<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شۋېتسىيەدە 12 كىچىك بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

شۋېتسىيەدە 12 كىچىك بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

 

 يىڭى ئاكت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە : شۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى كارولىنسكا ئىنسىتېتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا:2017 – يىلى ئىگە - چاقىسىز پاناھلانغۇچى 12 كىچىك بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن،  ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئافغانىستانلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاناھلىق تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشىغا سەۋەب بولغان.

دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن رۇھىي كېسەللىكلەر ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مۇتەخەسسىسى ئېللېنور مىتتېندورفېر رۇتز بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىچىك بالىلارنىڭ ئۆتمۈشتە چوڭ پاچىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، كۆچۈش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن قېيىن - قىستاق ۋە زوراۋانلىقلارغا دۈچار بولغانلىقىلىرىنى بىلدۈرگەن.

كۆچمەنلەر ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلى شۋېتسىيەگە 35 مىڭ 360 ئىگە – چاقىسىز كىچىك بالا كەلگەن بولۇپ، بۇ سان، 2016 – يىلى 2199 كىچىك بالىغا ۋە 2017 – يىلى 1334 كىچىك بالىغا تۆۋەنلىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ