ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۇنيادىن مەخپى قالغان، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى مەن شاھىد بولغان ئېچىنىشلىق رىئاللىقلار

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-03-06 17:52:03 جەمئى 4752 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيادىن مەخپى قالغان، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى مەن شاھىد بولغان ئېچىنىشلىق رىئاللىقلار

دۇنيادىن  مەخپى قالغان، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى مەن شاھىد بولغان ئېچىنىشلىق رىئاللىقلار

    ۋولقان بۇغرا

 1. قىسىسم

«7- ئاينىڭ 5- كۇنى»  دىگەن گەپ-سۆزنى  ئاڭلىسام ھازىرمۇ يۈركۈم ھاياجاندىن پارتىلاپ كەتكۇدەك سوقوپ، كۆزۇمدىن ئسسىق- ياشلار يېپې ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۇلىدۇ.  پۈتۈن بەدىنىم توك سوققاندەك قاتتىق سىلكىنىپ، بېنزىن كەبى ئوت ئالدۇ.

2009- يىلى-7- ئاينىڭ 5- كۇندىكى ھەركەت-   ئالى مەكتەپ ئوقوغۇجىلىرىنى ئاساس قىلغان، باشقا مەكتەپتىكى ئوقوغۇچىلار ۋە كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى قاتناشقان، ھەمدە زور ئۈمۇد كۈتكەن، تارقىلىشى تىز، مەقسەد-مۇددىئا ئېنىق بولغان بىرھەركەت ئىدى. 1949- يىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە كومنىست خىتاي،  ئالۋاستى تىرورجى ، زوراۋان، ئۈچچىغا چىققان باسقۇنجى، قانخور، مۇستەبىت، ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئپلاسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قۇل قىلغاندىن تارتىپ، بېچارە، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى  ئۇزنىڭ ئەركىنلىكى ، ھۆرلۇكى، دىمۆكراتيسى ئۇچۇن ئۈزلۈكسىز قارىشلىق كۆرسۇتۇپ كەلگەن تارىخىي كۆرەشلەرنىڭ داۋامى ۋە ئەڭ يۇقۇرى جۇققىسىى بولۇپ، كوممونست خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ مەڭگۈ قۇل قىلىشىغا، ئاسسمىلاتسىيە قىلىشىغا، ئىرقىي يوقىتىشىغا، چەمبەردىن چىقالماي روھى سېسىپ قىرغىزلارنىڭ، ھەمدە بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «ئەسىردىن ھالقېغان بىركۇن »ناملىق مەشھۇرئەسىردىكى ماڭقۇرۇتقا ئوخشاش ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويۇشقا كىچە-كۈندۈز ھەركەت قېلىۋاتقان كومونىست ئاۋاستىلىرىغا بوي بەرمەيدىغانلىقنى، ئەجداتلىرىدەك «قۇللۇقتىكى شاھلىقتىن ئەركىنلىك دارى ياخىشى»  دەپ ئۆز مەدنىيتىگە خاس بولغان ئىستەك بىلەن ياشايدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانى تېترەتكۇدەك چۇقان بىلەن، قاتمۇ -قات قان قەرىزىگە بۇغۇلۇپ كەتكەن قارا يۈرەككە كەشتىلەپ قويدى، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ دۇنيا خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىنى ، ئىنسانيەتنىڭ ھەممە مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇليەتلىرىنى تولۇق زېممىسىگە  ئالالايدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى، ھامان بىركۇنى ھۆر خەلقلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدىغانلىقىنى ئۈنلۈك جاكارلىدى.

 مەن تولۇق ئوتتورا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن تارتىپ ئىنسانىيەتنىڭ گۇللەپ ياشنشىغا ھەسەل- ھەرىسى كەبى ئۈن-تىنسىز ئالەمچە تۆھپە قوشۇۋاتقان، ھەمدە ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك قەدىر-قېممىتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويدىغان جەمىيەتنى كېچە-كۇندۇز خىيال قىلىپ، باشقا ئەللەردە  ئالى مەلۇماتقا ئىرشىش ئۈچۈن پاسپورت بىجىرىپ ھەرخىل يوللارغا كىرىپ  «تاغقا» ئۈسۈۋالدىم.

خۇداغا شۈكرى، نېمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.  2016 – يىلى 4- ئايدىن تارتىپ ئىمانى ئۆلمىگەن، روھى چېرىپ كەتمىگەن ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ھەل قىلالمايدىغان پاسپورتنى، بۇرۇنقىدەك چېكىدىن ئاشقان يولسسىز تەلەپلەرنى بىر ئاز ئازلىتىپ بېجىرىپ بەردى. بەزىلەر «كوممۇنىست خىتاي ئالۋاستىلىرى خەلقارادىكى ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن پاسپورت بېجىرىپ بەردى»-  دېسە، يەنە بەزىلەر، «ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بەرسەك قەپەزدىن قۇتۇلغان يولۋاستەك دەرھال مۇسۇلمان دۆلەتلرىگە، قېرىنداش دۆلەتلەرگە بارىدۇ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا بولغان كۈچلۈك ئىخلاسى تۈپەيلى سۈرىيەگە بېرىپ توقۇنۇشقا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئارلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2001- يىلىدىكى11- سېنتەبىر تېررورلۇق بالايى ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارغا كەيدۈرۈپ قويغان تېرورچى قالپىقىمىز خەلقارادا بازار تېپىپ قالسا بىز ئۇيغۇرلارنى بىر يولىلا يوقىتىپ تاشلايمىز دەپ، موزدەك قەلبىدە ئىپلاس چوت سوقۇۋاتىدو» دېسە، يەنە بەزىلەردەك  «كوممۇنىست خىتاي ئالۋاستىلىرى تور تاشلاۋاتىدۇ، ھازىر پاسپورۇتنى ئۆزى بېجىرىپ بېرىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سەن نېمىشقا  پاسپورۇت بېجىرگەن؟ سېنىڭ نېمە مەخستىڭ بار؟ ساياھەتكە بارماقچى بولساڭ بېيجىڭغا، شاڭخەيگە، سەيياھەتكە بارساڭمۇ بولودىغۇ ؟  ئوقۇماقچى بولساڭ ئۈرۈمچىدە، ئېچكىردە ئالى بىلىم يۇرتلىرى ئازمۇ؟ سىنىڭ ۋەتەننى پارچىلايدىغان رەزىل مەخسىتىڭ بولغاچقا سەن پاسپورت  بېجىرگەن-  دەپ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۇپ، ئۆزىگە خەتەرلىك دەپ ئويلايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۈن-تىنسىز يوقۇتۇپ، مىللەتنى تېخمۇ قانسىراتماقچى» دېگەنلەرمۇ بار. نېمە بولسا بولسۇن كوممونست خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ ھەرخىل ھېلە-مېكىرلەرنى ئىشقا سىلىپ ئېرقى يوقۇتۇشى، ئاسسمىلاتسىيە قىلىشى، ھەمدە ئىلغىدىكى گۆشكە ئايلاندۇرۋېلشى تۈپەيلى دھشەتلىك پاجىئەگە ئۈچراۋاتقان ناتىۋان خەلقىم دەريا-دەريا  تۆكۈلگەن قان ۋە ياشلارنىڭ  بەدىلىگە ئرىشكەن تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن يۈقارقى ئاچچىق خۇلاسىگە ئىرشكەن.

 مەن دەرھال سۇلايمان پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەزىنسىنى تېپىۋالغاندەك ئالەمچە شادلىققا چۈمدۈم،  ئۆزۈمچە قەپەزدىن قۇتۇلغان شىردەك ئەركىن نەپەسلىنىپ، دەرھال ئۇيغۇرلارنىڭ باش پاناھى، تۈرك قان سىستېمىسىنىڭ سەركىسى بولغان تۈركىيە گە قاراپ يولغا چېقتىم. مەن بۇ ھەقتىكى ئىنسان يۈرىكىنى ئىختىيارسىز سىماپتەك ئېرىتىپ تاشلايدىغان، كوممۇنىست خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا سېلۋاتقان ئىنسان قېلپىدىن چىققان ۋەھشى زۇلۇملىرى ھەققىدە « سەرگەردان تۈرۈكلەر »  دىگەن كىتاب يېزىپ چېقىمەن. شۇڭا ئەزىزلەر،  ئۇمىدلىك كىتابخان ئەمدى ماۋزۇغا قايتىشىمغا ئىجازەت بېرىڭلار.

مەن تۈركىيەگە چېققاندىن كىيىن،  بوش ۋاقىت تاپساملا  كىتابخانىغا بارىدىغان ئادىتىمغا  ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئاچقان كىتاپخانىغا باردىم. نۇرغۇن ئالتۇنغا بەرگۇسىز كىتاپلارنى كۆرۇپ، ۋەتەن-خەلق ئىشقىدا پەرۋانىدەك ياشاۋاتقان قەلەمكەشلەرنىڭ ھىممەتلىك قولىغا، بۆيۈك-مەقسەد، ئارزۇ- تىلەكلىرىگە، ئالەمچە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلۇغ ئاللاھدىن مۇبارەك تېنىگە ساقلىق، ئۆتكۈر قەلىمىگە بەرىكەت تىلىدىم. ئەمما شەرقى تۈركىستاننىڭ مەركىزى شەھرى ئۇرۇمچىدە، 2009- يىلى 7-  ئاينىڭ 5- كۇندىكى ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان، باشقا مەكتەپ ئوقوغۈچىلىرى قاتناشقان، يۈرەك-باغرى كاۋاپ بولۇپ كەتكەن كەڭ ئۇيغۇر خەلقى بارلىق كۈچى بىلەن قوللىغان،  كەڭكۆلەمدىكى ھەققانى  ئامايىش توغرۇلۇق نۇرغۇن ماتىرىيال كۆرۆپ ھەققىقەتەن ئەپسۇسلاندىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىتابخانا مەسئۇلىدىن بۇ ھەقتە ئۆزۇمنىڭ گۇمانى كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  كىتابخانا مەسئۇلى:  - سزدىگەندەك 7- ئاينىڭ 5- كۇنى يۈزبەرگەن بۇ ھەققانىي نامايىش توغرىسىدىكى مەلۇماتلار شاھىدلارنىڭ تېلفۇن زيارىتى، ھەم نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاران قېچىپ چېققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىزدىن ئىرىشكەن ماتېرياللار ئارقىلىق توپلانغان ماتېرياللاردىن ئىبارەت- دىدى. مەن سۇزۇمنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتىم. شۇ چاغدا چەتئەلدىكى  ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇمچىگە يا كىرگۈزمسە، يا تېلفۇن زىيارىتىگە رۇخسەت قىلمىسا،  بەزى يوللار بىلەن مىڭ تەستە تېلېفۇن ئالغان قېرىندىشىمىز ئاران شۇنچىلىك  گەپ قىلالىسا، مۇناسىۋەتلىك رەسىم، ۋىدىيولار كۆپلەپ بولمسا.  ئەگەر شۇچاغدا سىزگە تېلېفۇن ئۇلانسا سىز ھەقىقى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتالامسىز؟ ھازىر بولسىمۇ ئاشكارىلاشقا جۇرئەت قىلالامسىز؟ دىگەن سۆزلەرنى قىلىۋاتقان كىتاپخانا مەسئۇلىغا قاراپ لازىدەك قىزىرىپ كەتتىم .

-راست،  ھازىر شەرقى تۈركىستاندا قاتتىق كۇلگىلى بولمايۋاتقان تۈرسا، ئو ھەققى ئەھۋالىنى ئېيتش ..... ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئاشۇ  تېنچ، ھەققاني نامايىشقا باشتىن ئاخىرى تولۇق قاتناشقان بولسىڭىز، ھەقىقى ئەھۋالنى يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە بىلسىڭىز يېزىپ چېقىڭ!  شۇندىلا خەلقىمىزگە يۈزكىلەلەيسىز!  بۇنى يېزىپ چېقىپ كومونىسىت خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ بىزگە قىلغان، ئەتكەنلىرىنى پۇتكۇل ئالەمگە ئەمدى بولسىمۇ ئاشكارلىشڭىز كېرەك!

 شۇنداق،  مېنىڭ روھىمغا تولۇق كەشتىلەنگەن  2009 - يىلى 7- ئاينىڭ 5-كۇندىكى تىنچ، ھەققاني نامايىشنى كومۇنىست ئالۋاستىلىرى قانلىق 5- ئىيۇن دەپ ئاتايدۇ. مەن مۇقەددەس ئاللاھنىڭ نامىنى ئېغىزغا ئىلىپ قەسەم ئېچىپ تۇرۇپ بۇنى يازىدىغان بولدۇم.

«ئەتە ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەيداندا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يەنە ئەرىز-شىكايەت قىلىدىكەن» دېگەن گەپ-سۆز ئۈرۈمچىدە نۇقتىلىق توپلىشىپ ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن ئىدى.                       

2009- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگەن شەھىرىدىكى شۈرۈي ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان قىزلار ئارىسىدىكى ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان ئككى پاك ئۇيغۇر قىزىغا، شۇ زاۋۇت سېخىنىڭ مۇقىملىقىغا مەسئۇل ئككى گۇندىپاي خىتاي باسقۇنچىلىق قىلغان. بۇ پاك قىزلار ئىپپەت-نۇمۇسىنىڭ دەپسەندە بولغانلىقىغا چىدىماي، ئۇيغۇر ئىپپەت- نومۇس قارىشىنى نۇرلاندۇرۇپ ئۆلىۋالغان.

نىككو ماكياۋىلنىڭ «ئاجىزلارنىڭ تارىخى تەكرارلىندۇ» دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك، زاۋۇت پارتكوم رەھبەرلىرى تۇرغۇنلۇقتا تۇرىۋاتقان، بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئىككى ھەمراھىنىڭ بىئەجەل خازان بولغان ئۆلۈم سەۋەبىنى نۈمۇس قىلماستىن شەرمەندىلەرچە ئۆزىگە ئارتقان، ھەمدە بۇ ئىشنى سرىتقا ئاشكارلاپ ئۇچۇر تارقىتدىغانلار بولسا قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى، يۇرت ماكانىغا قايتۇرمايدىغانلقىنى ئېيتقان.

بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئاتا- ئانىسىغا-  قىزلىرىنىڭ توك مەشخۇلاتىنى خاتا قىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۇن شىركەت پارتىكوم رەھبەرلىرىنىك، بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى ھەمدە سەمىمىي-ھال سورايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئاخىرەتلىك ئشلىرىنى ئۆزلىرى قىلماقچى بولسا يول كىراسىى ۋە ئاخىرەتلىك خىراجەتلىرىنى تولۇق بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

تارىختا ئۆچمەس، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلار ھازىر سىرتقى دۇنيادىن، ئەركىن ئىجتىمائىي ئاڭدىن، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۋاتقان پەن-تېخنىكا  كەشپىياتلىرىدىن تامامەن ئايرىپ تاشلىنىپ، ئېغىلغا سولانغان قويغا ئوخشاپ قالغان. توغرىسىنى دېگەندە ئىسسىق قېنى ئېقىپ تۇرغان ئلغىدىكى گۆشكە ئايلىنىپ قالغان.ئەسلىدە ئاياللار فىرانسۋانىڭ دېگىنىدەك  «ئاياللار بىر قولىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا مىللەتنى تەۋرىتىدۇ» دەپ تەرىپلىنىدىغان تۇرۇقلۇق،  ئككى غۇنچىنى ۋەھشى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەن ياۋۇزلارنىڭ كەينىدە  مەلئۇن كوممۇنىست خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ قارا قولى بولغاچقا يۇقىرىقىدەك نۇمۇسسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلالىغان.

داۋامى بار

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ