ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياپونىيە تېلىۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-10 14:00:25 جەمئى 16393 قېتىم ئوقۇلغان.

ياپونىيە تېلىۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

ياپونىيە تېلىۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
ياپونىيىنىڭ توكيۇ «t v 9 » قانىلىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى تەپسلىي تونۇشتۇرۇلدى.
مەزكۇر قانالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 3- ئايدىن باشلاپ تېرروغا زەربە بېرىش نامى بىلەن شەرقىي تۈركستان خەلقىنى « تەربىيىلەش مەركىزى » نامىدىكى لاگىرلارغا كەڭ- كۆلەملىك سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقى، ھازىرغىچە لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ئادەمنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، لاگېردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە تارقىلىپ ب م ت ۋە بىر قىسىم دىموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشنى ئەيىبلەشكە باشلىغانلىقى، خىتاي خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يالغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىپ بىز ئۇيغۇرلارغا « تېخنىكا ئۆگىنىش مەركىزى ئېچىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىمىز » دېگەنلىكى ، ئەمەلىيەت ئەھۋال خىتاي دېگەندەك بولماستىن بەلكى خىتاي لاگىرىدىكى تۇتقۇنلارغا ھەر خىل قىيناش، روھى جەھەتتە ئازابلاش ئۇسۇللىرى بىلەن خىتاي كوممۇنسىتلىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە دۇنيا قارىشىغا مەجبۇر قىلىغانلىقى، لاگېرلارنىڭ كۆلىمىنى بارغانچە كۆپەيتىپ تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى تەپىسلىي بايان قىلىنغان.
تېلېۋزىيە قانىلىدا يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى ئاخباراتنى قامال قىلىشى بەك قاتتىق بولۇش سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر خەلقئاراغا تونۇشتۇرغانلىقى، خىتاي بۇلارغا چىدىماي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشچانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ