ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەھىد ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى قارىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىغا تەكلىپ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-05 14:11:01 جەمئى 315 قېتىم ئوقۇلغان.

شەھىد ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى قارىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىغا تەكلىپ

شەھىد ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى قارىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىغا تەكلىپ
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، يارقىن ۋە ئۆتكۈر نۇتۇقلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يول باشچىسى، كوممۇنىست ئىشغالچىلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولغان شەھىد ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى زالىم كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش (دەۋەت قىلىش) جىنايىتى بىلەن 28 يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئىمانى ۋە ۋىجدانى بىلەن مۇستەملىكىگە بىر مىنۇتمۇ تىز پۈكمەستىن قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇنى بويسۇندۇرۇش خام خىيالىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ مەردانە ھالەتتە 2017 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى تۈرمىدە شېھىد قىلىندى.
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ جايىنى فىردەۋس جەننىتى قىلسۇن ۋە ئائىلىسىگە شۇنداقلا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ مۇسىبىتىگە سەۋر-تاقەت ئاتا قىلسۇن.
مەرھۇم ئۇستازنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى 2018-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.
بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشقا ئالاھىدە چاقىرىق قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى.

جىنازا نامىزى ئوقۇلىدىغان ئورۇننىڭ ئادرىسى:
ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە گۈلتەپە مەھەللىسىدىكى فاتىھ جامىسىدە


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ