ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاي زىيارىتىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ بىلەن خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەن.

پاكىستان باش مىنستىرى خىتايدا...

4- نويابىر تۈركىيە ئاۋازى رادىيئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە،  پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاي زىيارىتىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ بىلەن خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە، پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمران خان، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ بۇ لايىھەگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە  پاكىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىمرانخان سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ پاكىستاننى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ كېلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەت ئىكەنلىكىنى ، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت پاكسىتاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستى بولالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭمۇ تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ كارىدورنىڭ بۇرۇنراق تاماملىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى باش مىنىستىر ئەدلىيە، پەن- تېخنىكا، سەھىيە ۋە تاموژنا قاتارلىق بەزى ساھەلەردە كېلىشىم ئىمزالىغان.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوڭ شۇەنيۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ پاكىستانغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىش مەسلىسىنى پىرىنسىپ جەھەتتە ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىپ بولغانلىقىنى، ئىقتىسادى ياردەم پىلانىنىڭ قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كېڭەش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلنىشچە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان،  خىتاينىڭ شاڭخەيدە 5-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 1-نۆۋەتلىك ئىمپورت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ