ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستاندا غۇلجا قەتلىئامى خاتىرىلەندى

قازاقىستاندا غۇلجا قەتلىئامى خاتىرىلەندى

-3 فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىلىشنى د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، قازاقىستاندىكى ياشلار، زىيالىلار، خەلق ۋەكىللىرى ۋە ھەرساھە كىشىلەردىن بولۇپ 600غا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىلىش قۇرئان تىلاۋىتى ۋە شەھىدلەرگە ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلانغان. يىغىلىشتا قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىقلار ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەرگەن.

يىغىلىشقا ئىشتراك قىلغان خەلق ئېكران ئارقىلىق د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. يىغىن ئەھلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنى سورىغان.

ئۇندىن باشقا ياشلار ۋەتەنپەرەرلىك ھەققىدە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، سورۇن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ