ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەرۋە شەبنەم خانىم خىتايلارنى رەزىل قىلدى

مەرۋە شەبنەم خانىم خىتايلارنى رەزىل قىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش سىياسىتىنىڭ كۈنسىرى ۋەھشىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ھەر تەرەپتىن خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىشى نەتىجىسىدە تۈرك ئاخباراتلىرىدىمۇ كۈنسىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.
10 – يانۋار كەچتە تۈركىيەدىكى خەبەر تۈرك تېلېۋزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى جىددى كۈنتەرتىپكە كەلدى.
پروگراممىغا قاتناشقان ساباھ گېزىتى يازغۇچىسى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم باشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇ يەردە بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى ھەرخىل يەرلەرگە ئاتماقچى بولۇشلىرىغا، غەربنىڭ ئويۇنى دېمەكچى بولغانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىدىن باشلىغان تارىختىن باشلاپ كېلىپ، ھازىرقى تەسۋىرلىگۈسىز جىنايەتنىڭ ئارقىسىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ نومۇس قىلماستىن بىز ئۇلار جاھىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تەربىيلەۋاتىمەن دەۋاتقانلىقى، ھەتتا تۈرك تىجارەتچىلەرگىمۇ ئارام بەرمەيۋاتقانلىقى خىتايلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى بۈگۈن ب م ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكى، بۇنى ئۇ يەر بۇ يەرگە ئارتىپ قويۇشنىڭ سەمىيمىلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەسىلىدىن قاچماقچى بولغانلارنىڭ ئەدىپىنى بەردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ