ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستاندا خىتاينىڭ رەزىللىكى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-07 14:28:47 جەمئى 1940 قېتىم ئوقۇلغان.

قازاقىستاندا خىتاينىڭ رەزىللىكى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى

قازاقىستاندا خىتاينىڭ رەزىللىكى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى

7-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلىق ڧىلىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا خىتاينىڭ بالىلار شالدامىسىغا ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى (gps) ئورناتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، قازاقىستان خەلقى ياكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلغان ماللىرىغا يوشۇرۇن جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقانلىقى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا بولماقتا.
بۈگۈن قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر بازاردىن قىزىغا سېتىۋالغان بالىلار شالدامىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسىنى (gps) بايقاپ قاتتىق چۆچۈگەن. بۇ كىشى بۇ شالدامىنىڭ دەل خىتاينىڭ قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلغان مېلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممسىنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىتىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ