ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئەسلى سەۋەبچى بولغانلار كىملەر؟ 2009 – يىل 26 - ئىيۇن كۈنى، خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىدىكى خۇرۇئى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ 300دىن ...
 

  5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان

 

سېيىت تۈمتۈرك

(دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى)

تەرجىمە: باتۇر 

 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەپلىرى ۋە نەتىجىلىرى

ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئەسلى سەۋەبچى بولغانلار كىملەر؟ 2009 – يىل 26 - ئىيۇن كۈنى، خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىدىكى خۇرۇئى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ، 60تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچىنى ئۆلتۈرۈپ، 150تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئېغىر يارىلاندۇرۇشىدىن ئىبارەت مىللىي توقۇنۇش تۈسىنى ئالغان چوڭ قانلىق ۋەقە خەلقىمىزنى ئەلۋەتتە غەزەپلەندۈرەتتى. ئۇيغۇر خەلقى قېرىنداشلىرىنىڭ شوۋېنىست خىتايلار تەرىپىدىن سەۋەبسىز ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھۆكۈمەتتىن جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى[1]. ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 2009 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 – كۈنى، ھۆكۈمەتتىن گۇاڭدوڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا جاۋاب بېرىشىنى ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ تېنچ ھالدا نامايىش قىلدى.  تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ۋە ئورۇنلۇق تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىش ئورنىغا رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ “5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى”نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئىككىنچى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ئېلىپ باردى. تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن ھازا ئېچىشىنىمۇ چەكلىدى[2]. خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋەقەدىن بىر قانچە كۈن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستانغا 22 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىلدى ۋە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە مىڭ كىشى تۇتقۇن قىلىندى، كېچە كوچىغا چىقىش مەنئى قىلىندى. ئېنتېرنېت ۋە تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۈزۈۋېتىلدى. ھەتتا ئىراندىكى نامايىشلاردا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغان Twitter   تور بېكىتىمۇ توسۇۋېتىلدى. ئارقىدىنلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا بەرگەن خەۋەرلەردە بۇ ۋەقەنى مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئۇيۇشتۇرغان تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان ئۇرۇپ - چېقىش، بۇلاڭ - تالاڭ، ئوت قويۇش   ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى دەپ كۆرسىتىپ، بۇ ۋەقە جاۋابكارلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى[3].

26 - ئىيۇل كۈنى، خىتاي  ئالاھىدە بىر چەتئەللىك مېھماننى قىزغىن كۈتۈۋاتاتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئابدۇللاھ گۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە بارغاندا، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالغان، ۋەزىيەت جىددىيلەشمىگەنىدى. توقۇنۇش خەۋىرى بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۈچ مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. 

لېكىن، كوممۇنىست خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ، ھېچقانداق چارە - تەدبىر قوللانمىدى. بۇ سەۋەبتىن غەزەپلەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى  ئۈرۈمچىدە 2009 - يىل 5 - ئىيۇل كۈنى ھۆكۈمەتتىن گۇاڭدوڭدا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا جاۋاب ئېلىش ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈپ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، تېنچ شەكىلدە نامايىش قىلدى. تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ۋە يوللۇق تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ، “5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى”نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىر پارتىيە دېكتاتۇرلىقىدىكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان دائىم ئاتالمىش ”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” نامىدىكى ئىسمى بار، جىسمى يوق قۇرۇق سۆزى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەرھۇم قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى مول بايلىقلارنى تالان قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلاشتى. ”شىنجاڭغا ياردەم قىلىدۇ” دەپ مىليونلىغان خىتاي ئاققۇننى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈردى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس سىستېمىسىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇسى 1949 - يىلىدىكى %80تىن كۆپ تۆۋەنلەپ، ھازىرقى %43كە چۈشۈپ قالدى. خىتايلارنىڭ نوپۇسى %4تىن %47كە يەتتى.

 ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ مىللىي كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش سىياسىتى نەتىجىسىدە ناھايىتى ئېغىرلاشقان بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى  %70تىن ئېشىپ كەتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %10كىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بولسا %90تىن ئارتۇق. ھۆكۈمەتنىڭ شىتاتلىق خىزمەتچى ئېلىش ئېمتىھانلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئاجرىتىلغان سان ناھايىتى ئاز بولۇپ، خىتايلارنى ئىشقا ئالىدىغان ئورۇنلارنىڭ سانى مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگەللىمەكتە.

ئىشچى ئېلىشتا مىللىي كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش سىياسىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان. 2003 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى (بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپچىلىكىنى توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرى تەشكىل قىلماقتا) ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتكەننى ئاز دەپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئىش كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلدى. يەنى ئۇلارنىڭ قان - تەرىنى شۈمۈرۈپ كەلدى. ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت ئىشلەپ ئالىدىغان ئايلىقى 500 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئەمما، ئۇلار بىلەن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى خىتاي ئىشچىنىڭ ئالىدىغان مائاشى 3000 يۈەندىن ئارتۇق. خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان بولغاچقا خورلانماقتا ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچرىماقتا. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بوھران تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى خۇددى پارتىلاشقا تەييار بومبىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئىھتىمالى يۇقىرى ئىدى. مانا بۇ ئەھۋال خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزگەن مىللىي كەمسىتىش ۋە زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. لېكىن مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى ئاددىي قارىدى. يەنى ئۆزىنىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى “سەن نېمە قىلالايسەن؟ قولۇڭدىن نېمە كەلسە قىل، بەرىبىر مېنىڭ چاڭگىلىمدا سەن” دېگەندەك پاسسىپ ھالەتتە تۇردى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايتتى.     

26  -  ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىدىكى خۇرۇئى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا مەيدانغا كەلگەن تراگېدىيە خەلقىمىزنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنىڭ قايناپ تېشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇرۇندىن تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش، چەتكە قېقىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە ناراز بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۇنداق يولسىز ۋە قانلىق ۋەقەگە سۈكۈت قىلالمىدى. كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇشۇنداق چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى ئادەتتىكى بىر جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە كۆرۈشى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ،ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقتىن يوشۇرۇشى، ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى پەقەت ئىككى نەپەر دەپ ئېلان قىلىشى، يارىلانغانلارنىڭ سانىنىمۇ ئاز كۆرسىتىشى ۋە بۇ ۋەقە توغرىسىدا جاۋابكارلارنىڭ جازاغا تارتىلماسلىقى، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە غەزەپ - نەپرەتنىڭ ئۇلغىيىشىغا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا “5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”نىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى “5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى”غا سەۋەب بولغان گۇاڭدوڭ شاۋگۇەندىكى چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى خەلقتىن يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىماقچى بولدى. لېكىن، پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي يوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتەك جىنايى جاۋابكارلىقىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[4]. 

داۋامى بار...

 

 

 

[1] 5 Temmuz Ürümçi Olayı”, http://www.turkbirlik.gen.tr/lang-tr/Haberler/112-sherqi-turkistan/902-5-temmuz-urumci

-olayi.html

[2] “Kızlarını göremediler”, http://yenisafak.com.tr/Dunya/?t=30.06.2009&c=4&i=198020

[3] “21. yüzyılın Kuveyt`inde kargaşa” http://www.newsweekturkiye.com/haberler/print_page/30723

[4] 5 Temmuz Ürümçi Olayı, http://www.turkbirlik.gen.tr/lang-tr/ Haberler/112-sherqi-turkistan/902-5-temmuz

-urumci-olayi.html

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ