ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

نىلقا قارادۆڭدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-27 13:53:13 جەمئى 2271 قېتىم ئوقۇلغان.

نىلقا قارادۆڭدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

نىلقا قارادۆڭدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئاشكارىلاندى
ئۆز خەۋىرىمىز: 25-فېۋرال كۆرۈرمەنلىرىمىزدىن بىرى ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى قارادۆڭ يېزىسىدىن نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، كېسىم ئېلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇچۇردا خىتاينىڭ بىر يېزىدىن 42 كىشنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسم-فامىلىسى،
يېشى، بىر قىسمىغا سەۋەبسىزلا ھۆكۈم كېسىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تۇتقۇن قىلىپ كېسىۋېتلگەن كىشىلەر ئىچىدە تىجارەتچى، ئاشپەز، دېھقان، ھۈنەرۋەن قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرى بار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئاساسلىق ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
70 ياشلىق مەمەتجان ھاجى 20 يىل كېسىلگەن. 30 ياشلىق ئىبراھىمجان مەمەتجان، 40 ياشلىق ئاسىن ئابباس، 38 ياشلىق قۇربان ئابباس، 35 ياشلىق ئۆمەر ئابباس، مەسۇمتار مەنسۇر، مەخسۇتجان ئابلىز، قۇربان شەمسىدىن، ياقۇب قۇربان، ئىبراھىمجان قۇربان، 40 ياشلىق مۇساجان شەمسىدىن، ئابلاجان ھاشىماخۇن 12 كېسلگەن. ئۇندىن باشقا 55 ياشلىق مەممەتۇللاھ، 50 ياشلىق تابارەك، 50 ياشلىق تىجارەتچى ئىمام، 70 ياشلىق ئاشپەز تۇرداخۇن، 30 ياشلىق ئۆمەرجان تۇرداخۇن، 70 ياشلىق ئىسمائىل تۇرداخۇن، 43 ياشلىق تۇرسۇن ئىسمائىل ئاخۇن، 40 ياشلىق تۆمۈرنىياز، 37 ياشلىق ئىبراھىم ياقۇپ ئاخۇن، 60 ياشلىق ئېزىز قادىراخۇن، 60 ياشلىق سايىماخۇن، ئاسىمجان سايىماخۇن، ئايىتاخۇن،
يۈسۈپچان ئايىتاخۇن، رۇستەمجان ئايىتاخۇن، 60 ياشلىق ئابلىز ئېلاخۇن، 30 ياشلىق ئىمام ئابلىز، 27 ياشلىق دىلمۇرات ئابلىز، 30 ياشلىق تۆمۈر ئىسھاقجان، 30 ياشلىق تۆمۈر ئوسمانجان، 30 ياشلىق تۇرسۇن ئوسمانجان، تاي قاسىماخۇن، 25 ياشلىق تۇراپ قاسىمجان، 23 ياشلىق ئابدۇراھمان قاسىماخۇن، 38 ياشلىق تۇرسۇنئاخۇن ئابدۇقەييۇم، 30 ياشلىق مۇساجان ئەيساجان، 70 ياشلىق ئوسمان قارىم، 60 ياشلىق مەمەتجان، 65 ياشلىق ئەركىن قاتارلىقلار.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ