ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراۋاتقان يولسىزلىقلار

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-04-04 11:43:52 جەمئى 6367 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ــ بىر مىليون 828 مىڭ 418 كۋادىرات كىلومېتىرغا يېيىلغان بولۇپ، 50 مىليون مۇسۇلمان تۈرك ياشايدۇ

شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراۋاتقان يولسىزلىقلار

 

دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيار

تەرجىمە: سابىرجان

 

ھۆرمەتلىك رەئىس، قىممەتلىك مېھمانلار، ھەممىڭلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمەن!

شەرقىي تۈركىستان ــ بىر مىليون 828 مىڭ 418 كۋادىرات كىلومېتىرغا يېيىلغان بولۇپ، 50 مىليون مۇسۇلمان تۈرك ياشايدۇ. خىتاي زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلق كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان تراگىدىيىلىك يولسىزلىقلارنى بىر قانچە مىنۇتتا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. مەن ــ بۇ يولسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ماڭا ئايرىلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ يولسىزلىقلارنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتۈشكە تىرىشىمەن.

ھۆرمەتلىك مېھمانلار! بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ماۋ(زېدوڭ) دەۋرىدە ئۇچرىغان بېلەتكە ئاشلىق ئېلىش، بىر خىل فورما كىيىش، ماۋنىڭ رەسىمى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىش... قاتارلىق ئىپتىدائىي زۇلۇملار تۈگىدى، ئەمما بۇنىڭ ئورنىغا سىستېمىلىق زۇلۇم ۋە يولسىزلىقلارنىڭ يېڭى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇلغان پەرقلىق ۋارىيانتلىرىنى بارلىق تراگىدىيىلىرى بىلەن بېشىدىن كەچۈرمەكتە.

مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان يېرىم ئەسىردىن بېرى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زالىم رېجىمى ئاستىدا ئىڭرىماقتا. نوپۇسنىڭ كۆپىنچە قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، دۇنيا ئۇياقتا تۇرسۇن، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تراگىدىيىلىك يولسىزلىق، بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. ئىسكەنجە، ئۆلۈم، ئەمگەك لاگىرلىرى، دىنىي بېسىم... ئەيتاۋۇر يولسىزلىق توغرىسىدا ئىنسان ئەقلىگە كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇچۇر ـ ئالاقە ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا خەلقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ يولسىزلىق ۋە ئىنسانىيەت تراگىدىيىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەر كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئانا تىلىدا ھەل قىلىش، ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش، ئۆز ھازارىتىگە ئۇيغۇن ياشاش ۋە ھازارىتىنى گۈللەندۈرۈش، مائارىپ ۋە سالامەتلىك خىزمەتلىرىدىن ئىنساندەك پايدىلىنىش، ئۆز نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھەق ـ ھوقۇقلىرىدىنمۇ (خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن) مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇچۇر ـ ئالاقە ئىمكانىيەتلىرىگە چەك قويۇپ، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىماقتا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان يولسىزلىق ۋە پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەپتى ـ بەشرىسى بىلەن دۇنياغا يېيىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان بايانلار ئارقىلىق ۋەقە ـ ھادىسىلەرنى يوشۇرماقتا.

مەن بۇ يەردە، بۇ يولسىزلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى بىر نەچچە تېمىغا ئايرىپ سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن:

 

1.     “نوپۇس تىزگىنلەش” نامىدا قىلىنغان يولسىزلىقلار

 ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، “ئىنسان ــ تەرەققىي قىلغان ھايۋان” دەپ قارايدىغان خىتاينىڭ ئىنسانغا بېرىدىغان ئېتىبارى بەكمۇ تۆۋەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي ئاسمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان “نوپۇس تىزگىنلەش” نامى ئاستىدىكى “تۇغۇت چەكلەش” سىياسىتى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا. ھەق ـ ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بۇ تۈزۈملەر بىر تەرەپتە تۇرسۇن، خىتايلار بۇ تۈزۈمنى قىلچە رەھىم ـ شەپقەت قىلماستىن، ھەتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلماقتا. ئاللاھتىن قورقۇش ئېڭى بولمىغان، دىنىي ۋە مەنىۋىي قەدىر ـ قىممەت ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان بىر دۆلەتتە يولغا قويۇلغان بۇنداق سىياسەت دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق. ئۈچىنچى پەرزەنتى ئۈچۈن قورساق كۆتۈرگەن بىر ئايال ھامىلدارلىقىنىڭ 8 ـ ياكى 9 ـ ئېيىدا بولسىمۇ، سېزىلىپ قالغان ھامان ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلمەكتە ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسىگە مەجبۇرلانماقتا. ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت مەمۇرلىرى يېزا ـ كەنت، مەھەللە ـ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ، “قانۇنسىز” پەرزەنتلىك بولغان ياكى بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللارنى يۈك ماشىنىلىرىغا مەجبۇرىي بېسىپ ئېلىپ كېتىۋاتماقتا. ئىنتايىن ناچار شارائىت ئاستىدا قىلىنغان ئوپىراتسىيە نەتىجىسىدە بوۋاقلارلا ئەمەس، كۆپىنچە چاغلاردا ئانىلارمۇ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.

مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى چولپانخان ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ھايات تراگىدىيىسى مۇنداق:

ھامىلدار چولپانخان 1997 ـ يىل 8 ـ ئايدا ئوپىراتسىيەگە زورلانغان بولۇپ، دۆلەت خادىملىرى ئۇنى داۋالاش پۇنكىتىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەندىن سىرت، يولدىشىغا ئۈچ مىڭ سۇم جازا قويغان. چولپانخان پۇرسەت تېپىپ داۋالاش پۇنكىتىدىن قېچىپ كەتكەن ۋە بىر قەبرىستانلىققا يوشۇرۇنىۋېلىپ، شۇ يەردە ئۆزى يالغۇز تۇغقان. كېيىن، بىرەيلەننىڭ ياردىمى بىلەن ئۆيىگە مەخپىي بېرىۋالغان. لېكىن بىر چېقىمچى تۈپەيلىدىن قايتا تۇتۇلۇپ قالغان. ساقچىخانىدىكىلەر چولپانخاننىڭ بالىسىنى قايناقسۇغا بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان چولپانخانمۇ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ پەقەت بىر مىسال بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ بەك تراگىدىيىلىك ۋەقەلەر كۈرمىڭلاپ يۈز بەرمەكتە!

؛داۋامى بار......


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ