ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(1)دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت

 

 

ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى 1874-يىلى باشلانغان   

ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى پەرەز قىلغىنىمىزدىن خېلىلا بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، بۇ خىزمەت ئۆز دەۋرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئەمما ئۇ يىللاردا تېخى كومپيۇتېر بولمىغاچقا، رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل خىزمەتنى ھەر يىلى قىلىشقا مۇمكىن بولمايتتى. ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى باشلانغان يىللاردا، دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەتكە تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن كىتاب قىلىپ، نەشر قىلىنىپ سېتىلاتتى.

ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ئاساس سالغان تۇنجى خىزمەت 1874-يىلى ئەنگلىيەدە فىرانسىس گالتوننىڭ (Sir F. Galton) «ئىنگلىز ئالىملار» (English Men of Science) ناملىق كىتابىنىڭ بېسىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. فىرانسىس گالتون ئەنگلىيەدىكى خان جەمەتى ئاكادېمىيەسىگە (Royal Society) ئەزالىققا تاللانغان ئىلىم ئەھلىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى «بۇ تاللانغان ئىلىم ئەھلى تۇغۇلۇشىدىن مۇشۇنداق ئەقىللىقمۇ ياكى مەكتەپتە ئوقۇپ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئەقىللىق بولغانمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئىدى. فىرانسىس گالتوننىڭ خىزمىتى گەرچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى كېيىنچە ئالىملارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ئىلھام بولىدۇ.

دۇنيادا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيىلىك ھ. ماكلىننىڭ (H. Maclean) «ئەڭ ياخشى ئىنسانلىرىمىزنى نەدىن ئالىمىز» (Where We Get Our Best Men) دېگەن كىتابىنىڭ بېسىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ماكلىن بۇ كىتابىدا ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىدۇ. كېيىن ئۇ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قانچىلىك كىشىنىڭ تەربىيەلەنگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ ۋە بۇ سانلارغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئىنگلىز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى باھالاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن 1904-يىلى خاۋلوك ئېللىس (Havelock Ellis) ئىنگلىز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يېتىشىپ چىققان ۋە «تالانتلىق» دەپ تەرىپلەنگەن كىشىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.

ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باھالاپ، ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىش خىزمىتى 1906-يىلى باشلىنىدۇ. ئامېرىكىلىق ج. م. كاتتېل (J. M. Cattell) ئەنگلىيەگە بېرىپ گالتون بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ بەزى خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1906-يىلى ئامېرىكىدىكى تۆت مىڭ ئاكادېمىكنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. كاتتېل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەن كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشتا ئوقۇغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى ۋە قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەۋاتقانلىقىغا قارىتا رەتكە تۇرغۇزىدۇ. ئۇ كېيىن بۇ تۆت مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كۆپ نەتىجە قازانغان، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىشىلەردىن مىڭ كىشىنى تاللاپ، بۇلارنى نەتىجىلىرىگە ئاساسەن 100 كىشىلىكتىن جەمئىي 10 گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ھەربىر ئۇنىۋېرسىتېتتا بىرىنچى يۈز كىشىلىك گۇرۇپپىغا تاللانغانلاردىن قانچىسىنىڭ ئوقۇغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا كۆپەيتىدۇ. گاتتېل مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باھالاپ، ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇنجى قېتىملىق رەتكە تۇرغۇزۇشتا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (Harvard Üniversitesi) بىرىنچى بولۇپ باھالىنىدۇ.

ئامېرىكىدا ئىككىنچى قېتىم 1924-يىلى يەنە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ. بۇ خىزمەتنى م. ھىيۇگېس (M. Hughes) ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ خىزمەت كېيىن 1966-يىلى، 1983-يىلى يەنە ئىشلىنىدۇ.

دۇنيا بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى بولسا 2003-يىلى تۇنجى قېتىم ARWU (Academic Ranking of World Universities؛ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان) تەرىپىدىن ئىشلىنىدۇ ۋە خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ خىزمەت شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە ئون قېتىمدىن كۆپ ئىشلەنگەن.

2018-يىلىARWU  تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت» دەپ باھالانغان ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىچە:

 

1. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (Harvard University)

ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستېس (Massachusetts) ئىشتاتىنىڭ بوستون (Boston) شەھىرىدە بولۇپ، 1636-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Cambridge, Massachusetts 02138, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى:  22,947نەپەر (2017-يىلى)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ بىرىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

2. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Stanford University)

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە (California) ئىشتاتىنىڭ سان فىرانسىسكو (San Francisco) شەھىرىدە بولۇپ، 1885-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 450 Serra Mall, Stanford, CA 94305, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى : 16,914  نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

3. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge)

ئەنگلىيىنىڭ كامبرىج  شەھىرىدە بولۇپ، 1209-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: The Old Schools, Trinity Ln, Cambridge CB2 1TN, İngiltere

ئوقۇغۇچى سانى: 21,657 نەپەر

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى تۆتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

4. ماسساچۇستېس ئۇنىۋېرسىتېتى (Massachusetts Institute of Technology)

ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستېس ئىشتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە بولۇپ، 1861-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 77 Massachusetts Ave, Cambridge, MA 02139, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 11,376 نەپەر (2016)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى بەشىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

5. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of California, Berkeley)

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ بېركېلىي ناھىيەسىدە بولۇپ، 1868-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Berkeley, Kaliforniya, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 41,610 نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

6. پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى (Princeton University)

ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي (New Jersey) ئىشتاتىدا بولۇپ، 1746-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: New Jersey 08544, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 8623 نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ ئالتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

7. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Oxford)

ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىردە بولۇپ، 1209-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Oxford OX1 2JD, İngiltere

ئوقۇغۇچى سانى: 23,975 نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ يەتتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

8. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Columbia University)

ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە بولۇپ، 1754-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 116th St & Broadway, New York, NY 10027, Amerika Birleşik Devletleri

ئوقۇغۇچى سانى: 32,429 نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى توققۇزىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

9. كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (California Institute of Technology)

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە بولۇپ، 1891-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 116th St & Broadway, New York, NY 10027, Amerika Birleşik Devletleri

ئوقۇغۇچى سانى: 2238 نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى سەككىزىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

10. چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Chicago)

ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھىرىدە بولۇپ، 1890-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 5801 S Ellis Ave, Chicago, IL 60637, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 14,467 نەپەر (2015)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ ئونىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

11. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، لوس ئانژېلېس (University of California, Los Angeles)

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە بولۇپ، 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Los Angeles, Kaliforniya 90095, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 44,947 نەپەر (2016)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

12. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى (Cornell University)

ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىنىڭ ئىساكا (Ithaca) شەھىرىدە بولۇپ، 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Ithaca, New York 14850, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 21,904 نەپەر (2015)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

13. يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University)

ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات (Connecticut) ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھاۋېن (New Haven) شەھىرىدە بولۇپ، 1701-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: New Haven, Connecticut 06520, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 12,385 نەپەر (2015)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون بىرىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

14. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Washington)

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە بولۇپ، 1861-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Seattle, Washington 98195, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 46,081 نەپەر (2016)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون بەشىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

15. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of California, San Diego)

ئامېرىكىنىڭ سان دىيېگو (San Diego) شەھىرىنىڭ لا جوللا La Jolla خەلقى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونىدا بولۇپ، 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 9500 Gilman Dr, La Jolla, CA 92093, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 35,821 نەپەر (2016)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون تۆتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

16. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Pennsylvania)

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە بولۇپ، 1740-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Philadelphia, Pensilvanya 19104, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 24,107 نەپەر.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون سەككىزىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

17. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى (University College London)

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە بولۇپ، 1826-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Gower St, Bloomsbury, London WC1E 6BT, İngiltere

ئوقۇغۇچى سانى: 41,539 نەپەر (2017)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ ئون يەتتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

18. جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى (Johns Hopkins University)

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند (Maryland) ئىشتاتىنىڭ بالتىمور (Baltimore) شەھىرىدە بولۇپ، 1876-يىلى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Baltimore, Maryland 21218, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 23,917 نەپەر (2016)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى ئون ئالتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

19. ئىسيۇرىخ فېدېراتسىيە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Swiss Federal Institute of Technology Zurich)

شىۋېتسارىيەنىڭ ئىسيۇرىخ شەھىرىدە بولۇپ، 1854-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Rämistrasse 101, 8092 Zürich, İsviçre

ئوقۇغۇچى سانى: 19,233 نەپەر (2015)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىمۇ ئون توققۇزىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

20. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى (Washington University in St. Louis)

ئامېرىكىنىڭ مىسسورى ئىشتاتىدا بولۇپ، 1853-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: 1 Brookings Dr, St. Louis, MO 63130, Birleşik Devletler

ئوقۇغۇچى سانى: 15,115 نەپەر (2015)

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى يىگىرمە تۆتىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

داۋامى بار

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ