ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىق پاجىئەسى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-03 17:53:32 جەمئى 9563 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىق پاجىئەسى

شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىق پاجىئەسى

Yalçın Cemal  

    2019- 01- 02.

    2019- يىلىغا قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە، غەرب دۇنياسى يېڭى يىلنى مۇراسىملار بىلەن ھوزۇر ئىچىدە قۇتلۇقلىدى ۋە قارشى ئالدى. مەن سۆزۈمنى غەرب دۇنياسى دەپ باشلىدىم. سەۋەبى،-

    ئاسىيا قىتئەسىدە يېڭى يىلنى قۇتلۇقلىيالمىغان كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلق بار. بۇلارنىڭ بىرسى بولسا خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش ئاپتونۇم رايون دەپ ئاتالغان شەرقى تۈركىستان ۋە تۈرك خەلقىدۇر. شەرقى تۈركىستاندا بىر ئىنسانلىق تراگېدىيىسى يۈزبەرمەكتە.

ئەينى يىللىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان

خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن سۆزدە «ئاپتونۇم رايون» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)مۇ بۇ ئەھۋالغا كۆز يۇمغان ئىدى.

    خىتاي دائىرلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى تۈركلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ھىيلە- مىكىر ئىشلەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۇسۇلىمۇ ئىجرا قىلىنماقتا.

    خىتاي دائىرلىرى شەرقى تۈركىستان ۋە خىتايدا يۈزبەرگەن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەرنى تۈركلەر قىلدى دەپ داۋا قىلىپ، گەرچە خىتاينىڭ قولىدا بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق دەلىل، ئىسپات بولمىسىمۇ تۈركلەرگە ئارتىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى تۈركلەرنىڭ ئىنسانى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلدى. ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، غالجىرلارچە قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن جازالىدى.

    خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان بۇ خىل قەبىھ ئۇسۇللارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرسى بولسا، شەرقى تۈركىستاننىڭ چۆللىرىدە قۇرۇلغان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دېگەن ئىسىم بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالدىماقچى بولغان جازا لاگېرلىرىدۇر. خىتايلار بۇ جازا لاگېرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ناھايىتى كۆپ ساندىكى تۈركلەر بىلەن تولدۇرۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «بىز بۇ كىشىلەرنى تەربىيىلىمەكچى» دەپ ئېلان قىلدى.

    بۇ جازا لاگېرلىرىدا جازالىنىپ چىققان تۈركلەرنىڭ ئاڭلاتقانلىرىغا قارىغاندا، باشتا تۈرك مىللىتى، دىنى، تىلى، ئۆرۈف- ئادەتلىرى... قاتارلىق تۈركلەرگە خاس بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىنى تۈركلەر بىلەن تولدۇرغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

    1990- يىللاردا بۇلغارىيىدە بولغان ئەھۋاللارنى ئەسلىگىنىمىزدە، Todor Hristov Jivkov ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇنداق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى بۇلغارىيىدىكى كۆپلىگەن تۈركلەرنىڭ ئىسمى ۋە مىللىتى بۇلغارچە ئىسىم ۋە بۇلغار مىللىتىگە ئۆزگەرتىلىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىن ئۆچۈرۈلگەن ئىدى. ھازىر بولسا خىتاي دائىرلىرى خۇددى بۇلغارىيىدىكىگە ئوخشاش شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا مۇشۇنداق

ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

    خىتاي دائىرلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى ئەتراپى ئىگىز سىمۇنت تاملار بىلەن قورشالغان، ئۈستى تەرىپى ناھايىتى پۇختا تىكەنلىك سىم توساقلار بىلەن ئورالغان جازا لاگېرلىرىنى ھېچ نومۇس قىلماستىن ھەتتا تەپ تارتماستىن «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈلكىسىگە قېلىۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ بۇنداق مەسخىرىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپمۇ يەنىلا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەسلىدە ئوينىلىۋاتقان بۇ ئويۇننىڭ ئارقىسىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

    بۈگۈنكى كۈندە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇش مەقسىتى بويىچە خىزمەت

قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا مەيدان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان بىخەتەرلىك

مەجلىسنىڭ دائىمى 5 ئەزاسىنىڭ ئىنساۋىغا قالدى. مانا بۇ خىتاي بولسا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەكىلاتىنىڭ دائىمى 5 ئەزاسىنىڭ بىرسىدۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن سىزچە خىتاينى جازالاش مۇمكىنمۇ؟

    2018- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى (جۈمە) تېلېۋىزۇر پروگراممىسىغا بارغىنىمدا مەسلىھەتچىلەر بۆلىمىدىكى دوستلۇرۇم ماڭا شىمالى قىبرىس (سىپروس) جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن بىر بولاقنى بەردى. بۇ بولاقتا تۆت بەتلىك بىر خەت، سىدىي پىلاستىنكا ۋە شىمالىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر باشلىقى مۇستافا ئاقىنچىنىڭ ئىسىم كارتىسى بار ئىدى. خەتتە؛- ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ رادىئوسىنىڭ خەۋەر بۆلىمىدە ناخشا ئېيتىدىغان ئەردوغان رىفاتنىڭ، 1963- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى قىبرىسنىڭ قۇملۇق رايونىدا شېھىت قىلىنغانلىقى ۋە قىبرىس تۈركلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ جەريانى يېزىلغان ئىدى. خەتنىڭ داۋامىدا خەلقنىڭ ھەر تەرەپكە پىتىراپ كېتىش ئەھۋالى، 55 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھۆرمەتلىك جۇمھۇر باشلىقىنىڭ ئارخىپىدىكى 55 يىل بۇرۇنقى خەلقنىڭ سۆزلىرىنى ئارخىپ قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن 2 سىدىيغا ئالماقچى بولغانلىق جەريانى، بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ھەمدە ئۇ ۋاقىتتىكى سەنئەت كۈلتۈرۈمىزنىڭ قايتا جانلاندۇرۇلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن پىداكارلىقلار بىز ئەسلەشكە تېگىشلىك بىر خىزمەت بولىشى مۇمكىن.

    خەتنىڭ بىر بۆلىمىدە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر باشلىقى مۇستافا ئاقىنچىنىڭ سىدىي پىلاستىنكىسىدىن نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر باشلىقى مۇستافا ئاقىنچى:

    - «1963- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى قۇملۇق رايونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئائىلىسى ھەمدە قوشنا- قۇلۇملىرىنى قوغداش ئۈچۈن شېھىت بولغان ئەردوغان رىفات جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن تونۇلغان قىممەتلىك بىر ئىنسانىمىز ئىدى. بىز بۇ سىدىي پىلاستىنكىسىنى بۇنىڭدىن 55 يىل بۇرۇن شېھىت بولغان شېھىت ئەردوغان رىفاتنىڭ نامى بىلەن بارلىق شېھىتلىرىمىزگە سوۋغا قىلىمىز، روھلىرى شاد بولسۇن.» دېيىلگەن.

   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، تۈرك مىللەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. 1963- يىلى قىبرىستا، 2019- يىلى بولسا شەرقى تۈركىستاندا.

    ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ماڭا خەقئارالىق قانۇن ۋە ئادالەتتىن سۆز ئاچماڭ. ھوقۇق ۋە ئادالەت مىللەتلەرنىڭ قىلىچىنىڭ ئاستىدا.

    يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويدۇق. بۇ يېڭى يىلنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

 

http://www.starkibris.net/index.asp?haberID=272583


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ