ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گۈرۈچ ۋە ساغلاملىق
 

گۈرۈچ 

     گۈرۈچ ھەققىدە ئىككى يالغان ھەدىس بار: بىرى:

‹ئەگەر گۈرۈچ ئادەم بولغان بولسا، چوقۇم ھەلىم (يۇۋاش، رايىش) ئادەم بولاتتى› دېگەن سۆز.

يەنە بىرى:

‹زېمىندىن چىققان ھەممە نەرسىدىلا كېسەللىك ۋە شىپالىق بار، پەقەت گۈرۈچلا ئۇنداق ئەمەس، ئۇ شىپالا بولۇپ، ئۇنىڭدا كېسەللىك يوق› دېگەن سۆز. بۇ ئىككى سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئەمەس! ئوقۇرمەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى يالغان ھەدىسنى بۇ يەردە زىكرى قىلدۇق.

گۈرۈچ قۇرۇق ئىسسىق، ئۇ بۇغدايدىن قالسىلا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىك، ئۇ قورساقنى ئازراق چىڭقايدۇ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنى تازلايدۇ. ھېندى تىۋىپلىرىنىڭ قارشىدا: گۈرۈچ ئەڭ ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى كالا سۈتى بىلەن پىشۇرۇپ يېسە ناھايىتى مەنپەئەتلىك، بەدەننى ياشارتىشتا، ئىسپېرمىنى كۆپەيتتىشتە، ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە ۋە رەڭنى ساپلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈنىمى ناھايىتى ياخشىدۇر.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ