ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆلىمالار (3)

لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆلىمالار (3)
ئۆز خەۋەرلىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاچقان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۆلىمالارنىڭمۇ «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» باھانىسى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
تاھىر داموللام، كۇچا ناھىيەسىدىن، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شەھىد مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمنىڭ تاللىشى بىلەن ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ مەكتەپنىڭ ئىقتىدارلىق، ئۇنىۋېرسال پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ 2018-يىلى يىل باشلىرىدا «ئەسەبىي، تېرورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا سولانغان.
ئادىل خالىق، (ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئادىل ھاجىم دەپ ئاتايدۇ)، ئاقسۇدىن. ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشقا تاللانغان. ئەزھەرنىڭ ھەدىس فاكۇلتېتىدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دوكتورلۇق ماقالىسنى سۇنۇش تەييارلىقى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ چىقىشقا زۆررىيەت تۇغۇلۇپ، قايتىپ كەتكەن. بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چېگرادىن قايتا چىقىشقا يول قويمىغان. كېيىنچە ئۇ ئىسلام ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇسۇلى ھەدىستىن دەرس ئۆتكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى «ئەسەبىي، تېرورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 2017-يىلى لاگېرغا سولىغان.
ئابدۇقادىر داموللام، قەشقەردىن. ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىنستىتۇتتا ئۇقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىۋېرسال پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى. ئۇمۇ 2017-يىلى «ئەسەبىي، تېرورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا سولانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ