ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر يۇلتۇز ئۆچتى


شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر يۇلتۇز ئۆچتى
3- دېكابىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامىدىن دەۋەتچى ئۇستاز كېرەم قارىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەزىيەنامە ئېلان قىلىندى
تەزىيەنامىدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:
1990 يىلى سەۋەبسىز «بۆلگۈنچى » تۆھمىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، 12 يىل كېسىلگەن مەشھۇر دەۋەتچى دىنى ئۆلىما كېرەم ئابدۇۋەلى 12 يىل توشقاندىن كېيىمۇ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن ئارقا – ئارقىدىن يىل قوشۇلۇپ قاراڭغۇ ئۆيلەرگە يالغۇز قامالغان. تۈرمىدە ياتقىنىغا 28 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئىنىسى مۇھەممەد ئەمىن تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز! بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇق.« ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن»
ئۇستاز كېرەم ئابدۇۋەلى «كېرەم قارى » ئىسىم بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە تۇنۇلغان ھەم خەلقىمىز ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ئۇيغاق بىر ئۆلىما ئىدى.
ئۇ 1990- يىلى خەلقىمىز ئارىسىدا ئىمان ۋە تەۋھىد ئەقىدىسىنى تارقىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ دەۋەتلىرىدە خەلقىمىزنى ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇپ تەۋھىد، بىرلىك يولىدا ماددى ۋە مەنىۋىيىتىمىزگە ئىگە بولۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ خەلقنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا قىلغان دەۋەت، ئوقۇ- ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرى زور تەسىر ۋە ئۈنۈملەرنى ياراتقان. ئۇنىڭ زىيالى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى تەسىرى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
شۇ سەۋەبلەردىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ «بۆلگۈنچى » تۆھمىتى بىلەن 12 يىل كەسكەن ئىدى. 12 يىل توشقاندىن كېيىن بۈگۈنگىچە ئارقا- ئارقىدىن سەۋەبسىز يىلىنى ئۇزارتىپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ھەققىدە ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى ئەھۋال ئىگىلەپ بىر قانچە قېتىم سۈرۈشتە قىلغان. ئۇندىن باشقا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ ئالىم ھەققىدە ئىزدەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2014- يىلى 4- ئاينى « ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركستاندىكى ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە سانائەتچىلەرنى تۈرمىگە تاشلىدى ۋە شېھىت قىلدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلىرىغا قىلىۋاتقان سۈكۈتى خىتاينى تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتۈرۈپ قويدى. خەلقىمىز بىر پۈتۈن ئىسكەنجىگە ئېلىندى. ھازىر خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىر پۈتۈن تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بىز بۇ ۋەزىيەتتە مېھرىبان ئاللادىن خەلقىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيمىز!
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ