ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(2)ئازادلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-05-06 10:18:24 جەمئى 7860 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى، ...

ئەززۇددىن ئەلۋەردانىي

 تەرجىمە: مۆمىنجان سىدىق

 

 

تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى، پۇختا پلان تۈزۈپ، ئۇستىلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتايغا قارشى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي كۈرەشلەر خىتايلارغا نىسبەتەن خاتىرجەم بولالماسلىق، داۋاملىق تەھدىت ئىچىدە قېلىش ۋە ئايرىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش قاتارلىق ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەلەرنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىشىدا ھاپىلا ـ شاپىلا بۇيرۇق چىقىرىشقا، ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر قىسىم پەرمانلارنى چۈشۈرۈشكە ئېلىپ بارماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئىشلاردىن بىرى شۇكى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق پىكرىنى قولغا كەلتۈرۈش، مەيلى دۆلەتلەر ياكى خەلقلەر بولسۇن، مەيلى يەرلىك تەشكىلاتلار بولسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئىمكانقەدەر كۆپەيتىش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئىتتىپاقداش رولىنى ئوينايدۇ.

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تۈركىستان مەسىلىسى ھەر تەرەپتىن تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. بولۇپمۇ، تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5 ـ ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ۋە تىركىشىش ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا، خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۆز سېپىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينى قوللايدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ.

گەرچە خىتاي دۆلىتى كۈچلەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئاجىزلىق نۇقتىلىرى ۋە پارچىلىنىش ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ، كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ئېشىپ بارماقتا. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شۇنداق بولغانىدى. تارىخقا قارايدىغان بولساق، خىتاي چوڭلىقىدىكى تاغلار ۋە چۆللەر بىلەن ئورالغان، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي توقۇنۇشلار قاپلىغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىغىنى يوق. بولۇپمۇ، ھوقۇقنى ئۇزۇندىن بېرى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلارنى باشقۇرۇش، مۇئامىلە قىلىش ۋە ئالاقە ئورنىتىش ماھارىتىنى نۇرغۇن جەھەتلەردە قولدىن بېرىپ قويدى.

ئارىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىن ئىبارەت ھەر ئىككىلى تەرەپ بىر ـ بىرىنى ئايرىپ تاشلايدىغان توقۇنۇش ۋاقتىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە. بۇ، خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى زەئىپلەشكەن بىر ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە نۇرغۇنلىغان كۈرەشلەر، قوزغىلاڭلار مەيدانغا چىقىشى ۋە خىتاينىڭ پارچىلىنىش ئېھتىماللىرى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدۇ.

شۇنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەككى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە ئۇ تۇپراقنىڭ بايلىقىنىڭ موللىقىنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، ئۆتكەن ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننى ئاجىزلاشقان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن يىراق تۇتۇپ، مۇستەقىل ھالدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جىڭ شۇرېن ۋە شىڭ شىسەيلەرگە ئوخشاش بىر ئوچۇم خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ قولىدا ئايرىلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، تۈركىستان ھەرىكەتلىرى ئۆز سېپىنى ۋە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈشى، ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن تامامەن ساقلىنىشى، تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرقايسى ئېقىم ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر ـ بىرىنى يىراقلاشتۇرىدىغان ئامىللارنى ئىسىمدا بولسىمۇ پۈتۈنلەي تۈگىتىشى كېرەك. ھەرقانداق ھەرىكەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ياكى قازاق ياكى قىرغىز ۋەياكى باشقىلارنىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلىرىنى ئۆزىگە جەم قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. بەزى كۆزەتكۈچىلەر: “ھالقىلىق پەيتلەردە ئىچكى توقۇنۇشلار چىقىشى مۇمكىن” دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر: “بىر قىسىم مىللەتلەر بۆلىنىپ چىقىپ، چېگرىداش بولغان باشقا دۆلەتلەرگە قېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن” دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختىن ساۋاق ئېلىشىمىز، ئالدى بىلەن ئاللاھقا، ئاندىن ئۆز كۈچ ـ قۇدرىتىمىزگە ئىشەنچ قىلىشىمىز، شىجائەتلىك ۋە ئىرادىلىك بولۇشىمىز، تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشتا ھەر تۈرلۈك چارىلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ياكى مەلۇم مىقداردا يېنىكلىتىش ئۈچۈن يول تېپىشىمىز مۇقەررەر. شارائىت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زۇلۇم چېكىۋاتقان خەلقنىڭ مەسىلىسىگە ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن ئىجابىي چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە سەمىمىي ۋە ئاقىلانە ھالدا جىددىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ

                                                                 تۈگىدى 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ