ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېرمۇ ياكى تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتىپىمۇ؟

لاگېرمۇ ياكى تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتىپىمۇ؟

پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق قوزغىغان، بىر مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنى قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلغان خىتاينىڭ نومۇس قىلماستىن «قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدۇ» دەپ جاھىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋالغان جازا لاگېرلىرى تۇنجى قېتىم سۈرەتكە ئېلىنغان.
ئىتالىيەنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نەشىر قىلىنىدىغان Bitter Winter ژۇرنىلىنىڭ خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى باش تېما قىلىنغان يېڭى سانىدا، خەلقئارادا «سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرى» دەپ ئاتالغان، خىتاينىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «كەسپلەر بويىچە تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تۇرۇۋالغان جازا لاگېرلىرىدىن بىرسىنىڭ سىنلىق كۆرۈنىشى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېلان قىلىنغان.
بۇ جازا لاگېرىنىڭ ئورنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھىرى دائىرىسىدە بولۇپ، لاگېرنىڭ ئورنى ۋە ئىچكى، تاشقى ئەھۋاللىرى سۈنئى ھەمرا تارتىلغان ۋىدىئو كۆرۈنىشى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئېلان قىلىنغان. بۇ جازا لاگېرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 110 مىڭ كۋۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن. لاگېرىنىڭ كۆرۈنىشى رەسمى تۈرمىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەر تەرىپى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈستى تەرىپىگە تىكەنلىك سىملار تارتىلغان. ھەر بىر كىرىپ- چىقىش ئېغىزلىرىغا بېكىتىلگەن ئىشىكلەرنى ئېچىپ تاقاش ئۈچۈن مەخپى شىفىر ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، لاگېرنىڭ ھەر بىر ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە بىر- بىرىدىن پەرقلىق تەرەپلەرنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 3 تىن كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىنانىڭ پۈتۈن ئەتراپىغا تىكەنلىك سىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە «جىددىي مۇداپىئەلىنىش» بازىلىرى دەپ ئاتالغان رايونلار بىلەن قورشالغان.
Bitter Winter ئىسىملىك ژۇرنالنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل بىر خادىمىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىنى نەقىل قىلىپ، بۇ رايونلارنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز ئارا رەت تەرتىپى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخسۇس نومۇرلار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى، يىغىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ بۇ جازا لاگېرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەسكىرى ۋە ساقچى كۈچلىرى بىلەن قوغداۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
جازا لاگېرىنىڭ ئاساسلىق بىناسىدىكى بارلىق پەنجىرىلەرنىڭ سىرتقى قىسمى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىمۇ تۆمۈر سىمدا پۇختا توقۇلغان تور بىلەن قاپلانغان. لاگېر ھاجەتخانىسىنىڭ ھەتتا بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئالا قويماي كامېرا ئارقىلىق كۆزەت قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇ سىنلىق كۆرۈنۈشتە بۇ جازا لاگېرىنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە 28 ياتاق بولۇپ، ھەر ياتاقنىڭ 50 كىشىلىك ئىكەنلىكى، بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر قاتتا 3 تىن «سىنىپ» نىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بىنانىڭ ئىچكى قىسمىدا ئالاھىدە ياسالغان بىر بۆلۈم بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە پۈتۈن لاگېرنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارلىق كامېرالارنىڭ كۆرۈنىشىنى كۈزىتىپ تۇرىدىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە لاگېردىكىلەرنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى 24 سائەت بويىچە كۈزىتىپ تۇرىدىغان چوڭ ئېكرانلىق كۈزىتىش بۆلىمى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر پۈتۈن لاگېرغا ھېچ بىر بوشلۇق قالدۇرماي ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرلارنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ ھاجەتخانىغا كىرگەن، چىققان، ياتقان، قوپقان، كيىملىرىنى كىيگەن، سالغان ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ كۈزىتىپ تۇرغان كۆرۈنۈشىنىڭ بۇ بۆلۈمدە ساقلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە لاگېردىكى بارلىق ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ۋىدىئو كۆرۈنۈشىنىڭ بۇ بۆلۈمدە ساقلىنىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ جازا لاگىرنىڭ سۈرىتىنى مۇشۇ لاگېردا ئىشلەيدىغان مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن مەخپىي تارتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بۇ لاگېرنى « Yingye'arتەربىيىلەپ جەمئىيەتكە قايتا قازاندۇرۇش مەركىزى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن، لاگېرنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك تەدرىجى ھالدا كېڭەيتىلگەن دەپ خۇلاسىلىگەن.
بۇ سىنلىق كۆرۈنۈش دەسلەپ كانادادا ياشاۋاتقان Swang Cang ئىسىملىك بىر خىتاي ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن بولۇپ، سىنلىق كۆرۈنۈشكە قارىغاندا، بۇ يەر 2017- يىلى بىر تۈزلەڭلىك ئىكەن. كېيىن خىتاينىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئورۇننى بىر ھەربىي بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پىلانلىغانلىقىنى ئەمما كېيىنچە بىردىنلا جازا لاگېرىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
سىنلىق كۆرۈنۈشنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا؛ « Yingye'arتەربىيىلەپ جەمئىيەتكە قايتا قازاندۇرۇش مەركىزى» دەپ ئىسىم بېرىلگەن بۇ لاگېر بۇ يىل 8- ئايدا تېخى پۈتمىگەن ئىكەن. 9- ئايدا خىتاينىڭ بىر بىخەتەرلىك خادىمى ژۇرنالنىڭ مۇخبىرىغا، «بۇ لاگېر ھازىردىن باشلاپلا مىڭلارچە جىنايەتچىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى» دېگەن. مۇخبىر ئۇ خىتايدىن بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قانداق جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى سورىغىنىدا، «بۇ بىر سىر، سىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇ يىل 8- ئايدا شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (بىرلەشكەن مىللەتلەر BM) نىڭ ئىرقى ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى، خىتايدىكى ئايرىمچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىن ئاچقان. بۇ يىغىندا، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەمدە سىياسى جەھەتتە مەسىلە بار دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
سىنلىق كۆرۈنۈشتە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى بۇ يىلنىڭ 10- ئېيىغىچە ئىتراپ قىلمىغانلىقى، ئەمما خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن ئامالسىز قالغان خىتاينىڭ كېيىن ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى «باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن» ئىپادىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.
مەخپىي سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ سىنلىق كۆرۈنۈشتىن خىتاي دائىرلىرىنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ لاگېرنىڭ رەسمىي تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ