ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋىجدان كارۋىنى خاتايدا

ۋىجدان كارۋىنى خاتايدا

8-مارت ۋىجدان كارۋىنى خاتايغا يىتىپ كەلدى.
6-مارت سەھەردە ئىستانبۇلنىڭ يىنى كاپا مەيدانىدىن 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئاياللار بىلەن بىرگە يولغا چىققان 150 شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى بۈگۈن خاتايغا يىتىپ باردى.
ۋىجدان كارۋىنى خاتايدا سۇرىيە ھاكىمىيتىنى سۇرىيە تۈرمىلىرىدە ئەسىر بولۇپ يېتىۋاتقان ئايال ۋە بالىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ بايانات ئېلان قىلىش يېغىنى ئاچتى. يېغىندا شەرقىي تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ۋىجدان كارۋىنىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر خانىم سۆز قىلىپ،« خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا قارىشى ئۆزىنىڭ ئىيمانىدىن ۋاز كەچمىگەن، خىتاينىڭ زۇلمىغا بوي ئەگمىگەن شەرقىي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلدىم، خىتاي بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقللىق دەۋاسىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلسۇن!» دىگەنلەرنى بىلدۈردى.
پائالىيەت 8 - مارت چۈشتىن كىيىن ئاخىرلاشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ