ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تويۇقسىز ئىسرائىل باش مىنىستىرى نتانياھونىڭ بىر باياناتىدا: غەززەدىكى

شەيتاننىڭ تىلى

 

دۇنيا خەۋەرلىرى ۋە يېڭى ۋەقەلىكلەردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن تور بەتلىرىگە قاراپ ئولتۇراتتىم. تويۇقسىز ئىسرائىل باش مىنىستىرى نتانياھونىڭ بىر باياناتىدا: غەززەدىكى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ قازا سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر باستۇرۇش ھۇجۇمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان.

توۋا ! دەپ ياقامنى تۇتۇپ قالدىم. بىز ئىنسان بولغاچقا ئۇنى بىر ئىنسان قېلىپىدا يارىتىلغان مەخلۇق دەپ قاراشقا مەجبۇر بولساقمۇ، ئۇنىڭ ھېچ چاندۇرماي، خۇددى دېگەن سۆزىگە باشقىلار  ئىشىنىدىغاندەك بىر چۈشەنچە بىلەن يۇقىرىقى سۆزنى قىلىشى ئەقلىمگە شەيتاننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن يۈزى يوق، تىلى بىركەن، دېگەن ئۇقۇمنى سالدى. خىتاي تىلى بىلەن ئىبرانچە تىلىنىڭ ئارىسىدا ئاسمان- زېمىنچە  پەرق بولۇشىغا قارىماي خىتاي جاللاتلىرىنىڭ بېرىدىغان باياناتلىرىدا سۆزلەيدىغان يالغانلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە جالاتلىرىنىڭ يالغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قاتىللىقنى قىلىپ تۇرۇپ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن يالغاندىن بىلجىرلاشلىرى نېمە دېگەن ئوخشاش- ھە؟

ئۇلارنى ۋەھشى ھايۋان دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ۋەھشى ھايۋانلار قانچلىك ۋەھشىي بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ۋەھشىلىكىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى تېنىۋىلىش پوزىتسىيەسىدە بولمايدۇ. قىسقىسى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ. بىراق، شەيتاننىڭ دوستلىرى بولغان تاغۇت ئەھلىگە قارىساق، ئەھۋال قورقۇنچلۇق.

بۇلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمايلا قوياي، ئاللاھدىن ئۆز بالالىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىۋېتىپ يەنە بىر نەرسە ئەقلىمگە كەلدى، ئۇ بولسىمۇ  ئەجابا شەيتاننىڭ دوستلىرى ئۆزلىرىنىڭ جەھەننەم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان يولىدا بۇنچىلىك دەرىجىدە ئوخشاش ھەرىكەت قىلالىغان، ئوخشاش ئالدامچىلىق قىلالىغان، ئوخشاش سۆزلەرنى قىلالىغان يەردە بىزنىڭ دىنىمىز ، كىتابىمىز، قىبلىمىز، پەيغەمبەرىمىز بىر بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ  سۆزى نېمە ئۈچۈن بىردەك ئەمەس؟ ئوخشاش سۆز قىلىشقا، ئوخشاش قەدەم ئېلىشقا، ئوخشاش يولدا يۈرۈشكە نېمە ئۈچۈن بىرلىككە كېلەلمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن؟

دېمەك بىز ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق سۈپىتىگە، ئاللاھنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىگە ناھايىتى يىراق ئوخشايمىز. ناۋادا بىز ئاللاھنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولالىغان بولساق¸ بۇ يولدا ماڭغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم سۆزلىرىمىز ئوخشاش، قەدەملىرىمىز تەكشى، شوئارلىرىمىز بىردەك بولغان بولاتتى. ھىچ بولمىغاندا زالىمغا نەپرەتلىنىشتە، تۇر! دېيىشتە بىردەك بولالىغان بولاتتۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ