<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋىجدان كارۋىنى ئەنقەرەگە يىتىپ باردى

ۋىجدان كارۋىنى ئەنقەرەگە يىتىپ باردى
7-مارت ۋىجدان كارۋىنى ئەنقەرەگە يىتىپ كەلدى.
6-مارت سەھەردە ئىستانبۇلنىڭ يىنى كاپا مەيدانىدىن 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئاياللار بىلەن يولغا چىققان 150 شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى شۇكۈنى كەچتە ئەنقەرەگە يىتىپ باردى.
ۋىجدان كارۋىنى ئەنقەرەدىكى مەلۇم جامەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ۋىجدان كارۋىنىغا قاتناشقان ئاياللار جامە مەيدانىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۆز يېشى قىلغان ھالدا: « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىگۇناھ قىز- ئاياللىرىمىزنى، ئانىلىرىمىزنى تۈرمىگە، ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېر»غا قالمىغانلىقىنى ھەتتا بىر قىسم ئاياللىرىمىز خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
7-مارت چۈشتىن بۇرۇن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى » ۋەكىللىرى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋىجدان كارۋىنى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرە رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرىدىن مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بوينىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بېسىلغان شارپا ئاستى ھەمدە جۇمھۇر رەئىسكە شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ سالام ۋە دۇئالىرىنى يەتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ