە ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بېشى دەپ قارايدىغان ئىران بىلەن ئىلمانىي (دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان) تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان تۈركىيەنىڭ رەسمىي پوزىتسىيىسى ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ۋەقەدىن كېيىن، تۈركىيە باش مېنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ ۋەقەنى “ئىرقىي قىرغىنچىلىق” دەپ ئاتىغان بولسا، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى كۆرمەسلىككە سالدى. ئەمما ئىراندىكى دىنىي ئۆلىما ۋە خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

مىسىرلىق مۇسۇلمان ياش ئايال مەرۋە ئەل شەربىنىنىڭ گېرمانىيە سوتىدا ئىرقچى بىر نېمىس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ۋە غايىبانە جىنازا نامىزى مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈزلىگەن مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە “سۈكۈت” قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىراننىڭ ئىنكاسى پەقەت تاشقى ئىشلار مېنىستىرى مانۇچەھر مۇتتاكىنىڭ خىتاي تاشقىي ئىشلار مېنىستىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قايغۇلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن كۇپايىلەندى. بۇ ئەھۋال ئىراندا تەنقىد قىلىنىشقا باشلاندى ۋە بەزى يازغۇچىلار بىلەن بىرگە مۆتىۋەر  ئۆلىمالارنىڭ تەنقىد ئوبيېكتىگە ئايلاندى. ھەتتا دىنىي ئۆلىمالاردىن بەزى كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا قىلىنغان زۇلۇمنىڭ دەرھال ئەيىبلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئالدىنقى قېتىملىق دۆلەت رەئىسى سايلىمىدا ئاھمەدى نەجادنىڭ رەقىبلىرىدىن بىرى بولغان مۇتەئەسسىپ نامزات مۇھسىن رەزائى بىلەن يېقىن بولغان تابناك خەۋەر ئورگىنى تور بېتىدە: “كىشىلەر بۈگۈن كوچىلاردا پەلەستىن ۋە خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نېمە پەرق بارلىقىنى سوراۋاتىدۇ” دېگەن سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە بەس ـ مۇنازىرە تېمىسى ئاچتى[1].

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا خىتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. باش مېنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىنساننى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ تېزدىن بىر تەرەپ قىلىنىپ، قاتىللارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەردوغان ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋاقىتلىق ئەزالار كومىتېتىدا ئورۇن ئالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. باش مېنىستىر ئەردوغاننىڭ “ئىرقىي قىرغىنچىلىق”[2] باياناتى تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسىسلەر ۋە سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن “چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك” دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە قىزغىن ئالقىشلاندى.

تۈركىيەنىڭ ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ئىراندىكى ژورنالىستلارنىڭ ماقالىلىرىدا ئالقىشلىنىشى بۇ باياناتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. سادىق زىباكالامنىڭ ماقالىسىدە باش مېنىستىر ئەردوغاننىڭ پوزىتسىيىسى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:

«تۈركىيە باش مېنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچقاچان ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ يولباشچىسى ياكى دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ ھامىيسى دەپ ئېلان قىلمىغان. ھېچقاچان جاھانگىرلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ھېچقاچان ب د ت ياكى بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋەياكى خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئاگېنتلىقىغا ئوخشاش خەلقارالىق ئورگانلارنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. گېرمانىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن مىسىرلىق مۇسۇلمان ئايال ئۈچۈن شەكىلۋازلىق قىلىپ جىنازا مۇراسىمى ئۆتكۈزمىدى. لېكىن تاشقىي سىياسەتتە ئۆزىگە لايىق ئۇسلۇپ بىلەن مۇئامىلە قىلدى ۋە يۈزلىگەن مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسىگە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى. ئۆزى مۇسۇلمانلارغا شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدۇكى، مۇسۇلمان چېچەنلەر ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەلەردىمۇ رۇسلارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى»[3].

خىتايدىكى ئۇيغۇر قەتلىئامىغا تۈركىيە خەلقى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە نارازىلىق بىلدۈردى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن كوجاتەپە جامەسى ۋە فاتىھ جامەسى[4] قاتارلىق مەسجىد ـ جامەلەردە شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى[5]. بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇر قەتلىئامىنى ئەيىبلەش ۋە نارازىلىق نامايىشى ئۈچۈن تاكسىم مەيدانىغا يىغىلدى[6].

سائادەت پارتىيسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ قەتلىئامغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 12 - ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۇيۇشتۇردى[7]. چاغلايان مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە 250 ئاممىۋىي تەشكىلات، تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، خەيرى - ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى بىلەن بىرگە نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى[8]. پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى[9]. پائالىيەتتە سائادەت پارتىيسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى باش مېنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىپ، 11 ماددىلىق تەكلىپ سۇندى. تەكلىپ مەزمۇنى مۇنداق: “1. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەھشىي قىرغىنچىلىقنى توختاتقىچە بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. 2.  خىتاي ـ تۈركىيە مىللەت مەجلىسى دوستلۇق گورۇپپىسىدىن ئېستىپا بەرگەن خەلق ۋەكىللىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. لېكىن بۇ ئىشنى بۇنداق قىممەتسىز قىلماسلىق كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىشى ۋە ئىستېپا بەرمىگەن ۋەكىللەرمۇ ئەتە سەھەرگىچە ئىستېپا بېرىشى كېرەك. 3. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تېزدىن يىغىلىپ، قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر مەخپىي سۆھبەتتە مۇنازىرە قىلىنىپ، قارارلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. 4. خىتاي، بۇ ۋەقەگە ئارىلاشقانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان “ئەيىبلەيمىز”نىڭ ئورنىغا ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. 5. بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھاۋالە قىلغىلى بولمايدۇ. خەلقئارالىق بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ۋەقەنى ھەر جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش باشلانسۇن. 6. ب د ت نىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئېنىق. ب د ت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىنىڭ بىر تارمىقى ھالىغا كەلتۈرۈلدى. شۇڭا تۈركىيە ب د ت نىڭ يېڭىدىن تەشكىللىنىشى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك پائالىيەتكە ئۆتۈشى كېرەك. 7. قازاقىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبەكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە تەسىرى چوڭ بولغان تۈركيەنىڭ بۇ مۇھىم دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا پائالىيەتكە باشلىشى لازىم. 8. ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭمۇ تەسىر كۆرسەتكىدەك بىر ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم. 9. ئىنسان ھەقلىرى دەۋاسىنى قىلىۋاتقان گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۇ مەسىلە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە بۇ مەسىلىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. 10. “İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى” ۋە“جانسۈيى”گە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ بېرىشى يول ئېچىپ بېرىش ۋە بۇنىڭغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. 11. مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دۈنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا پاناھلىق تىلەپ تۇرماقتا. تۈركىيە بۇ قېرىنداشلارغا “پاناھلىق تىلىگۈچى” سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى ئۈچۈن ب د ت دە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە (ئالدى بىلەن) تۈركىيەدە تۇرىۋاتقانلارغا ئىلتىجا ھەققى، پاسپورت ۋە ماكانلىشىش ھەققى بېرىشى كېرەك»[10]. 

داۋامى بار...

[1] Arzu Celalifer Ekinci, “Urumçi Olaylarına Farklı İki Müslüman Ülkenin Yaklaşımı”, http://www.usak.org.tr/makale.asp?id=1010

[2] Çin`deki olaylar adeta soykırım, http://www.haberturk.com/haber.asp?cat=110&dt=2009/07/10&id=158280

[3] Arzu Celalifer Ekinci, a.g.m

[4] “Uygur Türkleri için gıyabi cenaze namazı kılındı”, http://yenisafak.com.tr/Gundem/Default.aspx?t=10.07.2009&i=197713

[5] “Kocatepe-Fatih`te Çin`e namazlı kınama”, http://www.haber7.com/haber/20090710/KocatepeFatihte-Cine-namazli-kinama.php

[6] “Bahçeli`den Doğu Türkistan Çağrısı” http://www.turkkonseyi.com/index.php?option=com_content&view=article&id=125:bahcelden-dou-tuerkstan-carisi&catid=8:tuerk-duenyasi&Itemid=7

[7] “Saadet´ten Urumçi´ye destek mitingi” http://www.8sutun.com/haberdetay.asp?tarih=20.01.2010&Newsid=45465&Categoryid=7

[8] “Çağlayanda binlerce kişi Çini protesto etti”, http://www.istkaradeniz.com/haberdetay.asp?ID=1339

[9] “Çağlayan meydanında Çin protestosu”, http://www.cnnturk.com/2009/turkiye/07/12/caglayan.meydaninda.cin.protestosu/534722.0/index.html

[10] “ÇAĞLAYAN`DA BİNLERCE KİŞİ ÇİN`İ PROTESTO ETTİ”, http://www.showhaber.com/164327/guncel/caglayanda-binlerce-kisi-cini-protesto-etti.html 

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ