ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سەلىم پاشادا دوكتورلارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-10 22:13:26 جەمئى 1681 قېتىم ئوقۇلغان.

سەلىم پاشادا دوكتورلارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

سەلىم پاشادا دوكتورلارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

10- مارت ئىستانبۇلنىڭ سېلىم پاشادا دوكتورلارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار، دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، دوكتور بۇرھان سېتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىرى قاتارلىق ئۈستاز ۋە يىتەكچىلەر ھەمدە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار  قاتناشتى.

مۇراسمىغا شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىلىكىنىڭ دەۋەت ئىشلىرى مەسئۇلى ھەبىىبۇللا كۈسەنى رىياسەتچىلىك قىلىدى.

مۇراسىمدا ئابدۇغېنى قۇتۇبى ئېچىلىش نۇتقى قىلدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئاتائۇللاھ شاھيار، دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلاربىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈستاز سىراجىدىن ئەزىزى، دوكتور بۇرھان سىتى قاتارلىق ئۈستازلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھەر ساھەدە يىتىشكەن دوكتور، ئۆلىما ۋە مۇتەخەسسلەر كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى،بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىى بۇگۈنگىدەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە كېلىپ قالغان ئەھۋالدا خەلقىنى توغرا بولغان سىياسى يۆلىنشكە يېتەكلەپ مېڭىشتا دوكتۈر ۋە مۇتەخەسلەرنىڭ كۆپ بولىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

مۇراسىمدا دۇكتۇرلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىدا بوشاشماي ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن بايراق تەقدىم قىلىندى.

مۇراسىم ئۈستاز نىياز داموللامنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي تۈرمىلىرى ۋە لاگېرلاردا ئەزىيەت چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تىزرەك ئازاد بولىشى،خىتاي كوممونسىتلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئۈچۈن قىلىغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ