ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كاستامونو ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-29 16:25:07 جەمئى 1487 قېتىم ئوقۇلغان.

كاستامونو ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى

كاستامونو ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى
ئۆز خەۋىرىمىز، خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مول ئىلمىي قابىلىيەتكە ئىگە ئۇستازلىرىمىزدىن پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇم ۋە جىنايەتلىرىنى كەڭ ئوقۇغىچىلارغا ۋە يەرلىك خەلققە تونۇتماقتا.
29 – نويابىر كۈنى كاستامونو ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئۇسۇلى ئاسمىلاتسىيەنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭىدىن ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش لاگېرلىرى تېمىسىدا يىغىن ئۇيغۇشتۇرۇلدى.
يىغىندا پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرېشىت قارلۇق خىتايىنىڭ تارىختىن بۇيان پەرقلىق مىللەتلەرنى ئېرىتىپ يوق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى، خىتاي مەدەنىيىتىدە پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى تەھدىت دەپ قاراپ ئۇنى ياشاتمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭغا كىرىۋېلىپ بارا-بارا ئۇنى يوق قىلىپ تاشلايدىغانلىقىنى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ چوققىسىغا چىققان بۇ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى يورۇتۇپ بەردى.
شۇنداقلا ئۇ خىتاي ھازىر جازا لاگېرلىرىدا ئىجرا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى ۋە سىرتتا قالغانلارنىڭمۇ ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قوشماق تۇققان قىلىش، 10 ئائىلىنى بىر زەنجىر قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۈزىتىش، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئالاقە – ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ خەلقنى نەپەس ئالغۇسىز ھالغا ئېلىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق تېمىلارغا ئەتراپلىق توختالدى.


ئىسپانىيە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنى رەت قىلدى
بېزنىزتايىم توربېتىنىڭ 28-نويابىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە،ئىسپانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى رەئىس شىجىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن،خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تېخىمۇ ياخشى باغلاش مەقسىتىدە پىلانلىغان بىر بەلۋاغ بىر يول لاھىيەسىنى ئىمزالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىدە بىلدۈرىلىشىچە ،2013-يىلى رەئىس شى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بىرقانچە مىليار دوللارلىق بۇ لاھىيە،قىتئەلەرنى پورت،تۆمۈر يول،يول ۋە سانايى بازا تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان .
ماقالىدە يەنە،بېيجىڭنىڭ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە60ىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتە بىرىنى تەمسىل قىلىدىغان 65 دۆلەتنى باغلايدىغان بىر باغ ئىنشا قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىرغىچە ،70كە يېقىن دۆلەت بۇ لاھىيەگە قىزىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ،لاھىيەنى ئىمزالىغان.
ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن،پولونيا ۋە گرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ لاھىيەنى ئىمزالىغان. بۇنىڭغا قارشى ئىسمىنى بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان ئىسپانىيەلىك بىر ئەمەلدار بۇ لاھىيەنى ئىمزالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە بىلدۈرىلىشىچە،ئسپانىيەلىك ئەمەلدار دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ يىپەك يولى لاھىيەسىنى ئىمزالاشنى رەت قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈپ ،ياۋروپانىڭ ئاسىيا بىلەن بىر باغ قۇرۇش لاھىيەسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى،شۇ سەۋەبلىك ياۋروپالىقلارنىڭ مۇشۇ رامكىنىڭ ئىچىدە ئىشلىشى كېرەكلىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سېنتەبىردە،ياۋروپا بىرلىكىگە، ئۆزىنى ئاسىياغا باغلاش ئۈچۈن بىر ئاستقۇرۇلما تورى ئىنشا قىلىش پىلانىنى سۇندى.
لېكىن ماقالىدە،سەيشەنبە كۈنى ،شى رەئىسنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى مادرىتتىن كەلگەن خەۋەر خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغانىلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە،فرانسىيەنىڭ ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش دېرىكتورى ژېن فرانكويىس دى مېلىگو،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان ئىمزانامىنىڭ ئىنتايىن ئاز قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ يەنە فرانسىيە ئاگېنىتلىقىغا،بۇ ئىمزانامىنىڭ،سەن بىلەن سودا قىلىشنى خالايمەن دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە ، خىتاي ئۈچۈن بۇ ئىمزانامىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى،چۈنكى بېيجىڭ بۇ يىپەك يولى تىجارىتىنى يۇقىرى مالىيە لاھىيەسى بىلەن جانلاندۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى. [


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ