ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىغان بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تەيۋەنگە تەھدىت ئىشلىتىپ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ پالاكىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ تەيۋەنگە تەھدىت سالدى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىغان بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تەيۋەنگە تەھدىت ئىشلىتىپ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ پالاكىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاللاشلار ئارىسىدا ئەسكىرى مۇداخىلە قىلىشنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن شى؛ دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغان ھالدا، تەيۋەننىڭ خىتايغا مەجبۇرى قېتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىغاچقا داۋاملىق ھالدا تەيۋەننى ئۆزىگە قوشۇۋىلىپ بىر ئۆلكە سۈپىتىدە باشقۇرۇشنى نىيەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئەمما كۆپىنچە تەيۋەنلىكلەر تەيۋەننىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ خىتايغا قېتىلىشنى خالىمايدۇ.
شى جىنپىڭ سۆزىدە تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: تەيۋەندىكى ھەربىر كىشى مۇستەقىللىقنىڭ بۈيۈك بىر پالاكەت بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك! دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۈزەتكۈچىلەر، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي داۋا قىلىپ تۇرۇۋاتقاندەك خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى، ئۇ ئاللىبۇرۇن خەلقئارالىشىپ بولغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تەيۋەن خەلقىنىڭمۇ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ