ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

غۇلجىدىكى بىر قىسم يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-08 11:41:52 جەمئى 9519 قېتىم ئوقۇلغان.

غۇلجىدىكى بىر قىسم يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

غۇلجىدىكى بىر قىسم يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئۆز خەۋىرىمىز: ۋەتەندىن ئىگىلىگەن ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قىسىم شىركەت قۇرغان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا تۇتقۇن قىلغان.
غۇلجا شەھەر يېڭى ھايات مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئادىل ئالىم، ئۇ غۇلجا شەھەر ماشىنا ئېلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى2018 - يىل 5- ئايدا لاگېرغا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغان. ئادىل ئالىم 2016- يلى ماشىنا ئىجارىگە بىرىش، ئېلىپ سېتىش شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، شىركەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىز تەرەققى قىلغان.
غۇلجا شەھەر قارادۆڭ كاراۋاي مەھەللىسىدە ئۇلتۇرۇشلۇق ئۆي بېزەكچىلىك ماتىرياللىرى تىجارەتچىسى دىلشات جۈمەخۇن 2017- يىلى 7- ئاي ئەتراپىدا سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان. ئىككى ئاي ئىلگىرى جىددى خارەكتىرلىك بۆرەك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىق سەۋبىدىن ئائىلىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.
يەنە« باراي»، « ئاي گۇۋاھ » دېگەن ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان ئەنۋەر ھاكىممۇ سەۋەبسىزلا لاگىرغا تۇتقۇن قىلىنغان.
غۇلجا شەھەر ساما رېستورانىنى ئاچقان ئ‍ادىل ئ‍ايۇپنىڭ بىر يىلدىن بىرى لاگېردا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. خىتاينىڭ ئ‍ادىل ئ‍ايۇپنى «ھازىرقى زاماننىڭ نەسىردىن ئ‍ەپەندىسى »دەپ ئ‍اتالغان مەرھۇم ھىسام قۇرباننىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقان ، دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ