ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(1) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-14 23:06:23 جەمئى 36026 قېتىم ئوقۇلغان.

(1) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

(1) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

«ئىرقىي قىرغىن» سۆزى 1944 - يىلدىن ئىلگىرى مەجۇت بولمىغان بىر سۆز ئىدى. شۇ يىلى پولشالىق يەھۇدى ئادۇكات  راپىل لېمكىن (1959Raphael Lemkin 1900-) ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان تەشكىللىك قىرغىن قىلىش ھەركىتىنى مەخسۇس ئاتالغۇ بىلەن ئاتاش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. شۇنداق قىلىپ قەبىلە ياكى مىللەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان گېرېكچە  geno   سۆزى بىلەن لاتىن تىلىدا ئۆلتۈرۈش زىيانكەشلىك قىلىش مەنىسنى بىلدۈرىدىغانcide   سۆزىنى بىرىكتۈرۈپ « ئىرقىي قىرغىن قىلىش، مىللى زىيانكەشلىك قىلىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان( genocide ) سۆزىنى ياساپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمى شەكىللەنگەن

راپىل لېمكىننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى « ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى»نى ماقۇللىغان. ئەھدىنامىدە ئىرقىي قىرغىن قىلىش خەلقئارالىق جىنايەت قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممسى مىللى قىرغىنچىلىق يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەسسە قوشۇلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل جىنايى قىلمىشقا قارشى تۇرۇپ قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەھدىنامىدە مىللى قىرغىنچىلىقنىڭ مەنا دائىرىسى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلگەن:

ئىرقىي قىرغىنچىلىق- مەلۇم مىللەت، مەلۇم ئېرىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كوللىكتىپنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى قىرىپ تۈگىتىشنى  مەقسەتلىك قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىنىڭ كونكىرېت ئىپادىسى:

(1) مەلۇم كوللكتىپ ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش(2) مەلۇم كوللىكىتىپ ئەزالىرىنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش(3) نورمال ھالەتتە تۈرمۇش كېچىرىۋاتقان  مەلۇم مىللەت ياكى كوللىكتىپنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنىڭ ھاياتىغا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش،(4) مەلۇم كوللىكتىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توغۇش، كۆپىيىشىگە قارشى مەجبۇرى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىش، (5)  باشقا مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىنى باشقا يەرگە مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلار.

ئىرقىي قىرغىن قىلىش سۆزى 1948- يىلى خەلقئارا قانۇندا رەسمى قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەشكە باشلىغان.

ئۇنداقتا خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش، زىيانكەشلىك قىلىش، قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈش، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىلەرنى ئۆلتۈرۈش، تۈرمە ئىچىدە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش، ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى»غا قاماپ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ھەتتا ئۆلتۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرى « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» بېكىتكەن ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە چۈشەمدۇ؟

خىتاي رىجىمى 2018- ئاينىڭ 23- كۈنى ب م ت ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئىرقىي كەمسىتىش ئەمەس بەلكى ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي رىجىمى ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋىلىپ ئالتە يىلدىن كېيىن ( 1956يىلى) رەسىمى باشلاپ 1976-يىلى جاللات ماۋزېدۇڭ ئۆلگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرغان. تارىخى مەلۇماتلاردا يېزىلىشىچە شۇ زامانلاردا 600 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تايىقى، خورلىشى، مال-مۈلكىنى بولان – تالان قىلىپ ئاچ قويۇشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنىۋى – مەدەنىيىتى ئاياغ - ئاستى قىلىنغان. مەسچىتلەر يېقىلغان، ھەتتا مەسچىتلەر چوشقا قوتىنىغا ئۆزگەرتىلگەن. « قۇرئان كەرىم » ۋە دىنى كىتابلار كۆيدۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىي مىراسلىرى ئومۇميۈزلۈك ۋەيران قىلىنغان.

ماۋزېدۇڭ ئۆلۈپ 1988- يىلىغىچە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش سىياسىتى بىر مەزگىل بوشاپ ئىرقىي كەمسىتىش  ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇزاق ئۆتمەي يەنىلا باشلاندى.

  1990- يىلىدىن 2014- يىلغىچە  خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ  بىر قىسىم تەرەپلىرى  ب د ت  ئەھدىنامىسىدە بىكىتكەن ئىرقىي قىزغىن قىلىش جىنايەت ئۆلچىمىگە چۈشسە، بىر قىسمى مىللى كەمستىش ئۆلچىمىگە چۇشەتتى. بۇ مەزگىللەردە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن ئاسسمىلياتسىيە قىلىش، ئۆزىگە قوشۇۋېلىش سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھوقۇقىنى بىر پۈتۈن دەپسەندى قىلدى. ئۇيغۇرلار قانداق بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىتىگە قارشى نامايىش، پىكىر بايان قىلىش قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇلىرىنى تەلەپ قىلغان ھامان قاتتىق باستۇرۇلدى.بۇنىڭغا 2009- يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئىسپات بولىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي  «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە 200 دەك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

قولىدا قوغدىنىش ئۈسكىنىلىرى بولمىغان خەلقنى ئېغىر تىپتىكى قۇراللار بىلەن قىرغىن قىلىپ، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ئۆلتۈرگەن1997- يىلىدىكى 5- فىۋارال غۇلجا ۋەقەسى بۇنىڭغا ئسپات بولىدۇ.  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە ئسىپاتلىشىچە،  5 ‏- فېۋرال ۋە 6 ‏- فېۋرال كۈنلىرى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىدە 30 مىڭغا يېقىن ئادەم قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ بىر قسىمىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، بىر قىسمى تۈرمىدە خىتاينىڭ خورلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 11- سىنتەبېر ۋەقەسىدىن كيىن خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەچمەيدىغان تۆھمەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك تۈرمىگە تاشلاپ ئۇجۇقتۇردى.

خەلقئارادا « تېرورچىغا قارىشى تۇرۇۋاتىمىز» دەپ  ئۇيغۇرلارنى تېررورچى تۆھمىتى بىلەن قارىلاپ ئۆلۈم جازاسى بىرىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ خەلقئاراغا ئېلان قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ- كىچىڭ، قېرى- ياش دىمەي قىرغىن قىلدى. بۇ سۆزىمىزگە  2013- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈن خوتەن ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسى بالىماس كەنتتىكى «بالىماس مەسچىتى ۋەقەسى» ( بۇ  ۋەدە خىتاينىڭ بالىماستىكى كەنت مەسچىتىنى تاقىلىۋىپ ئىبادەت قىلىشقا روخسەت قىلماسلىقتىن ئىبارەت يولسىز قىلىمىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازلىق نامايىشىغا قاتنىشىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان يەرلىك خەلق گوۋاھلىق بېرىپ، « 300 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر خىتاي قوراللىق قىسملىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغانلىقىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ قىرغىنچلىق جىنايىتىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، مەسچىت يېنىدىكى ئېتىزدا ئىش قىلىۋاتقان بىر ئايالنى بالىسى بىلەن قوشۇپ، يولدا كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىكىنى» ئىسپاتلىدى . خىتاي قىزغىنچىلىقىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ سائەت تاشقى دۇنيا ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئۇچۇرنى تىزگىنلىگەن.

 2014- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى يۈز بەرگەن يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدە  ئىستىقلال خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەدە خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ئاشلىق يېزىسىدىن 3000 ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلىدى دىيىلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن خەۋىرى بار كىشىلەر  4 كەنتتىكە تەۋە 80 مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى  مۇھىم ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان. باشقا شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر ساننىڭ ئاز ئەمەسلىكى، كىچىكرەك بىر ناھىيىنىڭ ئاھالىسىگە باراۋەر نوپۇسقا ئىگە بولغان ئېلىشقۇ بازىرىدا ۋەقەدىن بىر ئاي كېيىنمۇ كوچىلاردا ئادەم كۆرەلمەسلىكتەك بىر ئەندىشە قىلارلىق رېئاللىقنى  ئاشكارىلىغان.

2014- يىلى 9- ئايدا يۈز بەرگەن ئاقسۇ ئاۋات كۆمۈر كان ۋەقەسى. ئىستىقلال خەۋەرلىرى تورى بەرگەن خەۋەردە، بۇ ۋەقەدە خىتاي ئۆزى 28 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقى، بىراق بۇ ۋەقەدە خىتاي قوراللىق قىسملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى يەرلىك خەلقنىڭ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە، خىتاي 2015‏-يىلى ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىدە ۋەقە يۈز بەرگەندە 56 كۈنگە قەدەر ئۇچۇرنى تاشقى دۇنيادىن سىر تۇتقانلىقى، ئاخىرى ۋەقەدە ئىككى تەرەپتىن 50 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ 2016‏-يىلى ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا باشقىچە سانلىق مەلۇماتنى بەرگەن.

 يۇقۇرىقى ۋەقەلەرنىڭ ھەممسىدە خىتاينىڭ يولسىز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قىرىۋەتتى ياكى تۈرمىگە سولىدى.  بولۇپمۇ شىجىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كىين خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بارغان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىزغىنچىلىق ئۆلچىمىگە دەل چۈشىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىر قسىمى ئىرقى قىرغىن قىلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى شۇنداق دەرىجىگە يەتكەن تۇرسا  ئەركىن جەمئىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاچىلىرنىڭ ئاغىزىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيىلىك ئاپەتلەرنى «زۇلۇم»، «ئىرقى ئايرىمچىلىق»، «ئاسسمىلياتسىيە» دەپ تەسۋىرلەپ «زۇلۇم» ۋە « ئىرقىي ئايرىمچىلىق » ، « ئاسسمىلياتسىيە» ئاتالغۇسىغا تۆھمەت چاپلاپ «زۇلۇم» سۆزىگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ.  چۈنكى زۇلۇم، ئاسسمىلياتسىيە، ئىرقى كەمسىتىش قاتارلىق ئاتالغۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ھەقىقى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنا دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. ھەر قانداق بىر ئاتالغۇنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى ۋە ئىستىلاھىغا ئاساسەن ئىشلىتىش دائىرى ، چېكى ھەمدە قېلىپى بار. ھەر بىر سۆز ئۆز جايىدا ئىشلىتىلمىسە شۇ سۆزگە قىلىنغان بىھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۆرىۋاتقان كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك تۈنى ۋە يۈز قارىسى بولۇپ، «ئىرقىي قىرغىن » سۆزىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

مەن تۇۋەندە ئۆزۈمنىڭ 18 يىللىق تۈرمە ھاياتىمدا بىۋاسىتە ئۇچراتقان،كۆرگەن ياكى ختاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلىقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دەلىل- ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ خىتاي كوممىونستلىرى تەرىپدىن ئىرقى قىرغىن  قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىمەن:

 (1)خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توغۇش ۋە كۆپىيىشىنى قاتتىق چەكلەپ نەسلىنى قۇرۇتۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى.

خىتاي 1982- يىلى  پىلانلىق توغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ  تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى ھەر قايسى قاتلاملاردا تەشۋىق قىلىپ يولغا قويۇشقا باشلىدى. 1991- يىلى خىتاي كوممونىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى « پىلانلق توغۇت خىزمىتىنى قاتتىق كۈچەيىتىپ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قارارنامە» چىقاردى. مەزكۇر قارارنامىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى تىزگىنلەش ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بولمىسىمۇ بىراق خىتاي رېجىمى پىلانلق تۇغۇت سىياسىتىنى قاراتمىلىق ھالدا  ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزدى. ئاتالمىش پىلانلق توغۇت نامى بىلەن توغۇلمىغان بالىلارنى ئۆلتۈرۈپ ئۇيغۇرنىڭ كۆپىيشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشقا ئۇرۇندى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسدا 10 نەچچە يىللىق پىلانلىق توغۇت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشى گۇۋاھلىق بىرىپ تۈۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلىدى:

1996-يىلى 5-ئايدا خوتەن ناھىيە خانئېرىق يېزىسى لايقا كەنىتتىن تۇغۇت يېشىدىكى 57 ئايالنى مەجبۇرى ناھىيلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ تۇغماس ئوپراتسىيسي قىلغان.  بۇلارنىڭ ئچىدىكى 21 ئايالنىڭ قورسىقىدىكى تۈرەلمە ئېلىۋىتىلدى . باشقا ئاياللارنىڭ بالا ياتقۇسىنى مەجبۇرى بوغۇۋەتكەن ياكى ئېلىۋەتكەن. خانئېرىق يېزىسىدا   30 كەنت بار بۇلۇپ، كەنىتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر – بىرلەپ توغماس ئوپراتسىيىسى قىلىش ۋە قورساقتىكى تۈرەلمىلەرنى ئېلىۋىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. لايقا كەنىتتە  ئۆلتۈرۈلگەن 21 جاننى 30 كەنتنىڭ ھەر بىرگە 10دىن ئورتاقلاشتۇرساق بىر يېزىدىلا بىر قېتىمدا 300 جاننى ئۆلتۈرگەن بۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ساننى خوتەن ناھىيسىنىڭ 10يېزىسىغا ئەڭ ئاز نىسبەتتە ئورتاقلاشتۇرساق  پەقەت خوتەن ناھىيىسى ئىچىدىلا 3000 جاننى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر بۇ سانلارنى شەرقي تۈركىستاندىكى بەش ئوبلاس، يەتتە ۋىلايەت، 68 ناھىيە، چوڭ- كىچىك 21 شەھەرگە  ئورتاقلاشتۇرساق كىشىنى چۇچۇتكىدەك كۆپ جاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپالاپ چىقالايمىز.

خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان توغۇت چەكلەش سىياسىتى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلدى. ھەتتا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يەرلىك ئەمەلدارلار خىتاي بىكىتىپ بەرگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تۈغقان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر  دەرىجىدە جېرىمانە قويدى. تۇغۇلمىغان پەرزەنتلەرنى مەجبۇرى ئوپراتسىيە قىلىپ ياكى ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ كەلدى.

2015- يىلى 15- ئاۋغۇست  خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ تور بېتىدە ئىسپاتلىشىچە، خىتاي كوممونستلىرىنىڭ پىلانلىق توغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغان 35 يىلدىن بۇيان ئاز دېگەندە 4 مىليون بوۋاق مەجبۇرى چۈشۈرىۋېتىلگەن. خەۋەردە بۇنى «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت » دەپ سۈپەتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە 30 يىلدا ختايدا 400 مىليون ئادەمنىڭ ئاز توغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تەرەپنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا يىلىغا 13 مىليون ھامىلە چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. دېمەك خىتاي 35 يىلدىن بۇيان مەجبۇرى چۈشۈرگەن ھامىلىنىڭ سانى، خىتاي ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى ھەر يىلى 40 قېتىم ئېلىپ بارغانغا تەڭ كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتايدا مەجبۇرى ھامىلە چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ سانى، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيان نورمالسىز ھالەتتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدىكەن. خىتايدا 1959-1961 يىللىرى ئارىسىدىكى ئۈچ يىللىق ئاچارچىلىقتا ئۆلگەنلەر سانى 43 مىليونغا يەتكەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەن ئاپەتلىك يىللاردا ئۆلگەنلەر سانى 2، 3 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن.

يېقىندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياشانغان بىر ئايال خىتاينىڭ يەنە بىر بۇلاڭچىلىق ۋە ئىرقي قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «خىتاينىڭ 2018- يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاي بەلگىلەپ بەرگەن ساندىن ئوشۇق توغۇلغان بالىلارنى ياكى بۇرۇن يۇشۇرۇن توغۇپ خىتاي بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق بولغان بالىلارنى خىتاي مەجبۇرى بۇلاپ ئېلپ كىتىشكە باشلىدى، ئېلىپ كىىتلگەن بالىلارنىڭ بىر قسىمىنى خىتاي دائىرلىرى تەسس قىلغان دارولئىيتاملارغا مەجبۇرى ئېلىپ كەتتى. بىر قىسىم بالىلارنى قانداق يەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ھەتتا ئاتا – ئانىلارمۇ  بىلمەيدۇ.» دېگەن پاكىتلارنى ئاۋازلىق ئىسپاتلاپ بەردى.
خىتاينىڭ 2018- يىلى ئېلىپ بارغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى ئوميۈزلۈك مەجبۇرى تەكشۈرىشى بولسا، تەربىيىلەش ئورنىغا ئېلىپ كىرىلمىگەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى مەلۇم تۆھمەتلەر بىلەن ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېر»غا قاماش ياكى ئۇلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئېلىشقا باشلىغانلىقى ئېنىقلاندى.

(2)خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىپ ئۇيغۇرلاغا مەخپيى زىيانكەشلىك قىلىشى

         1990- يىللىرى دۆلەت قۇرۇپ  40 نەچچە يىل بولغان خىتايدا ئنساني ھوقۇق ئپادىلىنىدىغان، مەھبۇسلارغا ئادەمدەك مۇئامىلە قىلشنى ئۆلچەم قىلغان تۈرمە  قانۇن يوق ئىدى. خەلقئارا جەمىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن 1994-يىلى 12- ئايدا« تۈرمە قانۇنى »نى ئېلان قىلدى. ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 1-تۈرمىدە «تۈرمە قانۇن»نى ئېلان قىلىنىپ بىر يىلدىن كىيىن مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى: يىڭىدا ئېلان قىلىنغان «تۈرمە قانۇنى»نىڭ خەلقئارا جەمىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، چىقىرىلغانلىقى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ  ئۆز تىلى بىلەن ئېتراپ قىلىندى.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق ئىدى:

1995-يىلى 8-ئايدا بىرىنچى تۈرمىنىڭ 7-ئەترىتىدە مەھبۇسلارنى بىر كۈندە 15 سائەت ئشقا سېلىپ رازى بولمايدىغان ۋاڭ پامىلىلىك گۇندىپاي، مۇھەممەت ئسىملىك مەھبۇسنى «ئەمگەك ۋەزىيپەڭنى ئورۇندىمىدىڭ» دېگەن باھانە بىلەن ئۇرۇپ ھاقارەتلىدى.

ھاقارەتكە چىدىمىغان مەھبۇس: «تۈرمە قانۇنىنىڭ 14- ماددىسىدا مەھبۇسلارنى ئۇرۇش، ھاقارەتلەشكە، تەن جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن، ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن » دەپ  قارىشىلىق كۆرسەتتى. گۇندىپاي: «ئەرز قىلساڭ قىل، بۇ قانۇن چەتئەللىكنى ئالداش ئۈچۈن چىقىرىلغان. قانداق باشقۇرۇشنى خالىساق شۇنداق باشقۇرىمىز»دېگەن. ئەتىسى مەھبۇسلارغا  تارقىتىپ بېرىلگەن «تۈرمە قانۇنى»نىڭ ھەممىسى يېغىۋېلىندى. بۇ قانۇننى سىرىتتىن تەكشۈرگىلى كىرگەنلەرنىڭ  كۆزىگە چېلىقىدىغان يول ئۈستىدىكى تامغا يېزىپ قويغان بولسىمۇ بىراق ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىمىدى. خىتاي بۇ قانۇننى دەستەك قىلىپ «كىشىلىك ھۇقۇق ئەھۋالىمىز ئۇنداق ياخشىلاندى، مۇنداق ئىلگىرلەشلەر بولدى» دەپ خەلقئارا جەمىيەتنى ئالداپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ  بىراق بۇ « قانۇن» شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەر  ئچىدە تامغا يېزىپ قويۇپ ئىجرا قىلىنمىدى. ئەكسىچە ئىرقى ئايرىمچىلىق قىلىپ بۇ قانۇننى خىتاي ئچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي مەھبۇسلىرىغا ئىجرا قىلدى.

 (3)ئاسسمىلياتسىيە قىلىش مەقسىدىگە يىتەلمىگەن خىتاي ئۇيغۇرلارنى يۇشۇرۇن  قىرغىن قىلىشقا باشلىدى

خىتاي رېجىمى 1990 يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئوقۇ- ئوقۇتىشنى چەكلەپ دىن ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقانلارنى قاتتىق جازالاپ تۈرمىلەرگە تاشلاپ دىندىن يراقلاشتۇرۇشقا تىرىشا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى مىللى مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تېرىشىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشقا مەجبۇرلىدى. پەرزەنتىنى خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار قىلىپ خىتايچە ئۆگۈنىشكە زىغبەرلەندۈردى. خىتاي مەكتەپلىرىنى پىتتۇرگەن ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. «ئۇيغۇرلارنى دىندىن يراقلاشتۇرساق ئاسانلا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قولاي بولىدۇ» دىگەن خولاسىگە كەلگەن خىتاي بىرىنچى قەدەمدە 18 ياشقا يەتمىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەسچىت ۋە دىنى سورۇنلارغا بېرىشىنى چەكلىدى. ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا ھەر خىل تەھدىتلەرنى سېلىپ پەرزەنتلىرى  18 ياشقا توشماي تۇرۇپ، دىنى سورۇنلارغا ئېلىپ بارغان ئاتا- ئانىلارغا ئېغىر جېرىمانە قويدى. بىراق ئۇيغۇرلار دىندا، مىللى كىملىكىنى ساقلاشتا تەۋرەپ قالمىدى. خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا قارىشى دىنى تەلىم – تەربىيىنى كۈچەيتتى. دىنى تەلىم- تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىش بارغانسېىرى ئومۇملىشپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنغا، مىللى مەدەنىيىتىگە بولغان سەزگۈرلىكى كۈچەيدى. خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشى تىل- يېزىقلىرىدا خىتايچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشنى ئۆز- ئارا  يامان كۆرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. خىتاي قانچە ئاسسلىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇيغۇرلار شۇنچە خىتاينىڭ قارىشىدا دىنى غورورى، ۋە مىللى غورورى كۈچىيىپ خىتاي پىلاننىڭ ئەكس يۈلىنىشىگە قاراپ يۈزلەندى. ئاخىرى يومشاق ۋاستىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇشتا مەغلۇب بولدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى يومشاق ۋاستە بىلەن يوقۇتۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قىرىپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت رەزىل ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. 

(4)ئۇيغۇر ياشلىرىغا ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ قىرغىن قىلدى.

خىتاي خەلقئاراغا ئېلان قىلغان قانۇنلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئشلەتمەي ئۆزى خالىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن 10 يىلىدىن ئاشۇروپ كېسپ قاماقخانىلاردا ۋە تۇرمىلەردە ئۇجۇقتۇردى. تەرتىپسىز سوتلاپ ئۈلۈم جازاسى بەردى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان دەم ئېلىشقا چىققان ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2002- يىلى بىر يىل ئچىدە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە 120ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. خىتاي تۆھمەت بىلەن جازالاپ قىرغىن قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى  ئاقلاپ سوتچىلار بىلەن تىىركەشكەن ئاقلىغۇچىلارنى ئىشتىن قوغلىدى ياكى تۆھمەت چاپلاپ جازالىدى. مەسىلەن: 1995- يىلى خوتەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئدارىسنىڭ ئادۇكاتى تۇرسۇنجان سىياسى مەھبۇسلار تەرىپىدە تۇرۇپ خىتاي تەپتىشلىرى بىلەن قارشىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشتىلدى. بۇ ۋەقەدىن كىينكى سوتلاردا ئاقلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئاقنى «قارا » دىسە، «قارا »دېيدىغان بولدى. ئاقلىغۇچىلار سوتلاردا ئاقلىغۇچى، ھاققانىيەتنى ياقىلىغۇچى ئەمەس بەلكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچلىقنىڭ شاھىدى  سۈپىتىدە رەسمىيەت سۈپىتىدە بىر قانچە جۈملە سۆز قىلىپ قويۇپ ئۈن چىقارماي ئولتۇردىغان بولدى.

خۇلاسە: دېمەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇش، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈش، ئىلگىرىكى قوللۇق دەۋرىدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قائىدە تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، قەستەن جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىنى بەربات قىلىپ يوقۇتۇش، ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىش، بالاغەتكە يەتمىگەن پەرزەنتلىرىمىزنى لاگېرغا يېغىۋېلىپ، ھەممدىن مەھرۇم قىلىپ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىش، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشى، خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق تىزگىنلەپ تۇرغان بىر پەيىتتە لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن ئارقا- ئارقىدىن ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ كىلىشى، كۆپلەپ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن سېلىنشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «زۇلۇم »، « ئىرقىي كەمسىتىش »، « ئاسسىمىلاتسىيە» ئەمەس بەلكى ب م ت دا 1948- يىلى بىكىتكەن ئىرقىي قىرغىن قىلش جىنايەت ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ.

شۇڭا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردىكى داۋاچىلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلار، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لىكىسيە سۆزلىگۈچىلەر ئىككىلەنمەستىن « داۋاگەر بوش قازى مۇتىھەم» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،«ئىرقىي قىرغىن» سۆزىنى كەڭ- كۆلەملىك ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى:

 ئابدۇخەبەر رەجەپنىياز

داۋامى بار


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ