ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كونيادا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

كونيادا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى 
11- يانۋار كونيادا خىتايغا قارشى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشنى ئۈلكە ئوجاقلىرىنىڭ كونيادىكى شۆبىسى بىلەن ئېلى ئەكبەر داموللام باشچىلىقىدىكى ئەنقەرەگە پىىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا ئۈلكە ئوجاقلىرى ئەزالىرى، كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇردىن بولۇپ 2000 دەك كىشى قاتناشتى.
نامايىشتا « شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچلىق توختىتىلسۇن!»، « لاگېرلار تاقالسۇن !» دېگەن شۇئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق « ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يىنىدا » دېگەن شۇئارلارنى تولاپ خىتايغا قارشى لەنەت ئوقۇدى.
ئاخىردا ئۈلكە ئوجاقلىرى كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ،« خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئان ۋە دىنى كىتاپلارنى چەكلەپ قۇرئان ساقلىغانلارنى تۇتقۇن قىلدى. ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتىگە كۆز يۇمماقتا. خىتاي شەرقي تۈركسىتان خەلقىنى ئائىلىسىدىن سۈرگۈن قىلماقتا. بىز دۇنيا خەلقىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئېلى ئەكبەر داموللام سۆز قىلىپ، ،« خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى مۇسۇلمان بولغانلىقى، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا تۇتقۇن قىلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ