<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قىرغىزىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالدى

قىرغىزىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالدى

2-مارت قىرىم ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەردە، قىرغىزىستاندا ئالتۇن كان ئاچماقچى بولغان خىتاي شىركەتلىرى قىرغىزىستان خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

خەۋەردە، 10 كۈن ئىلگىرى خىتاي قىرغىزىستاننىڭ باتكېن ئوبلاستى قەدىمجاي رايونى شامىلساي ئالتۇن كېنىنى سېتىۋىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشقا باشلىغاندا 300 دەك قىرغىز خەلقى خىتايلار قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغان ئورۇندا خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان، خەلق يېغىلىپ كۈچ كۆرسىتىش نەتىجىسىدە قۇرلۇش ئىشلىرى توختىتىلغان.

  بۇ قېتىم قىرغىزىستاننىڭ جالالئابات رايونى توققۇز تورو شەھەر باشلىقى تىلەك ئىدرىسىۋا نىڭ بىلدۈرىشچە، خىتاينىڭ ئالتۇن كانچىلىق شىركەتلىرى تەڭرى تېغىنىڭ قىزغىزىستان تەۋەسىدە زور كۆلەمدە كان ئېچىپ سۇ ۋە ھاۋانىڭ بولغۇنىشى ئىغىرلاشقانلىق سەۋەبىدىن، يۈزلەرچە قىرغىز خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالتۇن كانلارنى  ئېچىشىغا  قارىشى يىغىلىش قىلغان، خەلق يىغىلىش نەتىجىسىدە خىتاي شىركەتلىرىگە 10- مارت كۈنىگىچە كان قېزىش ئىشلىرىنى توختىتىش مۆھلىتى بەرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ