ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگىر خىزمەتچىسى لاگىرنىڭ ئىچىكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-29 12:28:47 جەمئى 2793 قېتىم ئوقۇلغان.

لاگىر خىزمەتچىسى ئىسمى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا لاگىرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلدى.

لاگىر خىزمەتچىسى لاگىرنىڭ ئىچىكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى
28- نويابىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، لاگىر خىزمەتچىسى ئىسمى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا لاگىرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلدى.
مەزكۇر خىزمەتچى ئىلگىرى ئاممىۋىي مۇلازىمەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسىغا قارشى شەرقى تۈركىستاندىكى مەلۇم لاگېرغا يۆتكەلگەن.
ئۇ خىتاي شەرقى تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگىرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارا قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
«لاگېرنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش، خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنى مۇقىم بېكىتىلگەن بولسىمۇ بىراق ئاساسەن دەم ئېلىش قىلالمايمىز. مەن خىزمەت قىلغان لاگېر تۇرۇشلۇق ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئادەم سىغماي شۇ يەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتتى.
لاگېرغا تۇتقۇن قىلنغان ئۇيغۇرلار قاتتىق باشقۇرۇش، ئادەتتىكى باشقۇرۇش، كەڭرى باشقۇرۇش، مەجبۇرى خارەكتىرلىك باشقۇرۇش قاتارلىق تۆت دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇلىدۇ.
لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ھامان ھەر خىل بېسىملار بىلەن جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان تۇتقۇنلار تۈرمىگە يۆتلىكىپ ئاز دېگەندە بەش يىل كېسىلىدۇ. بىر قىسم سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىچىدە ئۆزىنى « جىنايەتچى» دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ 30 يىل كېسلىپ كەتكەنلەرمۇ بولدى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:
تۇتقۇنلار دائىم تىل – ھاقارەت، تەن جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ھەر ئايدا نومۇر قويوپ باھالاش تەدبىرى يولغا قويۇلدى. ھەممە ئىشتا ئاكتىپ بولۇپ 95 دىن يوقۇرى نومۇر ئالغان تۇتقۇنلار شۇ ئايدا ئائىلسى بىلەن كۆرۈشۈشكە روخسەت قىلىندۇ. باشقىلارنىڭ ئائىلسىدە قانداق جىددى ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر كۆرۈشۈشكە روخسەت بېرىلمەيدۇ.




  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ