ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۈزجىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

 

11- مارت دۈزجىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتنى دۈزجە شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيە ئەھۋالى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949- يىلى شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن  داۋملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ