<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۈشمىنىمىزنى نېمە قورقىتىدۇ؟

 

 

دۈشمىنىمىزنى نېمە قورقىتىدۇ؟
(1)

يېقىندىن بېرى ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ئېشىشى ۋە چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، خىتاينىڭ تەھدىتلىرى بىلەن ئۇرۇغ تۇغقانلىرىنى قۇتقۇزۇش نېيىتىدە ۋەتەنگە قايتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز- كېرىكىنىڭ بولماسلىقى ... ئۇ يەردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھالىغا ئېچىنىش سەۋەبىدىن چەتئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ھالى تولىمۇ پەرىشان بولماقتا. ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلاردا ‹‹ يۈرەكنى تارتسا بېغىر ئاغرىيدۇ ›› دەيدىغان بىر سۆز بار. ئازراق بولسىمۇ ۋىجدانى بار بىر ئىنسان ئادەم ئەمەس بىرەر جانلىقنىڭ جېنى ئاغرىسا ئىچى ئاغرىپ چىدىيالمايدۇ- يۇ. دۇنيا، دۇنيا بولۇپ كۆرۈلمىگەن زۇلۇمغا قالغان ۋەتەنداش، دىنداش ، تىلداش تۇغقىنى ۋە قېرىندىشىغا كەلگەن زۇلۇم، ۋە شۇ زۇلۇم سەۋەبىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كېلىپ چىققان ھەر خىل پاجىئەلەرگە ئىچى ئاچچىق بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟

لېكىن شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى مەيلى خىتاي كاپىرلىرى بولسۇن ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ، ئىسلامغا قارىشى سۈيقەستچى كۈچلەر بولسۇن، ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ خوش بولىدىغىنى بىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارچىلاپ يېيىش ، بىزنىڭ قولىمىزدىن ھەق ھوقۇقىمىزنى، نېنىمىزنى ئېلىش، ئاخىرىدا ئۆزلىرىگە قۇل، خىزمەتكار قىلىش، مۈلكىمىزنى ، زېمىنىمىزنى، ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بىلىم، ئىلىم، مەدەنىيەت ، سالامەتلىك، ئەقىل ، كۈچ، بايلىق .... قاتارلىق ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ قېلىۋېلىش. ئۇلار بىزنىڭ خۇشال بولۇشىمىزنى، بەختلىك، ھۆر ياشىشىمىزنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئۇلار سۆيمەيدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشىمىزنى ھەتتاكى ئويلىشىمىزنى ھەم خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز يوق بولۇشىمىز كېرەك، بىز مەۋجۇت بولماسلىقىمىز ھېچ بولمىسا مۇسۇلمان ئىدىيە ۋە ئاڭدا مەۋجۇت بولماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ چۈشلىرىنى بۇزماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇش جىنايەت، ئىسلام دىنىغا تەۋە بولغىنىمىز بىر جىنايەت، تۇپراق ، زېمىن ۋە دۆلەت ئىگىسى، ھۆرلۈك، ئىلىم -ئىرفان ئىگىسى بولۇشىمىز جىنايەت. بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ تېررور›› ئاتالغۇسىنى بىزگە بەردى. بۇ ۋەتەن بىزنىڭ دېگەنلىكىمىز، مەن ساڭا باش ئەگمەيمەن پەقەت ئاللاھقا باش ئىگىمەن دېگەنلىكىمىز، بىز مۇسۇلمان دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ، ئىنسانلىق ھوقۇقىمىزنى بەر دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن تېرورچى بولدۇق. ۋەتەندە زۇلۇم يەتمىگەندەك بىزنى چەتئەللەردىمۇ ‹‹ تېررورچى›› قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشتى ۋە تىرىشىۋاتىدۇ. بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەر تەرەپتىن قىستاپ، بىزنى چەتئەللەردە يوقسۇل، بىچارە، موھتاج ھالدا ياشاشقا قىستاۋاتىدۇ. ۋە بۇ پىكىرلىشىش نەتىجىسىدە باشقىلارغا يۈك بولۇپ كۆرۈنگەن ، باشقلارنىڭ نەزىرىدە ھەق داۋا ئۈچۈن ئەمەس قۇرساق دەردى ئۈچۈن چىققان تىلەمچىلەر قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىر بىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، پارچىلاپ كۈچىمىزنى زېھنىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىرادىسى ئاجىز، پىكرى گۇڭگا ئىنسانلارغا ياخشى كىشىلەر سىياقىدا نەسىھەت قىلىپ ئۇنى بۇنىڭغا، بۇنى ئۇنىڭغا ، بىر جەمئىيەتنى بىر ۋەقپىنى يەنە بىرىگە ، بىر گۇرۇپنى يەنە بىر گۇرۇپقا يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن پىچىرلاۋاتىدۇ. قېرىنداشلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈش ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرۈشكە كۈشكۈرتىۋاتىدۇ. دىنىمىزدىكى گۇناھلاردىن ئېھتىيات قىلىش، يامان ئىشلاردىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدىكى تەلىماتىنى دۈشمەندىن ئېھتىيات قىلىش تەرىپىگە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ئېھتىياتنى ئۇلارنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنىڭ ، ئاتا ئانىسى ۋە ئۇرۇغ تۇغقىنىنىڭ جېنى ۋە مەنپەتنى ئۈچۈن پايدىلىق ، ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىك، ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىق، ياخشىلىق قىلالمىسىمۇ يامانلىق قىلمىغانلىق دەپ پىچىرلاپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن كېچە كۈندۈز خىزمەت قىلغانلاردىن ، خىزمەت قىلغان ئورۇنلاردىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىلىم ئېلىشقا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئەڭ كېرەكلىكى ‹‹ دىنىي ئىلىم ›› دېگەن ئاڭلىنىشقا ئەڭ چىرايلىق ۋە چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان شۇئار بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، تارتىۋېلىنغان ھەق ھوقۇقى ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ۋە خىزمەت قىلىدىغانلار تەرىپىدە تۇرۇشتىن قاچۇرۇۋېتىدۇ ۋە ياكى قورقۇتۇۋاتىدۇ. ناھايىتى كۆيۈنگەن كىشىلەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كار قىلمىسا تاماققا چاقىرىپ مېھمان قىلىپ خىتاي كاپىرلاردىن ئېھىتىيات قىلىش كېرەكلىكى، ئىشەنچلىك مەلۇمات ئالغانلىقى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ. بۇ مۇ كار قىلمىسا گۇرۇپپىلاردا ياردەم ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، جانلاندۇرۇش ھەققىدە لېكسىيىلەر ئاۋۇغان ۋاقىتا دىققەت چاچماق ئۈچۈن باشقا بىر ئىدىيە ۋە ۋەقەلىكلەرنى تېما قىلىپ ھەممە ئادەمنى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئاساسلىق ئىدىيىگە سايە تاشلاۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ غالچىلىرىغا باشقىلاردىن بەكرەك ھىجاپلىنىشقا، ساقالنى بەكرەك ئۇزۇن قويۇشقا، مەسچىتتىن چىقماي ناماز ئوقۇشقا، نەپلە روزىلارنى كۆپ تۇتۇشقا بويرۇپ، تەقۋادار مۇسۇلمان سۈپىتى بىلەن ئىشەنچ قازاندۇرۇش يولىنى تۇتىۋاتىدۇ. ھېچ ئاساسى يوق، پالان يەرگە مۇنچىلىك خىتاي ئىستىخباراتنىڭ ئادەملىرى كەپتۇدەك، مۇنچىلىك ئادەمنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگىدەك ، ئۆيلىرىدىن چىقسا خىتايغا تۇتۇپ بەرگىدەك، بايراق بىلەن رەسىمگە چۈشكەنلەر ئۈستىدىن ياكى شۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ دەرس ئاڭلىغانلارنى تىزىملاپ ھېساب سورىغىدەك، دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ كىشلەرنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ، گۇمان، بىر بىرىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇشنى بىلەلمىگەن ، دىنى بىلىم سەۋىيىسى ، قويغان يارىشىملىق ساقىلى ۋە سۈننەت بويىچە كېيگەن قىسقا پۇشقاقلىق ئىشتىنى، كۆزىنى ئاران كۆرگىلى بولغىدەك مۇكەممەل ھېسابلىرىغا لايىق بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز قورىققىنىدىن نېمە قىلىشنى بىلمەي، كىمگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ، دوستنى دۈشمەن، دۈشمەننى دوست بىلىپ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىر خاتالىق ۋە ئېچىنارلىق پاجىئەلەرگە دۇچار بولماقتا. ھە دېسە ۋايسىغان، ئۇھ تارتىپ ، قاقشاپ، سۆزلەپ ئەسلىدىلا ئاز قېلىۋاتقان ئېنىرگىيسىنى خوراتماقتا. كۆزلىرىنىڭ ئىچى خۇنۇك، چىرايى سولغۇن، ھالى ھارغىن، ئۈستى بېشى ئېتىزدا توپىغا دومىلىغاندەك، رەتسىز ، ئۆيلىرى بولسا كۈنلەپ تازىلانمىغان، كىر ، تەر ، ئەخلەت پۇراپ قالغان ، ئورۇن كۆرپىلەر. ھەتتا تاشلاپ قويۇلغان كىچىك باللىرىنىڭ بۇرنىدىن ئېقىپ قالغان سۇيۇقلۇقنى ئېرتىپ قويغىلىمۇ رايى يوق، بىزدەك مەزلۇمنى خۇشاللىق نېمە كەپتۇ، دەپ ئۆزىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋىتىدىغان كىشىلەرنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىشىمىز مانا بۇ كاپىرنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى. كاپىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۇچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلغاندا، سافا بىلەن مەرۋى ئارىسىدا سەئيى قىلغاندا مەلۇم بىر قانچە قېتىم سوكۇلداپ مېڭىشنى بۇيرۇغان پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز.‹‹ ھازىر ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت ، ئۆلمەيدىغاندەك ئىجتىھات قىل›› دېگەن پەيغەمبەرنىڭ ئۈمىمىتى بىز. ئەڭ ئېغىر تەھدىت كۆرۈلۈپ تۇرغان غار ئىچىدە‹‹ قورقما، قايغۇرما ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە›› دېگەن پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتقا تاشلىنىش ئالدىدىكى تەمكىنلىكىنى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرمىدىكى ھالىتىنى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلىقنىڭ قورسىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى زىكرىنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىدىن ئونمىڭلارچە فىرئەۋىن قوشۇنى، ئالدىدا دېڭىز تۇرغاندىكى ئاللاھقا تەۋەككۈلنى بىلىدىغان بىر ئۈممەت بىز. ئەڭ نامراتلىقتا قالساقمۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامدەك يەيدىغانغا نەرسىسى، كىيىدىغانغا ئۆيى بولمىغان ھالدا ئاللاھتىن يوقسۇللۇقتىن ئۆزىنى يوقاتمىغان، ئۆزى ئۈچۈن بىر قېتىم ئەنسىرەپ قالمىغانلىقىنى بىلىدىغانلاردىن. ئەڭ ئېغىر كېسەل ھالدىمۇ ئاللاھقا زىكىر قىلغان، ۋايساپ قاخشاپ قالمىغان ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى دەرىجىسىنى ھەم بىلىمىز. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئالدىدا بوينىنى پىچاققا تۇتۇپ يېتىپ بەرگەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتقانمىز. ئادەمسىز، گۈل- گىياھسىز سۇسىز چۆلدە :‹‹ بىزنى بۇ يەرگە تاشلاپ كېتىش ئاللاھنىڭ ئەمرى بولسا سەن كېتىۋەرگىن. ئاللاھ بىزنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ›› دېگەن ھاجەر ئانىمىزنىڭ نەسلى بىز. شۇنداق ئىكەن بىزدىكى بۇ چۈشكۈنلۈك، پەرىشان ھالىمىز نېمە نەدىن كەلدى؟ بۇلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ سۆيۈنىدىغان ھال ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ كۈچلۈك مۇسۇلماننى ياخشى كۆرىدۇ. مۇسۇلماننى كۈچلۈك قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەتەن، كۈچ ، قۇرال پۇل كېتىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسىمۇ ئىنساننىڭ روھى كۈچلۈك بولمىسا ۋەتىنى ، پۇلى، ئەسكىرى ، كۈچى ۋە بايلىقى تۇرۇپ باشقىلارنىڭ بوينىغا سالغان سېرتمىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى كۆرمەيۋاتىمىزمۇ؟ دېمەك كۈچلۈك بولۇش بۇلارغىلا تايانمايدۇ. مۇستەھكەم ئىرادە، ئىشەنچ ۋە ئىمان ھەقىقىي كۈچتۇر. مۇسۇلمان ھەر قانچە ئېغىر كۈنگە قالسىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەيدۇ. قىيىنچىلىقىنى چاندۇرمايدۇ. پەرىشان ھالىنى كۆرسەتمەيدۇ. ھەر زامان روھلۇق، تېتىك، جەبدەس چاققان، كۆزلىرىنىڭ ئىچى ئۈمىد نۇرى بىلەن چاقنىغان، ئەڭ ئېغىر ھالغا قالغان بولسىمۇ ئەجەل كەلمىگىچە ئالمايدىغانلىقىغا ، ئاللاھتىن باشقا جامىينىڭ بولمايدىغانلىقىغا، ئەجەل توشمىسا رىزقىنى كەچ بەرسىمۇ بەرمەي قويمايدىغانلىقىغا، بېرىپمۇ، ئېلىپمۇ سىنايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ياشايدۇ. قايغۇسى ، ماتىمى ، مۇسىيبىەتلىرى، دەرتلىرى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرشنىڭ ئورنىغا كۈچ بولۇپ، ئۇنى دۈشمەنگە قارىتا قۇرال، دۈشمەنگە قارىتا شۇئار قىلىدۇ. دۈشمەن نېمىدىن خاپا بولسا شۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قىلىدۇ. دۈشمەن نېمىدىن خوش بولسا شۇ ئىشنى ئەڭ ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى خاپا قىلىش ئۈچۈن تاشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق، ئۇلارغا مۇخالىپەت قىلىش ئۈچۈن ھەتتا چاچلىرىنىڭ تارىلىش شەكلىدىن ، تىرناقلىرىنىڭ ئېلىنىش تەرتىپىدىن ، كىيىملىرىنىڭ تۈگىمىلىرىنىڭ ئېتىلىش ھالىتىدىن، ئىبادەت قىلىدىغان كۈنلىرىدىن باشلاپ ھەممە تەرەپتە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى سىزچە نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلارنى خاپا قىلىش، ئۈچۈن ئەمەسمىدى. بىر تال يوپۇرماقنى ئورۇنسىز ئۈزمەيدىغان بىر پەيغەمبەر كېلىشىمگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن يەھۇدىيلىرىنىڭ خورما دەرەخلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىش ئۈچۈن كەسكەن ئەمەسمىدى؟ ئوھۇدتا شۇنچىلىك ئېغىر يارىدار تۇرۇپ، 70 تىن ئارتۇق شېھىت بېرىپ تۇرۇپ، ماڭغىدەك ھالى قالمىغان ساھابىلەرگە تەكرار بۇيرۇق چۈشۈرۈپ دۈشمەنىڭ ئارقىدىن قوغلاتقان، ھەر تەرەپكە كەڭرى يېيىلىپ ئاتەش يېقىپ سانىنى كۆپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالغان پەيغەمبەر بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئەمەسمىدى؟

ئاجىزلاشمايلى! كۈچلۈك بولايلى! ئاللاھقا ئىمانىمىز ئاغزىمىزدا ئەمەس روھلۇق، جەڭگىۋار، قورقماس، بوشاشماس ئىدارىمىزدە چاقنىسۇن. دۈشمەن بىزنىڭ قورقمىغانلىقىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدىن، توپلاشقان سورۇنلىرىمىزدىن، بىر بىرىمىزگە بولغان باغلىنىشىمىزدىن، بىرى بىرىمىزگە قىلغان ھەمكارلىق ۋە ياردەملىرىمىزدىن، بىر بىرىمىزگە يەتكۈزگەن شەپقەتلىرىمىزدىن كۆرسۇن. قورقمىغانلىقىمىزنى توپلانغان سورۇنلاردىكى جەڭگىۋار ھالىمىزدىن كۆرسۇن. تېخى دۇنيانىڭ ئاخىرى كەلمىدى . كاپىرنىڭ سانى كۆپ بولىشى ، پۇلىنىڭ كۆپ بۇلۇشى، ئەسكىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، قورال- ياراغنىڭ كۆپ ۋە ئىلغار بولۇشى ، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركۈملەپ؛ ئۆلتۈرۈپ، ئەسىرگە ئېلىشى، قۇل قىلىشى بىزنى قورقۇتۇپ قويمىسۇن بەلكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز بىزنى قورقۇتسۇن، بىزنى ئەنسىرەتسۇن. بۇ ئەنسىرەش ۋايساش ئەمەس ھەرىكەت بولسۇن، ئىسلاھ ھەرىكىتى بولسۇن. . ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنى ، ھەر يوغان پىللىرى قۇشنىڭ پەنجىسىدىكى، تۇمشۇقىدىكى نوقۇتچىلىك تاشلاردا ھالاك بولمىدىمۇ؟ ئەينى چاغدا ئابدۇلمۇتەللىپ كەبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹‹ ئې رەببىم كەبە سېنىڭ ئۆيۈڭ ، سەن ئۇنى قوغدا ›› دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنى قوغدىدى. بىزمۇ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ تۇرۇپ، ‹‹ ئې ئاللاھ بىز سنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بەندەڭ سەن بىزنى ھىمايە قىل ›› دەيدىغان مۇستەھكەم ئىماندا دۇئا قىلايلى ۋە دۇئايىمىزنى كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتىمىز ۋە توختىماستىن بوشاشماي ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە ئىسپاتلايلى! ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر. بىز ئىمانىمىز بىلەن ھەم بۇ دۇنيادا ھەم ئۇ دۇنيادا چوقۇم نىجات تاپىمىز ئىنشائاللاھ!

مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر




  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ