ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شىجىنپىڭ يەنە بىر ئورگاننى قولىغا كىرگۈزدى

شىجىنپىڭ يەنە بىر ئورگاننى قولىغا كىرگۈزدى
30- ئۆكتەبىر دۇنيا ئاۋازى تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك سېستىمسى يەرلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىدىن چىقىرىلىپ، بىۋاسىتە شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا كىرگۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىر- بىرلەپ يەرلىك ھۆكۈمەت رامكىسى ئىچىدە غايىپ بولۇپ، يوشۇرۇن ئاپپارات بولۇپ قالدى.
<<ئالما گېزىتى >> نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كوممونسىتىك پارتىيىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشى ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك سېستىمسى يەرلىك پارتكوملارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزگىرىش ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ھەممە ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشىنىڭ يەنە بىر ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى بولمىسىمۇ، ھوقۇقىنى كۈچەيتسە كۈچەيتىدىكەنكى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويمايدىكەن.

بۇ يىللىق خىتاي مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئېلان قىلىنغان<<<پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئ‍ىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى>>دە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىش بېجىرىش نازارىتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، 26 تارماق تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە چىن ۋېنچىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەشنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان.
خىتاي بىخەتەرلىك كومىتېتى 2014- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، خىتاي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دېپلوماتىيە، ھەربىي ئاخبارات قاتارلىق تارماقلارنىڭ باشلىقلىقىنى شى جىنپىڭ ئۈستىگە ئالغان. شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىنى ئ‍ۆزى بىر قوللۇق باشقۇرىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى بولسا ، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. تەلەپكە ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، موشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى، جېجياڭ، خەينەن، چوڭچىڭ، سەندوڭ، جاڭسۇ، لىياۋنىڭ،جىلىن، خېيلوڭجىياڭ، فۇجىيەن، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى قاتارلىق 26 ئۆلكە ئارقا-ئارقىدىن مەركەز تەستىقلىغان ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلغان. سىرتقى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغىنى، ئېلان قىلىنغان پىلان ئىچىدە، ئەسلىدە بار بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەۋەلىكىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارەتلىرىنىڭ بىراقلا يوقاپ كەتكەنلىكى بولۇپ، پەقەت ھۆكۈمەت ئاپپاراتى يوق قىلىنىپلا قالماي، پارتكوم ئاپپاراتلىرىمۇ يوق قىلىنغان. لېكىن جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.
چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارەتلىرى ھۆكۈمەت تەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۆلكىلىك پارتكومغا قوشۇۋېتىلگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۆلكىلەردە ئەسلىدە بار بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى، پارتىكوم تەرىپىگە ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك پارتىكوم ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئ‍استىدىكى ئاپپاراتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئەسلىدىنلا ناھايىتى سىرلىق بولغان خىتاي ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىنىڭ بىراقلا يوقىتىلىشى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خىتاي خەۋپسىزلىك سېستىمىسىنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن مەركەزدىن ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ھەممىلا يەردە بار بولغان تۇرۇقلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ھۆكۈمەت تەرتىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .دېمەك كەلگۈسىدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىمۇ ئوخشاشلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ دەپ قارالغان.
خوڭكوڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى لىيۇ رۈي: خىتاي خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارمىقىدىن چىقىرىلىپ، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ قارمىقىغا كىرگۈزۈشىنىڭ ھەرگىزمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى بىر قوللۇق خەۋپسىزلىك ساھەدە ئاخبارات ئىگىلەش سېستىمىسىنى قولغا كىرگۈزۈش ھەرىكەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ