ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

چېچىغا خېنە ياققان كىچىك ھەسەن

چېچىغا خېنە ياققان كىچىك ھەسەن

 

    1- دۇنيا ئۇرۇشى (1914- 1918) مەزگىلىدىكى چاناققەلئە ئۇرۇش مەيدانى.

    چاناققەلئە ئۇرۇشىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياشلار پىدائى بولۇپ كىلىۋاتاتتى. ئالدىنقى سەپكە خېلىلا يېقىن بولغان ئارقا سەپ تەمىنات قىسمى يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەرھال تەربىيىلەپ تىزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ بېرىۋاتاتتى. ئارقا سەپ تەمىنات قىسمىنىڭ مەسئۇلى يۈز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرنى تەكشۈرۈپ يوقلىما قىلىپ، بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ئەسكەرنىڭ چېچىغا خېنە يېقىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سورىدى:

    - بالام، ئسمىڭ نېمە؟

    - ئسمىم ھەسەن قوماندانىم.

    - سەن نەدىن كەلدىڭ؟

    - يوزغاتتىن. (يوزغات- تۈركىيەنىڭ 1 ۋىلايىتىنىڭ ئىسمى)

    - چېچىڭدىكى نېمە؟

    - مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە يېقىپ قويدى.

    - نېمىشقا؟

    - مەن بىلمەيمەن قوماندانىم.

    - ئۇنداق بولسا مەيلى، جايىڭغا بار.

    ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ،

تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى.

    1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇرغۇن زېمىنى قولدىن كېتىپ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا قالىدۇ. 1918- يىلىغا كەلگەندە چاناققەلئە ئۇرۇش لېنىيىسى تۈركىيەنىڭ ھايات- ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى ئىستىكامى ۋە ئۈمىدى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن تۈركىيەدىكى خەلقنىڭ كۆز- قۇلىقى چاناققەلئەدىن كېلىدىغان خەۋەرگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى چاناققەلئە قولدىن كەتسە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل قولدىن كېتەتتى. ئەگەر ئىستانبۇل قولدىن كەتسە، دېمەك، ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەپ بىر دۆلەت، تۈرك خەلقى دەپ بىر خەلق قالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوسمان ئىمپېرىيىسى خېلە بۇرۇنلا 15 ياشقا توشقان بالىلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى.

    ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە پۈتۈن تۈركىيە خەلقى، تاكى ئۇزاق يېزا- قىشلاقلاردا ياشايدىغان خەلقتىن تارتىپ قەتئىي قارارغا كېلىپ كىچىك، ھەتتا نارىسىدە بالىلىرىنىمۇ ئەسكەرلىككە ئەۋەتىدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئۇرۇش باشلىنىشتىن خېلە بۇرۇنلا ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر كۈندە قالىدۇ. ئۇ يىللاردا خەلق تۇرمۇشىمۇ ئىنتايىن ناچار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا خېلە كۆپ ساندىكى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئەسكەرلىككە ماڭدۇرۇش ئۈچۈن پۇتلىرىغا كىيدۈرگىدەك كونا ئاياغمۇ تاپالماي، ئەسكى كىگىزنىڭ پارچىلىرىنى، چاپان، كۆڭلەكلىرىنىڭ پەشلىرىنى يۆگەپ، شوينا بىلەن باغلاپ ھەتتا يالاڭ ئاياغ يولغا سالىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا ياشلار ئاساسىي جەھەتتىن بەك كۆپ قىرىلىپ كەتكەچكە، كىشىلەر بىر كۆزى قان، بىر كۆزى ياش ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ 12- 13 ياشلىق پەرزەنتلىرىنىمۇ يولغا سالىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنى ئۇزۇتۇپ قويىدىغان ۋاقىتتا يۈرت- جامائەت، قۇلۇم- قوشنىلىرىنى يىغىپ، بالىسىنى باغرىغا بېسىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە قارىتىپ، قولىدىن مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ:

    - «بالام، بىز سېنى ئوغۇل بالا دەپ بېقىپ چوڭ قىلدۇق، يېشىڭنى سورىسا چوقۇم 15 ياش دەيسەن، ھەرقانداق شارائىتتا دۈشمەنگە يېڭىلىپ قاچمايسەن، ئەگەر قاچساڭ سەن بىزنىڭ بالىمىز ئەمەس، دۈشمەننى چېكىندۈرمەي تۇرۇپ قايتمايسەن! ئەگەر قايتساڭ سەن بىزنىڭ بالىمىز ئەمەس! ھازىردىن باشلاپ سېنى ئاللاھغا تاپشۇردۇق» دەپ يولغا سالىدۇ. يولغا سېلىنغان بالىلار ئۇزاق يېزىلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن بىر نەچچە چاڭگال قورۇلغان، بۇغداي، ئارپا دېگەندەك يېمەكلىكلىرى سېلىنغان خالىتىلىرىنى مۈرىسىگە ئارتىشىپ، بىردىن، ئىككىدىن بولۇشۇپ، ئاھ ۋەتەن، ئاھ ۋەتەن دېگىنىچە چاناققەلئە ئالدىنقى سېپىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇلار چاناققەلئەگە كىلىپ ئۆزلىرىنى پىدائى بولۇپ تىزىملىتىدۇ. كىچىك ھەسەنمۇ ئەنە شۇلاردىن بىرسى ئىدى.

    شۇ كۈندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى خېنە ياققان ھەسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ

ئوينايدىغان بولىشىدۇ. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى، ئاق

كۈڭۈل، سەمىمى، خۇشخۇي ۋە باتۇر بىر بالا ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ

ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ.

    بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولىدۇ. ساۋادى بولمىغاچقا دوستلىرىدىن ياردەم سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەسەننىڭ سالام خېتىنى ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىرلىكتە يازىدۇ.

    ھەسەن سالام خېتىنى:

    - جېنىم ئاپا. جېنىم دادا ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر... دەپ باشلايدۇ، مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ

بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن چىمداپ ئەكىلىتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازىدۇ، ئۆزىدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ، ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ، بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلا، بىزلا بولىدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇرمايمىز... دەپ يازىدۇ. ھەسەن سالام خېتىنى غۇرۇر بىلەن قاتلاشقا باشلايدۇ.

    ھەسەننىڭ قانداق ئەقلىگە كەلدى، تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا ئەسكەرتىش دەپ يېزىپ،- ئاپا، دادا مەندىن كىيىن ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار چېچىغا ھەرگىزمۇ خېنە ياڭماڭلار، مېنى قوماندانىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ، ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن دەپ يازىدۇ.

    كۈنلەر ئۈتۈشكە باشلايدۇ، ئېنگلىزلار چاناققەلئەنى تىزراق ئىشخال قىلىش ئۈچۈن گېلىبولۇغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. ئەسكەرلەر ئارقا- ئارقىدىن شېھىت بۇلۇشقا باشلايدۇ. ئارقا سەپتىن بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ياردەمگە ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەرمۇ قالمايدۇ. قۇماندان ئالدىنقى سەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغاچقا نىمە قېلارىنى بىلەلمەي تىپىرلاپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىدىغان ئەسكەر قالمىغان، ھەسەن بار قىسىم بولسا يېڭى كەلگەن، تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ تەمى كەتمىگەن كىچىك بالىلار بولۇپ، ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەھۋالى يوق ئىدى. بۇ بالىلار ئەسلىدە ۋەتىنى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئاشۇ ئاق كۆڭۈل ئاتا- ئانىلارنىڭ گويا يۈرىكىنى سۇغۇرپ بەرگەندەك قىلىپ ئەۋەتكەن كۆز قارچۇغىدەك قىممەتلىك ئامانەتلەر ئىدى. ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئەھۋالنى مويسىپىت ئاشپەز ئۇستىدىن بىلگەن ھەسەن ۋە سەپداشلىرى قۇماندانىدىن ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋىرىپ تۇرىۋالىدۇ. قۇماندان سىررى بەي يۈرىكى يىغلاپ تۇرغان بولسىمۇ باشقا ئامال بولمىغاچقا كىچىك ھەسەن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ ھەسەنلەرنىڭ چۇرقىراشقىنىچە قارارگاھتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ يۈرىكىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىررى بەينىڭ يېنىدا پەقەت ياشانغان ئاشپەز ئۇستاملا قالغان ئىدى.

    بۇ ۋاقىتتا چاناققەلئە گېلىبولۇ ئۇرۇش مەيدانى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن ئاققان قان بىلەن گويا قان كۆلىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا كىچىك ھەسەننىڭ قىسىمىدىن ھىچكىم ساق قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شېھىت بولۇپ كېتىدۇ.

    ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى قوماندان سىررى بەيگە بىرقانچە پارچە خەت كېلىدۇ. ھەسەن يازغان خەتنى يېزىنىڭ كاتىۋى ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزگەن ئىدى. كەلگەن خەتلەر ئىچىدە ھەسەننىڭمۇ خېتى بار بولۇپ، سىررى بەي خەتلەرنى بىرەر قۇر كۆرۈۋېتىپ، نېمىشقىكىن ھەسەننىڭ خېتىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئېچىپ ئوقۇيدۇ.

    خەتتە ھەسەننىڭ دادىسى:

    - «جېنىم بالام ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ كالىنى ساتتۇق، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى ئۈزەم ھەيدەيمەن. كالىنى ساتقان پۇلنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق قالغان يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز، بىزدىن جاتىرجەم بول.» دەپ يازغان ئىدى.

ھەسەننىڭ ئانىسى:

    - «جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە يېقىلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا دۇنيا مېنىڭ بولدى. يېزىمىزنىڭ كاتىۋى خىېتىڭنى ئۇقۇپ بەردى، مەن خېتىڭنى يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك ياخشى ئادەم دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما، ئوتقا كىر دىسە كىر. كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن (بۇلار تۈركىيەنىڭ ۋىلايەتلىرىنىڭ ئىسمى) ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا چىقىشىپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە. ئۇلار سېنىڭ ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر. ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاق سۈتۈمگە رازى ئەمەس.

    قوماندانىڭ چېچىڭدىكى خېنىنى سوراپتۇ، بالام، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نېمە بار؟ بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قۇربانلىققا ئاتىغان قوچقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار. ئۆزەڭمۇ بىلىسەن، مەن سىنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى بولسۇن دەپ قۇربانلىققا تاللىدىم. جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سېنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن سېنى ئىنسانلار ئىچىدىن ئۇ بەلگىدىن

تونۇپ ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ! جېنىم بالام دەپ يۈرىكىمگە باسىمەن دەپ،

    ئاپاڭ خەلىچە.»

    قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياش تۆكۈلدى. ئۇ كېيىن خەتنى ئېلىپ كەلگەن ئەسكەر پوچتىچىغا- سىز بېرىپ خېنە ياققان ھەسەننى تېپىپ كېلىڭ، بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بېرىمەن، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقۇيالمايدۇ دىدى.

    پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كېلىپ- «قوماندانىم، ھەسەن ۋە ئۇنىڭ قىسمى بىر ھەپتە بۇرۇن ھېرە بۇرنىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ» دېدى.

    قوماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن،- بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى، ئاللاھ يولىغا ئاتالغان قۇربانلارغا خېنە يېقىلغان بۇلىشى كېرەك، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە ياققان...

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر، بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى... يۈرىكىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالغان قوماندان سىررى بەينىڭ نېمە دېۋاتقانلىقىنى ئۇققىلى بولمايتتى.

    ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە چېچىغا خېنە ياققان شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان، دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يېزىلغان ئەمما تولۇق يېزىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن خەتنىڭ ئاخىرىدىكى شىئىردا قوماندانىغا بېرىدىغان جاۋاپ يېزىلغان ئىدى:

 

ئانام يېقىپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ،

مەن بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان تۇغۇلدۇم.

ئانامدىن ئاللاھ غا ئاخىرقى بىر ھەدىيە،

قوماندانىم، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم... .

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

    


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ