ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە VETO ھوقۇقىنىڭ قارا يۈزى

سىراجىدىن ئەزىزى

دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ئۆز سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرش، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش، غايە – مەقسەتلىرىگە يېتىش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، باشقىلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. 1949- يىلى 24- ئۆكتەبىر دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىر يەرگە كېلىپ قۇرۇپ چىققان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ دەل شۇ مەقسەتتە قۇرۇپ چىقىلغان. زومىگەر دۆلەتلەر تارىختىن بىرى مىللەتلەرنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش، ئۇلارنى ئېزىش، خەلقئارا قانۇن نامى ئاستىدا ئىنسان ھەقلىرىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى(ب د ت)نى كوزىر قىلىپ كەلدى. ب د ت گە 193 دۆلەت ئەزا بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدە دۇنياغا مۇھەببەت، ئادالەت، تىنچلىقنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل، يېقىملىق شوئارلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرغىچە ب د ت نىڭ قارارلىرى كۈچلۈك، مۇشتۇمزور دۆلەتلەرگە ئىجرا قىلىنىپ باققان ئەمەس.

ب د ت قارىمىقىدىكى خەۋسىزلىك كېڭىشى بولسا، پەقەتلا دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاش، ب د ت گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ 7- ماددىسىغا ئاساسەن قۇرۇلغان. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولۇپ، كېڭەش ماقۇللىغان قارارلارنى ئىجرا قىلىدۇ.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە 15 دۆلەت ئەزا بولغان. ئامېرىكا، چىن، رۇسىيە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەت خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدۇر.مەزكۇر 5 ئەزاغا VETO ھەققى( ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى) بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەر ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىك بۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ VETO ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ خەۋپسىزلىك كېىشىنىڭ قارارلىرىغا قارشى تۇرالايدۇ. ئەسلىدە ب د ت نىڭ نىزامنامىسىدە VETO ھەققى دېگەن ماددا يوق، لېكىن ئېتىراز ھەققى بار بولۇپ، ۋاقتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەزكۇر ئېتىراز ھەققى دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان، دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاش ئەمەس، ۋەيران قىلىدىغان ھوقۇققا ئايلىنىپ قالدى. ئەسلىدە VETO سۆزى لاتىنچە ئېتىراز بىلدۈرۈش مەنىسىدە بولۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ كەلمەكتە. VETO ھەققىنى ئىگىلىۋالغان مەزكۇر 5 دۆلەت ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، دۆلەتلەرنىڭ خوجىلىقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، بايلىقلىرىنى سۈمۈرمەسلىكتەك ھوقۇقلارنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن VETO ھەققىنى قولىغا كەلتۈرىۋالغان. ب د ت قۇرۇلغاندىن بىرى مەزكۇر بەش دۆلەت 257 قېتىم VETO ھەققىنى قوللانغان بولۇپ، رۇسىيە 123 قېتىم، ئامېرىكا 76 قېتىم، ئەنگىلىيە 32 قېتىم، فرانسىيە 18 قېتىم، چىن 8 قېتىم قوللانغان.

مەزكۇر دۆلەتلەر تارىختىن بىرى ئىشلەتكەن VETO ھوقۇقلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە پۈتمەس – تۈگىمەس ئەلەملەر، ساقايماس قانلىق يارىلارنى قالدۇردى. 1948- يىلى ئىسرائىلىيە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيتى قۇرۇلغاندىن بىرى ئامېرىكا پەلەستىنگە قارشى خەۋپسىزلىك كېڭەشتە 36 قېتىم VETO ھەققىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ 65 يىل ئاسارەتتە ياشاش، مۇھاجىرەتتە ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش پاجىئەسىگە سەۋەب بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بىرى سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە چاپان ياپقان رۇس، چىن قوش VETO سى بولۇپ، 2011- يىلى 4- ئۆكتەبىر سۈرىيە رىجىمىنى قوللاپ ئىشلىتىلگەن VETO ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇدا تۆت قېتىم بەششار ئەسەد رىجىمىنى قوللاش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن. مەزكۇر تۆت قېتىملىق قوش VETO سۈرىيە خەلقىدىن 300 مىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، 9 مىليون ئادەمنىڭ ئۆز يۇرتى ۋە ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇشىغا سەۋەب بولدى. رۇسلار ۋە چىنلەر بەششار ئەسەد رىجىمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىل – پاكىتلىق بىلىپ تۇرۇپ VETO ھەققىنى قوللىنىشى VETO دۆلەتلىرى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلىشتىنمۇ تەپ تارتمايدىغانلىقىنى، بىگۇناھ خەلقلەرنىڭ ھاياتى، بىخەتەرلىكىنى قىلچە ئويلىشىپ قويمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

سۈرىيە كىرزىسىغا قارىتا VETO ھەققىنى ئىشلەتكەن دۆلەتلەر بەششار رىجىمىنىڭ بارلىق قانۇن – تۈزۈملەرنى، ئىنسان ھەقلىرىنى، بەلكى ئىنسانىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ پۇقرالىرىنى قەستەن ئۆلتۈرۈش، تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈش، مۇھاسىرىگە ئېلىپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرشتەك ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بەششار ئەسەد رىجىمىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن رۇس، چىن ۋە ئىران سىياسىيۇنلىرى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالدى.

VETO ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۆز ئىمتىيازلىرى ئارقىلىق جازا، ئىمبارگولاردىن قۇتۇلۇپ كەلگەچكە دۇنيا تىنچلىقىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بەردى ھەم بېرىۋاتىدۇ. بۇندىن بۇرۇنمۇ رۇسلا VETO ھوقۇقى ئارقىلىق ئافغانىستان، چېچىنىستان، جورجىيە ۋە ئوستىيەلەردە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ جازالىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا بولسا رۇس VETO سى بوسنىيە – ھەرسەكتە(بوسنىيە – گېرتىسېگوۋېنا) 200 مىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، بىر مىليۇندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ يۇرتلىرىدىن پالىنىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

يېقىندىن بۇيان VETO ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرگە قارىتا دۇنيانىڭ بېسىمى كۈچەيمەكتە، شۇنداقتىمۇ مەزكۇر دۆلەتلەر پۈتۈن دۇنيا سىستېمىسىنى ۋەيران قىلسىمۇ VETO ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغاندەك ئەمەس. بولۇپمۇ تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ داۋاملىق دۇنيا بەشتىن بۈيۈكتۇر دەپ تەكىتلىشى ب د ت دىكى ئادالەتسىز تۈزۈمگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلااۋاتقانلىقىنىڭ مىسالى. دۇنيا خەلقىنىڭ تەقدىرىنى مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ ئىنسابىغا تاپشۇرۇش دۇنيادا تىنچلىق، ئادالەت ۋە ئىنسانىي پاراۋانلىقلارنى بەرپا قىلىشنىڭ پەقەت خام خىيالدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئەمەلىيەتتە، ب د ت قۇرۇلغاندىن بىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسى، تۈزۈملىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياكى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسى بولۇپ باققىنى يوق. بۇ ئىشلارنىڭ شۇنداق داۋاملىشىشى VETO ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق دەخلى – تەرۇزغا ياكى چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن ئۆزىنىڭ غەيرى ئىنسانىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا زېمىن ھازىرلىغان. مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ پىرىنسىپ، تۈزۈملىرىنى ئۆزىنىڭ ئامانلىقى، مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئاساسىغا ئورناتقان ۋە ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئتى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، تەپەككۇرى، مەدەنىيىتى ئۇرۇش قوزغاش، ئاجىزلارنىڭ بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈشنىلا نىشان قىلىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىكەن دۇنيا تىنچلىقى، ھەققانىيەت، ئادالەتتىن سۆز ئېچىش بىمەنىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

VETO ھوقۇقىىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىمتىيازىغا تايىنىپ ئىشلەتكەن VETO ھوقۇقلىرى ھەمدە سەۋەبلەرگە قارايدىغان بولساق ھېچقاچان ھەققانىيەت، ئادالەت، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ياكى مەلۇم بىر دۆلەت ، بىر مىللەتنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلەتمەستىن، بەلكى مەنپەئەت، سىياسىي غەرەز، ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا قوللانغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ بىرىگە بېقىندى بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان. نەتىجىدە قۇتۇپلىشىش يۈز بېرىپ ھەققانىيەت، ئادالەت، ئىنسان ھەقلىرىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر مەۋجۇت بولمىغان. ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، خەلقئارا سەھنىلەردە ئىجابىي پىكىر بېرىشتىنمۇ ئاجىز كېلىدىغان پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا ئوبدان نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق، بۇ كېڭەشنىڭ كەلگۈسىدىمۇ دۇنيادا ھەقىقىي بىر تىنچلىق، ئادالەت بەرپا قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

ئۇنداقتا، ب د ت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى قالدى؟ كېڭەشتىكى بەش دۆلەت قانداقسىگە VETO ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەتچىلىرى بولالايدۇ؟!

دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ھەقىقىي ئادالەت، ئىنسان ھەقلىرى ھوقۇقى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار چۈشەۋاتقان دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ب د ت قارىمىقىدىكى بارلىق ئورگانلارنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى، نىزاملىرى ئىسلاھ قىلىنمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى.

دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان بىمەنە ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىق، قىرغۇچ قوراللارنىڭ مۇدھىش دەرىجىدە تارقىلىپ كېتىشى، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان يۈزمىڭلاچە بىگۇناھ ئادەملەر، ئىرقىي كەمسىتىش، ئىدېئولوگىيە ۋە مەزھەب توقۇنۇشلىرى دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىگە يوقۇملۇق ۋابادەكلا تارقىلىپ كېتىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دۆلەتنىڭ VETO ھوقۇقى ئۈستىدە باش قاتۇرمىسا بولمايدىغان رېئاللىققا زورلىماقتا.

مەرىپەت ژورنىلىنىڭ 2015- يىللىق 2- سانىدىن

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ