ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەرىپەت ژورنىلىنىڭ 3- سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-09-09 10:41:27 جەمئى 8542 قېتىم ئوقۇلغان.

مەرىپەت ژورنىلىنىڭ 3- سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىردىن – بىر خەلقئارالىق، نوپۇزلۇق دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي ژورنال بولغان مەرىپەت ژورنىلىنىڭ 2015- يىللىق 3- سانى(ئومۇمىي 12- سان) ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ژورنالنىڭ بۇ قېتىمقى سانىدا، دىنىي دوكتور، پەتىۋا ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلگەن ھارماس ئۇستاز ئابدۇلئەزىزى رەھمەتۇللاھنىڭ تور سودىسىنىڭ ھۆكمى ناملىق پەتىۋاسى؛ ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىنىڭ تونۇشۇشلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت قىلىپ ياراتتۇق دېگەن ئايەت توغرىسىدا ناملىق ماقالىسى؛ ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە خەلقئارانىڭ مۇناپىقلىقى ناملىق تەرجىمە ئەسىرى؛ ئالدىنقى ساندا بېرىلىپ كېلىۋاتقان ئەسەرلەردىن: ھەدىس شەرىفنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئورنى، دەۋەتچىلىرىمىزدە ئۈچ غەلەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۇسۇلى، تىل ۋە تەرجىمىچىلىك توغرىسىدا قاتارلىقلارنىڭ داۋامى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەجدىكى ھېكمەت ۋە قىممەتلەر، ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال قاتارلىق تەرجىمە ئەسەر، ماقالە ۋە شەخسلەر ھەققىدىكى تەرجىمىھاللار بېرىلگەن.

ژورنالنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى مەرىپەت مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز.

مۇنبەر ئادرېسى: www.merifet.net

ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر ئەۋەتىشى، پىكىر – تەكلىپ بېرىشى قارشى ئېلىنىدۇ.

ئېلخەت ئادرېسى:

meripetjournal@gmail.com


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ