ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىجرەت، جىھاد، مىللەتچىلىك ۋە ئۈممەتچىلىك توغرىسىدا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-12-11 23:28:51 جەمئى 5584 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىجرەت، جىھاد ۋە ئۈممەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك توغرىسىدا

 ھىجرەت، جىھاد ۋە ئۈممەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك توغرىسىدا

ئىسلام ئۈممىتى ھازىر قۇمدەك چېچىلاڭغۇ، ھەر قەبىلە، ھەر يۇرت مەھەللىنىڭ ئىچىدىمۇ بىر ئۈممەت بىرلىكى بولمايۋاتقان، مۇسۇلمان مۇسۇلمانى ئۆلتۈرىۋاتقان، مۇسۇلمانغا مۇسۇلمان كۆڭۆل بۆلمەيدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز، (كاپىرلارغۇ ئىسلام دۇنياسىدا تۆكىلىۋاتقان قانلاردىن خوش بولۇپ يايراپ كېتىۋاتىدۇ)بۇنداق ئەھۋالدا قانداق بولۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىر ئۈممەت بولۇپ بىرلىشەلىسۇن، ئەڭ ئاددىسى ئىسلام دىنى تۈنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئوتتۇرا شەرقتىكى 23 ئەرەب مۇسۇلمان دۆلىتى بىرلىشەلمەي بىر بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتسا باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار قانداق بولۇپ بىر ئۈممەت بولۇپ بىرلىشەلىسۇن؟ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىمۇ ئۆزىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئالىملىرى، زىيالىلىرى، تالىبلىرى، مۇجاھىدلىرى دەپ داۋا قىلىۋاتقانلارمۇ نەچچە گوروھ بولۇپ پارچلىنىپ كەتكەن بىر ھالەتتە ئۆتىۋاتىدۇ، ھەممىمىز ئىسلام ئۈممەتنىڭ بىرلىشىشنى خالايمىز ئارزۇ قىلىمىز، ئەمما بۇ بىر شىرىن خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈممەت بىرلەشمەي ۋە كۈچلەنمەي تۇرۇپ خىتايغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ دېيىش خۇددى تۈگىنىڭ قۇيرىقى يەرگە چۈشكەندە ئاندىن خىتايغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ دېگەن بىلەن ئوخشاش بىر گەپ. بۇ بىر شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قارشى كۈرەشتىن سۇسلاشتۇرۇش، ياكى خىتايغا قارشى تۇرمايلى دېيىشتىن ئىبارەت دەپ ئويلايمەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلغان بولسا ئۆز ۋەتىنى بولغان مەككىگە قايتىپ كېلىپ ئۇ شەھەرنى فەتھى قىلدى، بىزدىمۇ ھىجرەتتىن مەقسەت قايتىپ كېتىپ ئۆز يۇرتىمىزدىكى قېىرنداشلىىرىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈركىستاندا توغۇلۇپ ھىجرەت قىلغان بولسا چوقۇم قايتىپ بېرىپ شەرقىي تۈركسىتاننى كاپىرلارنىڭ ئىشغالىيتىىدىن قۇتۇلدۇرغان بولاتتى. ئسلامنى تۈركىستانغا ئومۇمىيلاشتۇرغان بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر ھازىر ھايات بولغان بولسا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ۋە مۇجاھىدلارنى بەلكى شەرقىي تۈركسىتانغا ئەۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشۇنداق تارقىتىپ ئومۇمىيلاشتۇرغان ئاشۇنداق كۈچلەندۈرگەن. بىز مەككىدە ياكى مەدىنىدە توغۇلمىدۇق، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان ھالدا توغۇلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام توپرىقىدا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مىللەتچىلىك بولمايدۇ قېرىندىشىم، ئۇ يەردە سىزنىڭ ئاچا – سىڭىللىرىڭىز، ئاكا – ئىنىلىرىڭىز ئاتا – ئانىلىرىىڭىز زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مىللەتچىلىك دەپ قاراش ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپتۇر. 

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مىللەتچىلىك ئېڭى بولسا مىللەتچى بولىسڭىز ئىسلامىي ئاڭ بولسا ئۈممەتچى بولىسىز ئەمما بىر قىسىم قېرىنداشلار ھازىر ئۈممەتچىلىك ئوقۇمنى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتتى. شەرقىي تۈركسىتان جوغراپىيىسىنى ئىسلام جوغراپىيىسى دەپ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى تەن ئالمايدۇ، مەن ئۇيغۇر دىيىشتىنمۇ قورقىدۇ. بۇ قانداق ئۈممەتچىلىك ئەمدى. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىفكە ئەمەل قىلىدىغان بولسا بۇ توغرىسىدا كۆپلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار، پەيغەمبەر ئەلەيىھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر قەبىلىدىن بىر قانچە كىشى كېلىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن شۇ يەردە قېلىشنى تەلەپ قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرىۋەتكەن. شۇ يەردە ئىسلامغا خىزمەت قىلىڭلار دېگەن. ئىسلام دىنى پۈتۈن دۇنياغا مۇشۇنداق تارقالغان. ھېچ كىم ھىجرەت قىلغان يېرىدە يېتىپلا ھايات مۇشۇ، ئىسلام مۇشۇ دەپ تۇرىۋالمىغان. شەرقىي تۈركسىتان تارىختىن بۇيان نەچچە قېتىم ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان ئىسلام توپرىقى، ئۇ يەر ھازىر ئىشغال ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام تەلىماتى بويىچە، ئۇ يەرنى ئىشغالدىن قۇتۇلدۇرۇش پۈتۈن ئىسلام ئۈممەتچىلەرگە پەرز ئەين بولىدۇ. باشقا ئىسلام جوغراپىيىلەردە پەقەت ھوقۇق ۋە زېمىن تالىشىش ئۇرۇشى بولىۋاتقان بولسا بىزنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا كاپىر بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئىشغالچىلار بىلەن مۇجاھىدلار ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولىدۇ. ئۆلسىمۇ ئۆلتۈرسىمۇ ھېچ قانداق شەك – شۈبھىگە يولۇقمايدۇ، يەنى ئۆلتۈرسە شۈبھىسىز خىتاي كاپىرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئەجىر ئالىدۇ، ئۆلسە كاپىرنىڭ قولى بىلەن ئۆلىدۇ سۈبھىسىز شېھىد بولىدۇ. ھايات قالسا غازى بولىدۇ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركسىتان كاپىرلاردىن تازلىنىدۇ. ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. ئافغانىستاندا، سۈرىيەدە، ئىراقتا قۇرۇلمىغان ئىسلام دۆلىتى بەلكى شەرقىي تۈركسىتاندا ھەقىقىي مەناسى بىلەن قۇرۇلىدۇ. 
ھازىرقى زامان ئەرەب مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ئۈممەتچىلىكنى داۋا قىلسىمۇ شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچ ئىش ھېچ سۆز قىلىپ باقمىدى. ئەگەر ئۇلار راستچىل بولىدىغان بولسا خىتايغا ئەڭ ئاز دېگەندە بايانات ئېلان قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەكتى. ياكى ئەڭ ئاۋۋال ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا قارشى جىھاد ئاچقان بولاتتى. بىر قىسىم ئەرەب ۋە ئافغان لىدەرلەر شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىغا كۆز يۇمۇپ غەربكە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى پاش بولىۋاتىدۇ. (بۇ توغرىسىدا كېيىنچە تەپسىلى توختىلىمىز). ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي. 
ئىسلامىي ئاڭ ۋە چۈشەنچە بىلەن ئايەت ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت خىزمەت قىلىش مىلللەتچىلىك بولمايدۇ بەلكى ئۇ ئىبادەت بولۇپ ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەجىر بېرىدۇ. بۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلماي تۇرۇپ ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئىسلامنى تار دائىرىدە چۈشىنىۋالغانلار ئىشنى مۇشۇنداق مۇرەككەپلەشتۇرىۋىتىدۇ. خالاس م. ئارسلان تاش


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ