<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋىجدان كارۋىنى يولغا چىقتى

ۋىجدان كارۋىنى يولغا چىقتى

6-مارت ئىستانبۇلنىڭ يىنى كاپا مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللىگەن 150 ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركستانلىق ئايالنى ۋىجدان كارۋىنىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن يولغا سالدى.
يولغا سېلىش پائالىيتىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللا ئەپەندى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش مەقسىدىنىڭ شەرقي تۈركستاندىكى « تەربىيىلەش لاگىر»غا قامالغان ئانىلار ۋە خانىم قىزلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش، ھەمدە شەرقي تۈركستان خەلقىنىڭ سۈرىيىدە زۇلۇمغا قېلىۋاتقان ئايال ۋە بالىلار ئۈستىدىكى ئىسلامىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيتىنى ئادا قلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۈپ ئۆتتى.
پائالىيەت ئىستانبۇلدىن خاتايغىچە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان. نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ۋە 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 3000 دەك ئايال يولغا چىققان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ئايلاردىن تەشكىللەنگەن 150 كىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇلۇمغا قارشى نامايىشىنى قوللاش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
پائالىيەتنىڭ مەقسىدى بولسا، 400000 مىڭ ئەتراپىدىكى ئىنساننىڭ سۇرىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلىقى، سۇرىيە ھاكىمىيىتى ئەر- ئايال ، چوڭ – كىچىڭ دىمەستىن 13104 ئادەم ۋە 15مىڭ كىچىك بالىنى قىيىن – قىستاقلار بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئىسلامىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش، سۇرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ئايال بالىلارنى قويۇپ بىرىشكە چاقىرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن. 

بۇ پائالىيەت 3- ئاينىڭ 6- كۈنى ئىستانبۇلدا باشلىنىپ، 3- ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيەنىڭ خاتايدا ئاخىرلىشىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ