ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۇ ھامال بۇ يېزىدىكى ئەڭ كەمبەغەل ئادەم ئىدى. ئالقانچىلىك يېرىمۇ يوق ئىدى. دۈمبىسىگە يۈدەيدىغان سىۋەت ۋە بىر تال ئارغامچىغا تايىنىپ ھامالىق بىلەن جېنىنى باقاتتى

 

ھامالدىن سورالغان سوئاللار

(ئىبرەتلىك قىسسە)

 مەلۇم بىر ئادام بىر  يىزىنىڭ ئەڭ بايلىرىدىن ئىدى. بۇنىڭدىن قىسقابىر ۋاقىت ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىردانى بولغان ئايالى ئۆلۈپ كەتكەنىدى. بالا – ۋاقىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئادەمنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى قانداق قىلىدىغانلىقىغا يېزىدىكى ھەممە ئادەم قىزىقاتتى. بۇ  ئادەم  ئايالىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ دەردىدە تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پات  ئارىدا دۇنيادىن كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىردا بايلىقىنى كىمگە قالدۇرۇش ھەققىدىكى ۋەسىيىتىنى ئاشكارلىدى. بۇ ۋەسىيەت ھازىرغا قەدەر ھېچ كۆرۈلمىگەن بىر ۋەسىيەت ئىدى.  يەنى مال- ۋارلىقىنى ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىدە بىر كېچە ھەمرا بولۇپ يېتىشىپ بېرىدىغان كىشىگە قالدۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى.

ھېچكىم ئۇنىڭ مال – مۈلكىگە ۋارىس بولۇش ئۈچۈن بۇنداق قورقۇنچلۇق ئىشقا بەل باغلىيالمىدى. ئەلۋەتتە ئۆلگەن بىر ئادەم بىلەن قەبرىدە بىر ئاخشام بىرگە ياتماق ئاسان ئىش ئەمەستى. بۇ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بىر ھامال ئوتتۇرغا چىقتى. بۇ ئادەم ئۆلۈك بىلەن قەبرىدە  بىر ئاخشام يېتىشقا  ماقۇل بولدى. نېمىلا بولغان بىلەن بىر قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىدىن ، قورقۇنچلۇق بىر كېچىنىڭ ئارقىدىن ھامان بىر يورۇقلۇق بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى ئۇ ھامال.

بۇ ھامال بۇ يېزىدىكى ئەڭ كەمبەغەل ئادەم ئىدى. ئالقانچىلىك يېرىمۇ يوق ئىدى. دۈمبىسىگە يۈدەيدىغان سىۋەت ۋە بىر تال ئارغامچىغا تايىنىپ ھامالىق بىلەن جېنىنى باقاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن نامرات بولۇپ ياشاش بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئارىلىقىدا بىر پەرق يوق ئىدى.

بۇ ئادەم ئۇ ئاخشام ئۆلۈكنىڭ يېنىدا ياتتى. يېرىم كېچە بولغاندا ئىككى پەرىشتە ئۈلۈكنىڭ ئۈستىگە كەلدى ۋە : بۇ ئۆلگەن ئىنساننىڭ ھېسابىنى قاچانلا بولسا ئالساق بولىدۇ. ئالدى بىلەن شۇ تىرىك ئىنساندىن بەزى سوئاللارنى سوراپ باقايلى، ئۇنىڭدىن بىر ھېساپ ئېلىپ باقايلى، دېيىشتى.  

بۇلارنى ئاڭلىغان ئادەم قورقىدىن جېنى چىقايلا  دېدى. پەرىشتىلەر: بۇ سىۋەتنى قانچە پۇلغا ئالدىڭ؟ سىۋەتنى سېتىپ ئالغان پۇلۇڭ ھالال پۇلمىدى؟ بۇ سىۋەتنى ساتقان ئادەم ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈپ كۆردۈڭمۇ؟ بەلكىم، بۇ سىۋەتنى ئوغرىلاپ كېلىپ ساتقان بولۇشىمۇ مۇمكىنىدى.

ئارغامچىنى نەدىن ئالدىڭ؟ قانچە پۇلغا ئالدىڭ؟ ئارغامچا ئالىدىغان پۇلنى قايسى يوللاردىن تاپقانىدىڭ؟

پەرىشتىلەر بۇ ھالدا تاكى تاڭ ئاتقىچە سوئال سوراققا تارتتى.  ھامال بولسا قورقىدىن ئۆلگىلى تاسلا قالدى. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن قەبرىستانلىققا كەلگەن يېزىدىكى ئادەملەر ، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ جاسارەتلىكلىكىنى تەبرىكلىشىپ، ئۇنىڭ باي بولغانلىقىنى مۇبارەكلەشتى. بىراق ئۇ ئادەم بۇ مال دۇنيانى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەرگىزمۇ ئالمايمەن، مەن ئاددىي بىر سىۋەت بىلەن بىر تال ئارغامچىنىڭ ھېسابىنى تاڭ ئاتقىچە ئاران بەردىم، ئۇنچىلىك مال- دۇنيانىڭ ھېسابىنى ھەرگىزمۇ بىرەلمەيمەن.

 

ئۆيلىرىمىزگە تولدۇرۇلۋالغانلىقىمىزدىن بالىلىرىمىز يۈگۈرۈشۈپ ئوينىغىدەك يەر قالمىغان نەرسە ­ - كېرەكلىرىمىز، بۇلۇڭ ئىشكاپلارغا تولدۇرۇپ تىزىۋالغان كىرىستال، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن قاچا- قۇچىلىرىمىز، ئىشكاپلىرىمىزغا تولۇپ تاشقان كىيىم – كىچەكلىرىمىز... نىڭ ھېسابىنى بىز قانداق بېرەرمىز، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە بومبا تاشلاۋاتقان دۈشمەنگە ئېتىشقا بىر تال قۇرال، بىر تال ئوق تاپالمىغان، مۇسۇلمان بالىلار ئاچ قېلىپ ئۆلمەسلىك ئۈچۈنلا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلارغا كىرىپ كېتىشكە مەجبۇر قېلىۋاتقان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا...؟؟؟

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ