<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھۇجۇم كەچ سائەت 10:00 دىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمچىلار ئىككى ماشىنا بىلەن كۈرشات مىجان ئولتۇرغان ماشىنىنى يانداپ كېلىپ ئاپتومات بىلەن ئىككى تەرەپتىن ئوق چىقارغان. ئۈچ پاي ئوق ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئارقا ئىشكىنىڭ ئەينىكىگە تەككەن. ھۇجۇمچىلار كۈرشات مىجاننى ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدە دەپ ئويلىغان بولۇپ، ئۇ بەخىتكە يارىشا ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدىن ئامان قالغان

كۈرشاد مىجان قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ھەر دائىم شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل ئالپەرەن ئوجاقلىرى رەئىسى كۈرشاد مىجان ئەپەندى تۆنۈگۈن كەچ تەشكىلاتىنىڭ سۇلتان بەيلى رايونىدىكى شۆبىسىدە يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن قايتىش يولىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ھۇجۇم كەچ سائەت 10:00 دىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمچىلار ئىككى ماشىنا بىلەن كۈرشات مىجان ئولتۇرغان ماشىنىنى يانداپ كېلىپ ئاپتومات بىلەن ئىككى تەرەپتىن ئوق چىقارغان. ئۈچ پاي ئوق ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئارقا ئىشكىنىڭ ئەينىكىگە تەككەن. ھۇجۇمچىلار كۈرشات مىجاننى ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدە دەپ ئويلىغان بولۇپ، ئۇ بەخىتكە يارىشا ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدىن ئامان قالغان

ھۇجۇمچىلار نەق مەيداندىن دەرھال قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنى تۆنۈگۈن كېچىدىن بۇيان جىددى تەكشۈرمەكتە

ۋەقەنىڭ كىملەر تەرىپىدىن، نېمە مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى كۈرشات مىجان بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۇنى بۇ ھۇجۇمدىن ساق-سالامەت قۇتقۇزغانلىقىغا ھەمدىلەر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ