ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پاكىستاندا خىتاي تۇزى چەكلەندى

 

پاكىستاندا خىتاي تۇزى چەكلەندى

5- يىڭى ئاكت گېزىتى بەرگەن خەۋىرىدە، پاكىستاندا «خىتاي تۇزى»دەپ ئاتىلىدىغان مونوسوديۇم گىلۇتاماتنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇشى سەۋەبىدىن چەكلەنگەنىلىكى، پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى خىتاي تۇزىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تۇزنى ئىشلىتىش، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى، ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قارارىنى ھۆكۈمەتتىن  مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق پاكىستاندىكى 4 ئۆلكە ۋە 3 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغالىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشچە، خىتاي تۇزى دەپ ئاتىلىدىغان مونوسوديۇم گىلۇتامات يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېخىمۇ تەملىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن، مۇتەخەسىسلەر خىتاي تۇزىنىڭ مەركەز نىرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقان قىلىپ ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئۈچ ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىگە ئىشلىتىش چەكلەنگەن خىتاي تۇزى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ تەخمىنەن 50 دۆلەتتە  مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلىۋېتىلگەن.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ