ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قەشقەردە تونۇلغان ئىككى دوختۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-12 22:41:02 جەمئى 1581 قېتىم ئوقۇلغان.

قەشقەردە تونۇلغان ئىككى دوختۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

قەشقەردە تونۇلغان ئىككى دوختۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئۆز خەۋىرىمىز، ئىگەللىگەن ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە كۆرە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايەت يېڭىسار ناھىيىسىدە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق دوختۇر ئۈمىد دوختۇرخانىسىنىڭ خوجايىنى تۇرغۇنجان ئۇبۇلقاسىم ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك يېڭىسار ناھىيىسى ئاشلىق ئىدارىسى ئالدىدىكى ئامبولاتورىيەنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانھاجىم دوختۇرنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇلارنى تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە جەسەتلىرىنىمۇ بەرمىگەنلىكى ئېنىقلاندى.

يېڭىسار ناھىيىلىك ئۈمىد دوختۇرخانىسىنىڭ خوجايىنى تۇرغۇنجان ئۇبۇلقاسىم ناھايىتى ساخاۋەتچى، مېھرىبان دوختۇر بولۇپ ئىزچىل ھالدا بىمارلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولغان.

ئۇ ئىلگىرى بىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بەلنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان، داۋاملىق ئىككى كىشى ئۇنى زەمبىل بىلەن كۆتۈرۈپ خىزمەتكە ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە مېيىپ بولسىمۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، 4 قەۋەتلىك يۈرۈشلەشكەن ئۈمىد دوختۇرخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.

ئىگەللىشىمىزچە خىتاي ئىشغالچىلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلىشتا، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە ياردەمدە بولغانلىقى، بىمارلارغا چۈشلۈك تاماقنى ھەقسىز قىلىپ بەرگەنلىكى، رامىزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تاماق بەرگەنلىكى قاتارلىقلارنى سەۋەب كۆرسىتىپ، 2016 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى جازا لاگېرىغا سولىغان ۋە قىين قىستاق نەتىجىسىدە 2018 – يىل 3 – ئايلاردا ئۇنىڭ لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە جەسىتىنىڭمۇ بېرىلمىگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغان. 

ئۇنىڭ ئايالى سانىيە دوختۇرمۇ شۇ دوختۇرخانىدا ئاياللار كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، ئۇمۇ  2016 – يىلنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، مەلۇماتلاردا ئۇنىڭ ئۈرۈمچى يۆتكەن كېتىلگەنلىكى، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى يوقلىقى مەلۇم بولدى.

لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەن قۇربانھاجىم دوختۇرمۇ 2016- يىل ئاخىرى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا 2018 – يىل 3 – ئايلاردا لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە جەسىتىنىڭمۇ بېرىلمىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز – دېرىكى يوق.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ