ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قۇرئان كەرىم توغرىسىدا بىر مۇھىم مەسىلە
 

قۇرئان كەرىم توغرىسىدا بىر مۇھىم مەسىلە

         ئەگەر سىز، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ، قۇرئاننى مەخلۇق دىيىش، دىمەسلىك توغرىسىدا سۆز قىلماي سۈكۈت قىلدى، بىزمۇ سۈكۈت قىلىمىز دېسىڭىز، بىز دەيمىزكى، ئەنە شۇنىڭدەك قۇرئاننى مەخلۇق ئەمەس، دەڭ ياكى دېمەڭ، دەپمۇ سۆز قىلمىدى، سۈكۈت قىلدى، سىز سۈكۈتنى دەلىل قىلىپ، سۆز قىلمىسىڭىز، بىزمۇ سۈكۈتنى دەلىل قىلىپ قۇرئان مەخلۇق ئەمەس دەڭ دەيمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ زاتى، ئىسىم ـ سۈپىتى، ئىلىمى بار، غەيىب ئىلىم بار، تۈگىمەس ھېكمەت بار، ئۇ تۈگىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپىتى ئەزلىدۇر، شۇڭا، ئۇ مەخلۇق ئەمەستۇر.ئاللاھنى بار، بىر دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىكەنمىز، قۇرئاندىكى يوليورۇقنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئىبادەت قىلغاندا، ئاللاھنى ئۈستىمىزدە تۇرغاندەك، ئەمما ئۇنى چەك ـ چېگرا دائىرە قورشىمايدۇ، بىز پۈتۈن ئالەم بىلەن ئۇنىڭ ئالقىنىدا تۇرىمىز، ئاللاھ، بىز ناماز ئوقۇغاندا، ئالدىمىزدا تۇرغاندەك، بىز مۇناجات قىلۋاتقاندەك، ھەربىر ختابلىرىمىزنى مەسىلەن: ئى رەببىم، ئى ئاللاھ، دېگەندە، ئۇنى ھەقىقىي ئەسلەپ تۇرۇپ، قىلىشىمىز لازىم. ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق، ئەقىل ئۇنى قورشىيالمايدۇ، ئۇ مەخلۇققا زادى ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنى ئەسلىسەكلا، ئۇ بىزنى ھەردائىم ئەسلەگلىك، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىز ئۆزىۋەتمىسەكلا، ئۇ ھەرگىز ئۈزىۋەتمەيدۇ، مانا ھازىر شۇ تاپتا، ئۇ مېنى ۋە سىلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ، سۆزىمىزنى ئاڭلاۋاتىدۇ، مۇشۇ خەتلەرنىڭ چېكىتىنىمۇ كۆرۈۋاتىدۇ، كەيپىياتىنى بىلمەيمەن.بىز، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق ئىمان كەلتۈرىمىز، ۋە ئېتىقاد قىلىمىز، ئاللاھ، ئۇلارنى نۇردىن ياراتتى، (مۇسلىم رىۋايىتى) ئىككى، ئۈچ، تۆت، ھەتتا 600 قاناتلىق ياراتتى، ئۇ قاناتنىڭ كەيپىياتى بىزگە نامەلۇم، جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل، ئەزرائىل ئەلەيھىسسالاملارنى باش، كاتىباش قىلىپ ياراتتى، ئۇلارغا ئايرىم ـ ئايرىم خىزمەت تاپشۇردى، بەزىلىرى ۋەھىگە مەسئۇل، بەزىلىرى قار ـ يامغۇر، شامال ۋاھاكازالار، بەزىسى جاننى ئېلىشقا بەزىسى سۈرنى پۈۋدەشكە، يەنە بەزىلىرى مۆئمىنلەرگە ياردەم بولۇپ، قوشۇن تارتىپ چۈشىدۇ، بەزىسى ئەمەللىرىمىزنى ھەتتا، سۆزلىرىمىزنى، ھەتتا ھەربىر ۋايساش، تىنىقلىرىمىزنىمۇ يازىدۇ، بەزىسى قەبرىدە ئازابقا مەسئۇل، مۇنكىر ـ نەكىر شۇ، بەزىسى ھېسابقا مەسئۇل، بەزىسى جەننەتكە، بەزىسى دوزاخقا، ئەنە شۇنىڭدەك يەتتە ئاسماندا ئايرىم ـ ئايرىم ئىبادەت قىلىدىغانلىرى بار، ھەتتا ئەرشنىمۇ كۆتۈرۈپ تۇرىدىغانلىرى بار، سىز پەرىشتىگە ئىمانىم بار دەپلا يۈرمەي، ھەربىر ئىش قىلغاندىمۇ ئەمىلىمنى، مۇشۇ سۆزۈمنى كاتىپ يېزىۋاتىدۇ دەپ ئېتقاد قىلىش لازىم. مانا ھازىر مەن بىلەن بىللە ئۇلارمۇ يېزىۋاتىدۇ، خۇددى، ئاللاھقا ئىشىنىش، مۇسۇلمان، مۆئمىن بولۇش مېۋىسىنى بەرگەندەك، بىز ئۇنىڭ دىدارىنى، جەننەتنى، ۋەدىسىنى دەپ بەدەل تۆلىگەندەك، ئىبادەتنى شۇ ئاللاھقىلا قىلغاندەك، پەرشتىگە ئىشىنىشمۇ نۇرغۇن مېۋە، نەتىجە چىقىدۇ، قەلب، خاتىرجەم بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى چىقىدۇ، نۇسرەت، ياردەم، غەيرەت كېلىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ دوستىمىز.يەنە بىز مۇنداق ئېتىقاد قىلىمىز، ئاللاھ، پەيغەمبەرلەرنى يەنى ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارغا تەلىم بەردى، ئاللاھ قانداق تونۇشنى قانداق بويسۇنۇپ، ئىبادەت قىلىشنى ئۈگەتتى، بىز، ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەھمەت، پەزلى، ياردىمى بىلەن تونىدۇق، سەھىھ ھەدىستە ئاللاھ، 124000 پەيغەمبەر ئەۋەتكەن، قۇرئاندا بەزىسىنى يەنى 25نى تىلغا ئېلىپ، قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەن، نۇرغۇنلىرىنى سۆزلەپ بەرمىگەن، 310 نەچچىسى رەسۇلۇللاھ، يەنى قولىدا كىتاب بار، ئومۇمى خەلقنى دەۋەت قىلىش بىلەن چاقىرغان ئەلچى، قالغىنى نەبىي، يەنى رىسالە ياكى چۈش ياكى ئىلھام، ۋەھى بىلەن خەلقنى چاقىرغان، رەسۇلۇللاھدىن بىر دەرىجە كېيىن تۇرىدىغان ئەلچىدۇر. سەھىھ سۆز شۇكى، ئەۋۋىلى نۇھ ئەلەيھىسسالامدۇر، ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئەڭ ئەۋزەل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، چوڭ شاپائەت ھوقۇقى شۇ زاتقا بېرىلىدۇ، يارىلىشى كېيىن بولسىمۇ، جەننەتكە ئەۋۋەل كىرىدۇ، ئۈممىتىمۇ شۇنداق، 120 سەپ جەننەت ئەھلىدىن 80 سەپ كىشى مۇشۇ پەيغەمبەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولىدۇ. ئەھمەد رىۋايىتى، شۇنداقتىمۇ بىز، ئۇ ئەۋزەل بۇ تۆۋەن دەپ ئىختىلاپ قىلمايمىز، ھەممىسى ئاللاھنىڭ دوستى، يېقىن بەندىلىرىدۇر. بىز ھەممىنى ياخشى كۆرىمىز، ئىمان كەلتۈرىمىز، دۇرت ـ سالام يوللايمىز، بىرەرسىنىڭ ئارىلىقىنى ئايرىۋەتمەيمىز، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمىز.ئاللاھ، ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرگە نۇرغۇن كىتاب نازىل قىلدى، ئەڭ چوڭى تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئاندۇر، ھەممە ساماۋى كىتابە، فۇرقان دەپ ئاتىلىدۇ، ھەق ـ باتىلنى ئايرىغۇچى سوھوفى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، سوھوفى مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقىلار، ئاللاھنىڭ قۇرئان ئارقىلىق بىزگە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەۋرات، ئىنجىل، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن، شۇڭا بىز بۇ كىتابلارغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز، ئەگەر بۇ كىتابلاردىن بىزگە بىرەر خەۋەر ياكى ھۆكۈم كەلسە، بىزنىڭ قۇرئان، ھەدىس، شەرئىتىمىزگە مۇۋاپىق، ئۇيغۇن كەلسە، بىز ھۆرمەت قىلىمىز، ئىشىنىمىز، يەنىلا بىزدىمۇ بولغاچقا ئۇنى كېرەك قىلمايمىز. ئەگەر ئۇلاردىن كەلگەن ھۆكۈم، خەۋەرلەر يالغان بولسا، قەتئىي رەت قىلىمىز، رەددىيە بېرىمىز، ماقالە ئېلان قىلىپ سۆكىمىز، خۇددى ئۇلار داۋۇد، يۇسۇف، سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارغا بۆھتان چاپلىغاندەك، ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى پەتىۋا قىلىپ، ھالال قىلىۋالغاندەك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەېرتكەندەك، ئەگەر ئۇ خەۋەر يا راست ئەمەس يا يالغان ئەمەس، ئوتتۇرىدا تۇرسا، سۈكۈت قىلىمىز، بۇنداق خەۋەرنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، قۇرئان، ھەدىسكە ئۇيغۇن كەلسە، ياخشى تەرىپى بولۇپ، يامان تەرىپى بولمىسا، ئىبرەت، تەمسىل سۈپىتىدە كەلتۈرىمىز، ئەمما، قاتتىق ئېھتىيات قىلىمىز. بىز ئۇ كىتابلارغا ئىشەنسەكمۇ، ئاللاھ چۆرشۈرگەن دەپ ئېتقاد قىلساقمۇ، لېكىن، ئەمەل، ھۆكۈم پۈتۈن ئىشلىرىمىزنى قۇرئان، ھەدىس بويىچە قىلىمىز، ئۇ كىتابلار تۇرۇپ تۇرىدۇ خالاس.بىز ئاخىرەت كۈنىگە، قىيامەت كۈنىگە مۇنداق ئېتىقاد قىلىمىز:ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ، بىزگە قۇرئان، ھەدىستە نېمە دېگەن بولسا، بىز شۇنى راست، ھەق دەپ بىلىمىز، بۇ دۇنيا چەكلىك دۇنيا، ئاخىرقى بىر كۈن ئاخىرلىشىپ مەڭگۈلۈك دۇنيا قۇرۇلىدۇ، ھەممە ئىنسان، ھايۋان، تېرىلىپ قوپىدۇ، مانا بۇ كۈن ئاخىرقى بىر كۈن دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇندىن كېين، كۈن كېچە بولمايدۇ، مانا بۇ كۈن قىيامەت دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى، ھەممە، دەس تۇرۇپ ھېسابقا تەييار بولىدۇ. بىزنىڭ پۈتۈن غايىمىز، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىمىز شۇ كۈندە بولىدۇ، ئىنشائاللا، ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرنى پۈۋدىشى بىلەن ھەممىسى ئۆلۈپ، يەنە بىر پۈۋدىشى بىلەن ھەممىسى تېرىلىپ قوپىدۇ، ھەتتا، ھاۋايۋانلارنىمۇ قوپۇرىلىدۇ، ھېساب ئېلىنىدۇ، بۇ دۇنيا، ئاسمان ـ زېمىن، پۈتۈن نەرسە يوقىلىدۇ، بۇنى ھازىر تەبئىي ـ پەن ئالىملىرىمۇ، ئاسترونومىيە ئالىملىرىمۇ پەن ئارقىلىق ئىسپاتلىدى، مەسىلەن: قۇياشنىڭ ھامىنى نۇرى ئۆچۈپ قالىدۇ، بۇ سىستېمىلار ھامىنى ۋەيران بولىدۇ، دېگەندەك، شۇنداق بۇ نەقلى ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان، مۇھىم بىر ھەقىقەت، بۇ كۈننىڭ بولىشىغا ئىشىنىش، مۇشۇ دۇنيادىمۇ ئەڭ مۇھىم بىر ئىش، بۇ ئېتقاد، ئەڭ چوڭ، ئۇلۇغ مېۋە، نەتىجە بېرىدۇ، نەچچە مىليارت كىشى، مانا مۇشۇ كۈننى دەپ بەدەل تۆلەيدۇ، قىلىدىغاننى قىلىدۇ، قىلمايدىغاننى قىلمايدۇ، ھارام دەپ نەخ پايدىدىن، لەززەت، راھەتتىن مەھرۇم قالىدۇ، چۈنكى، ئۇ ئاشۇ كۈننى كۈتىدۇ، بۇ كۈنگە بولغان ئېتقاد مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم، تەڭپۇڭلۇقنى، ئادىللىقنى ساقلايدۇ.ئەنە ئاشۇ كۈنى بىز مۇشۇ جەسەتلىرىمىز بىلەن قوپىمىز، نۇرغۇن پەيلاسوف روھ قوپىدۇ، تەن قوپمايدۇ دەپ ئىسلام ئۆلمالىرى، سەلەف خەلەپ ئالىملىرى بىردەك ئۇلارنى دىنسىز دېدى، بىز قۇرئانغا ئىشىنىمىز، ئۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى، شۇ كۈنى ھەممىنى تېرىلدۈرىدىغان زاتنىڭ سۆزى، ئۇ زات، سۈرە ياسىننىڭ ئاخىرىدا چىرىپ كەتكەن سۆڭەكنىمۇ قوپۇرىمەن دېگەن، زېمىندىن چىقىرىپ يەنە زېمىنغا كىرگۈزۈپ، يەنە زېمىندىن چىقىرىمەن دېدى، ھەتتا، بارماق ئىزىنىمۇ ئىنچىكە بارماقلارنىمۇ ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دېدى، تېرىلەر پىشىپ تۈگىسە، ئازابنى تېتىسۇن ئۈچۈن، يەنە تېرە ئالماشتۇرىمىز دېدى. رەسۇلۇللاھ بولسا، سىلەر يالىڭاچ، يالاڭباش، يالاڭ ئاياغ، ھەتتا، خەتنە قىلىقسىز قوپۇرىسىلەر دېدى، بىز مانا مۇشۇ دەلىل ـ ئىسپاتلار بىلەن تەن ھەم روھ بىلەن بىللە قوپىمىز دەپ ئېتقاد قىلىمىز. مانا بۇ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشدۇر. بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەت، ھەدىسلەر بار بولۇپ، شۇ جايدا كۆرۈڭ. بىز تېرىلىپ ھېساب بېرىمىز، ھالال ئىشلىرىمىزغا ھېساب بار، ھارام ئىشلىرىمىزغا ئازاب بار، ئاللاھ، ئاسان قىلا، ھېساب، ھەق، نام ـ ئەمەللەرنى مىزانغا سېلىپ تارتسا، ھەق مەيلى بىزنى تارتسۇن، مەيلى ئەمەللەرنى چىرايلىق ياكى سەت سۈرەتكە كەلتۈرۈپ تارتسۇن، مەيلى باشقىچە تارتسۇن، مىزان، ھەق ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ