ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە نېمىشقا دائىم ئۇرۇشىدۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-08-22 14:48:45 جەمئى 6327 قېتىم ئوقۇلغان.

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە نېمىشقا دائىم ئۇرۇشىدۇ؟
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە نېمىشقا دائىم ئۇرۇشىدۇ؟

 

    پەلەستىننىڭ گازا رايونى بىلەن يەھۇدلار خۇددى ئۇزاق مەزگىل ئەپ ئۆتەلمەي كەلگەن قوشنىلارغا ئوخشاپ قالدى، ئۇلار خۇددى دېگەندىلا بىر-بىرىنى توپقا تۇتۇپ كەلمەكتە. 18-ئاۋغۇستتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەھۇدىلارنىڭ گازانى بومباردىمان قىلىشىدا ئاز دېگەندىمۇ 15 ئادەم شەھىد بولغان، گازانىڭ جەنۇبىدىن ئېتىلغان 20دىن ئارتۇق راكېتا بومبىدا ئاز دېگەندىمۇ 10 ئادەم يارىلانغان. ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى توقۇنۇش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقتى؟ بۇ ئۇرۇش يەنىمۇ كەسكىنلىشەمدۇ-يوق؟-18 ئاۋغۇست يەھۇدىلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئارقىمۇ-ئارقا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئاۋۋال يەھۇدىلارنىڭ جەنۇبىدىن مىسىرغا تۇتىشىدىغان ئېلات شەھىرىگە كېتىۋاتقان بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئوققا تۇتۇلۇپ، كۆپ كىشى ئۆلگەن. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مىسىر چېگراسىدا كېتىۋاتقان يەھۇدىلارنىڭ ھەربىي ماشىنىسى ئوققا تۇتۇلغان ۋە يولدىكى بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا ئېلاتنىڭ ئەتراپىدىكى بىر شەخسىي ماشىنا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ماشىنىدىكى كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن. يەھۇدىلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بىر قاتار ھۇجۇمدا سەككىز يەھۇدىلىك قازا ئۆلگەن، نەچچە ئون كىشى يارىلانغان. يەھۇد ھەربىي تەرەپ ۋە ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەخمىنەن 10دىن 20 گىچە قوراللىق خادىم شۇ كۈنكى ھۇجۇمغا قاتناشقان، يەھۇدىلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئارمىيەسى بىلەن ئېتىشىشتا كۆپلىگەن گۇمانلىق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.يەھۇدىلارنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەھۇدىلارنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دەپ قارىدى: ھۇجۇم قىلغۇچىلار پەلەستىننىڭ گازا رايونىدىن كەلگەن. ئۇلار سىناي يېرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە چېگراسىغا سۇقۇنۇپ كىردى ۋە بىزگە ھۇجۇم قىلدى. يەھۇدىلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك مۇنداق دېدى: گازا رايونى يەنىلا يەھۇدىلارنىڭ ئەڭ زور تەھدىت مەنبىيى، يەھۇدىلار ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىش ھەققىدە قەسەم قىلدى. گازانى كونترول قىلىۋالغان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس گەرچە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە بولۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، يەھۇدىلار ئارمىيەسى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن گازا رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. يەھۇدىلار ئارمىيەسىنىڭ 18-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن گازا رايونىنىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلغاندا، بىر پۇقرانىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھ بولغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇ ئاۋات ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بومباردىماندا ئۆلگەن.شۇنىڭدىن كېيىن، نىتانىياخۇ: جەنۇبقا بىر قاتار ھۇجۇم قوزغىغان باش جىنايەتچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى دەپ جاكارلىغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بۇ پەقەت قايتۇرما زەربىنىڭ بىرىنچى قەدىمى-دېگەن-19ئاۋغۇست يەھۇدىلار گازا رايونى ۋە خاماس مەشىق بازىسى قاتارلىق كۆپلىگەن جايلارنى ئارقا-ئارقىدىن بومباردىمان قىلدى، ھازىرغىچە بومباردىماندا 15 پەلەستىنلىك شەھىد قىلىندى. پەلەستىنلىك بىر تەھلىلچى مۇنداق دەپ قارىدى: يەھۇدىلارنىڭ جەنۇبىغا ئۇدا زەربە بېرىش ۋەقەسى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كەتكەن سىناي ئارىلىنىڭ يەھۇدىلار بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ قاتتىق قامال قىلىنغان گازا رايونى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەھۇدىلارگە بۇ نۇقتا ئىنتايىن ئېنىق ئەھۋالدا، گازانى كونترول قىلىۋالغان خاماسنى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ قارىشى، يەھۇدىلارنىڭ دائىملىق ئۇسۇلى، يەھۇدىلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى دۆلەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىستىن باشقا ياققا بۇراش. ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىدىن بۇيان، يەھۇدىلار خەلقى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە قارشى نامايىش قىلىشقا باشلىدى. قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە، نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ كىشىدىن نەچچە ئون مىڭ كىشىگە يەتتى. ھالبۇكى دەسلەپتە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى تۇرغان نامايىشچىلار ئارقىدىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتىگە زور بىسىم قىلدى.شۇ يەرلىك بىر كۆزەتكۈچىنىڭ قارىشىچە، پەلەستىن ۋە يەھۇدىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئېھتىماللىقى زور ئەمەسكەن. گازا رايونىدا رايون ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، خاماس ھازىر تىنچ مۇھىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەن، بۇ ۋاقىتتا يەھۇدىلار بىلەن ھەربىي توقۇنۇشنى خالىمايدىكەن. خاماس ئىلگىرى گازادىكى باشقا قوراللىق گۇرۇھلارنى يەھۇدىلارگە راكىتا بومبا ئېتىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنغان، خاماسنىڭ رەھبىرى خانىيا 19-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھازىر خاماس باشقا قوراللىق گۇرۇھلار بىلەن كېڭىشىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يەھۇدىلارنىڭ جەنۇبىغا راكىتا بومبا ئېتىشنى توختىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ ۋەزىيەتنى ساقلىماقچى.خانىيا يەنە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ۋە مىسىر، قاتار رەھبەرلىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن-يەھۇدىلار توقۇنۇشىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.كۆزەتكۈچى مۇنداق دەپ قارىدى: يەھۇدىلارنىڭ مەقسىتى مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشتى. گازاغا تىزدىن زەربە بېرىش ئارقىلىق، يەھۇدىلار ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۇدىلاردە نامايىشنى توختىتىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى، بۇ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.مىسردا مۇبارەك ھاكىمىيتنىڭ يىقىلىشى پەلەستىندىكى خاماس تەشكىلاتىدىن باشقا يەھۇدىلارغا قارىشى بولغان جىھاد تەشكىلاتلار ئۈچۈن پايدىللىق شارائىت يارتىپ بەرگەن بولۇپ بۇ تەشكىلاتلار خاماسنى قوللىمايدىكەن ۋە يەھۇدىلارغا قارشى داۋاملىق جىھادى ھەرىكەتلەرنى ئىلىپ بىرىشقا چاقىرىدىكەن ۋە ئىلىپ بارىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ